ۋاڭ خۇنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.05.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
wanghuning-konasheher خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئاياغمەنگەن كەنتىدە زىيارەتتە بولغان. 2023-يىلى 22-ماي.
xjzx.gov.cn

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «شىنجاڭ ئىشلىرى» غا مەسئۇل ئالىي رەھبىرى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 22-مايدىن 24-مايغىچە ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغان. ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى «شىنجاڭ خىزمىتى» نىڭ يۆنىلىشىگە دائىر مۇھىم كۆرسەتمىلەرنى بەرگەن.

بۇ، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي مەركىزىي كومىتېتى «شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى بولغان ۋاڭ خۇنىڭنىڭ 2022-يىلى 11-ئايدىكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا سىياسىي بيۇرونىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا قايتا سايلانغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ يىل 3-ئايدىكى خەلق قۇرۇلتىيىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىشلىرىغا بىۋاسىتە مەسئۇل بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم رايوندا تەكشۈرۈشتە بولۇشىدۇر. بۇ قېتىم بېيجىڭنىڭ ۋاڭ خۇنىڭ ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىنكى «شىنجاڭ خىزمىتى» نىڭ يۆنىلىشى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 2016-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» نىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ۋاڭ خۇنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بەزى غەرب پارلامېنتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تەرىپىدىن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسىتىلگەن خىتاينىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى «تولۇق ۋە توغرا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سېلىش» نى تەلەپ قىلغان.

ئۇنىڭ قەشقەردە قىلغان سۆزىدە كۆرسىتىشىچە، «شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق تەستە قولغا كەلگەن بولۇپ، بۇنى بارلىق تىرىشچانلىقلار بىلەن قەدىرلەش ۋە مۇستەھكەملەش» ، «ھەر مىللەت ئاممىسى خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك بىر-بىرىگە مەھكەم ئۇيۇشۇشى كېرەك» ئىكەن. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسلىق نەزەرىيەچىلىرىدىن بىرى، خىتاينىڭ شى جىنپىڭ دەۋرىدە يولغا قويۇلغان «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش نامىدىكى ئاسسىمىلاتسىيەنى نىشان قىلغان 2-ئەۋلات ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىنى لايىھەلىگۈچى شەخسلەردىن بىرى، دەپ قارالغان ۋاڭ خۇنىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۇيۇقسىز تەكشۈرۈشتە بولۇشى، خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئالدىنئالا ئېلان قىلىنمىغان. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ تەكشۈرۈشتە بولۇشىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 24-ماي كۈنى خەۋەر قىلغان.

ۋاڭ خۇنىڭ خەلقئارانىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتا رايوندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختىتىش، بۇنىڭغا مەسئۇل كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىش توغرىسىدىكى بېسىمى داۋاملىشىۋاتقان، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەن مۇناسىۋىتى يۇمشاشقا قاراپ مېڭىش مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان، لېكىن خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر بېشارەت كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ۋاقىتتا، رايوندا تەكشۈرۈشتە بولغان. رايون ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ خۇنىڭ رايوندا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يەرلىك دائىرىلەرگە بەرگەن كۆرسەتمىسى خىتاينىڭ رايوندا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «مۇتلەق بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى» نى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارىلاشتا مۇھىم رول ئوينىغان مۇتەخەسسىس، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنز 23-ماي كۈنى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ۋاڭ خۇنىڭنىڭ مۇقىمسىزلىق ياكى پارتىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشقا قارشى مۇتلەق بىخەتەرلىكنىڭ يەنىلا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. شۇڭا، ئۇ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە پارتىيەنىڭ تولۇق كونتروللۇقنى ساقلاشقا بويسۇنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەن رايوندا بىر خىل مۇتلەق بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى يەنە داۋاملىشىدۇ، دەپ قارايمەن.»

دوكتور ئادرىئان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاڭ خۇنىڭ قارىماققا ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقىنى ئىپادىلەشكە، بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى گەۋدىلەندۈرمەسلىككە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئاستىرتتىن يەنىلا مۇتلەق بىخەتەرلىكنى تەكىتلىگەن. ئادرىئان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، مېنىڭچە ۋاڭ خۇنىڭنىڭ سۆزى قارىماققا رايون ۋەزىيىتىدە نورماللىشىش بولغانلىقىنى، بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەمەسلىكىنى سۈرەتلەش بىلەن بىردەك بولسىمۇ، لېكىن ئاستىرتتىن مۇتلەق بىخەتەرلىكنى تەكىتلىگەنلىكى روشەن.»

ۋاڭ خۇنىڭنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى تەكشۈرۈشىدە يەرلىك دائىرىلەرگە بەرگەن ئەڭ مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ بىرى، رايوندىكى خەلقلەردە بەشنى ئېتىراپ قىلىشنى، خۇسۇسەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭى» نى ئېتىراپ قىلىش، «جۇڭخۇا مەدىنىيىتى» نى ئېتىراپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى بولغان. ئۇ ئۈرۈمچىدە قىلغان سۆزىدە، رايوندىكى خەلقلەردە «توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىي قارىشىنى تىكلەش» نى، «جۇڭخۇانى سۆيۈش ئۇرۇقىنى ھەر بىر كىشىنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش» نى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق تونۇشىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزمنى ئېتىراپ قىلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكى» نى ئېيتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان رايوندىكى چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدىكى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيىتىگە قايتا ئېنىقلىما بېرىشكە باشلىغان ئىدى.

