كۈچلۈك خەلقئارالىق بېسىم ۋولكىسۋاگېننى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىدى
2024.11.27
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-نويابىر ئېلان قىلغان «ۋولكىسۋاگېن شىنجاڭدىكى مۇلازىمىتىدىن چېكىندى، زاۋۇت ۋە سىناق يوللىرىنى ساتماقچى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلقئارادا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق» دەپ قاتتىق ئەيىبلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى تاقاشقا جاھىللىق بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلگەن ۋولكىسۋاگېن، مانا ئەمدى كۈچلۈك خەلقئارالىق بېسىم ۋە ئىقتىسادىي مۈشكۈلاتلار سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان.
خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋولكىسۋاگېن ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنى ۋە ئاپتوموبىللارنى سىناق قىلىش ئۈچۈن ياسىغان يوللىرىنى خىتاينىڭ شاڭخەيدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر ئاپتوموبىل زاۋۇتىغا سېتىپ بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ۋولكىسۋاگېن گېرمانىيەدىكى 3 زاۋۇتىنى تاقىغان ۋە يەنە بەزى زاۋۇتلىرىنى تاقاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ئېلان قىلغان ئىدى.
خەۋەردە مۇنداق بايان قىلىنغان: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەۋجۇتلۇقى باش ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى، چۈنكى مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ ئاپتوموبىل سودىگەرلىرىگە بۇ رايوندىن چېكىنىش ھەققىدە ئىزچىل بېسىم قىلىپ كەلدى. كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدا بۇ رايوندىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ خاتىرىلىرى بار، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە جازا لاگېرلىرىدىكى زور كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بېيجىڭ بولسا بۇنداق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلدى.»
د ئۇ ق رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىن چېكىنىشىگە د ئۇ ق ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى بېسىملىرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن. نېمىلا بولمىسۇن، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىن چېكىنىشىنى «ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر خۇش خەۋەر»دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ بۇ قارارنى ئېلىشىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بەلگىلىك رولى بولغان.
گەرچە مەتبۇئاتلار ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىن چېكىنىشىگە كۈچلۈك ئىقتىسادىي ھەم تېخنىكىلىق رىقابەتلەرنىڭمۇ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، يىللاردىن بۇيان ۋولكىسۋاگېنغا قارشى پائالىيەتلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە خىزمەت قىلىپ كەلگەن گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىشىدىكى تۈپ سەۋەب، ئىقتىسادىي مەسىلىگە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە باغلىنىدىكەن. ئۇ سۆزىدە، د ئۇ ق نىڭ ئۇزۇن مەزگىللەردىن بۇيان ۋولكىسۋاگېنغا بېسىم ئىشلىتىپ، تالاي قېتىم ۋولكىسۋاگېننى خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلاشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۈرۈمچىدىن چېكىنىشى، باشقا چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىن چېكىنىشىگىمۇ بەلگىلىك تەسىرلەر كۆرسىتىدىكەن.
ھالبۇكى، «ۋولكىسۋاگېن شىنجاڭدىكى مۇلازىمىتىدىن چېكىندى، زاۋۇت ۋە سىناق يوللىرىنى ساتماقچى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئەلمىساقتىن مەنپەئەت ئۈچۈن ھەرقانداق مۇستەبىتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشتىن باش تارتماي كەلگەن ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئۈرۈمچىدىن چېكىنسىمۇ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاپتوموبىل شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تاكى 2040-يىلىغا قەدەر داۋاملاشتۇرىدىكەن.