ئەنگلىيەدىكى شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى، «شىنجاڭدا كىملىك ۋە بىخەتەرسىزلىك» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى دەيۋىد توبىن 23-ماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ۋاڭ خۇنىڭنىڭ «بەشنى ئېتىراپ قىلىش» دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتىگە قوشۇۋېتىشنى كۆزدە تۇتقان ئىكەن.

دەيۋىد توبىن مۇنداق دېدى: «بىز ۋاڭنىڭ باياناتى ۋە ئۇنىڭ قەشقەرنى زىيارەت قىلغانلىقىغا دائىر ئاخبارات خەۋەرلىرىدىن <بەشنى ئېتىراپ قىلىش> نامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان چاقىرىق ۋە تەشۋىقاتلاردا خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقى ۋە خاتىرىلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. بۇنىڭغا كۆرە، خىتاي خەلقى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ئىشەنچ باغلىشى كېرەك. بۇ خىل خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي خەن مەدەنىيىتى ئىكەنلىكىنى شەرھىيلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەدەنىيەتكە قوشۇلۇپ كېتىشىنى كۈتىدۇ.»

لېكىن دەيۋىد توبىننىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى «جۇڭخۇا مىللىتى» بولۇشقا مەجبۇرلىسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇزۇن مۇددەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەندەك نەتىجە بەرمەيدىكەن. دەيۋىد توبىن مۇنداق دېدى: «شۇڭا، ماھىيەتتە بۇ خىل بايانلارنىڭ مەنىسى، پارتىيە دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، بولۇپمۇ تۈركىي تىلى ۋە ئىسلامنى تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىكنىڭ بىر خىل شەكلى سۈپىتىدە يوقىتىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى، شۇنداقلا بۇ زوراۋانلىق ئارقىلىق يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۆزىنى خىتاي، دەپ تەرىپلەشكە مەجبۇرلاش ئۇرۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ. بىز بۇنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتە ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. خىتاينىڭ تەشۋىقاتى ۋە زوراۋانلىقى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز كىملىكىنى خاتا، دەپ قارىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ پارچىسى بولۇشنى قوبۇل قىلىشى، مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ.»

دەيۋىد توبىننىڭ قەيت قىلىشىچە، «چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكى بار بولۇپ، ئۇلار بۇنى ئۇنۇتمايدىكەن.»

ئامېرىكىدىكى بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ۋاڭ خۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر قانچە ئەۋلات رەھبەرلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە مەسئۇل كومپارتىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىدە، خىتاينىڭ «شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان ئىكەن.

ئامېرىكادىكى خىتاي پائالىيەتچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋ مۇنداق دەيدۇ: «ۋاڭ خۇنىڭ سىياسىي بيۇرونىڭ ئەزاسى بولۇشى سۈپىتىدە، بولۇپمۇ بىر قانچە ئەۋلاد خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدىكى يادرولۇق شەخس بولۇش سۈپىتىدە، ئۇ ئىدېئولوگىيە ۋە تۈزۈلمە جەھەتتىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈزۈمىنى ئاكتىپ قوللىشى ئېنىق. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقى مەلۇم.»

تېڭ بياۋنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي كومپارتىيەسى خەلقئارادا قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى قەبىھ قىلمىشى» نى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بېشارەت يوق ئىكەن. تېڭ بياۋ 24-ماي بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا: «مەيلى ۋاڭ خۇنىڭنىڭ شەخسىي ئىدىيەسى ياكى ئۇنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ۋە ياكى پۈتكۈل خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي ھېسابلىرى نۇقتىئىنەزەرىدىن بولسۇن، خىتاينىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئانچە خۇشاللىنارلىق ئەمەس. شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى تەرەپكە مېڭىشىنىڭمۇ ھېچقانداق بېشارىتى يوق. گەرچە خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى قەبىھ قىلمىشىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنىڭ ھېچقانداق بېشارەت يوق.»

شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دەيۋىد توبىننىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، نازارەت ئاستىغا ئېلىش دەۋرى ئاخىرلىشىپ، ئۇنىڭ رايوندا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشقان. شۇنداقلا ئۇنىڭ سىياسىتى ئىقتىسادىي ئېچىۋېتىشكە يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن كومپارتىيە بۇ خىل تىنچلىقنى يەنىلا ۋاقىتلىق، دەپ قارايدىكەن. ئۇ، ۋاڭ خۇنىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىلىپ، يەرلىك دائىرىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى بۇنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەيۋىد توبىن مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، كومپارتىيە رايوننىڭ سودىغا ئېچىلغانلىقى، سودا ئۈچۈن تېخىمۇ تىنچ مۇھىت يارىتىلغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا. پارتىيە دۆلىتى كونتروللۇقنى قولغا ئېلىپ، تېخىمۇ ئىشەنچ بىلەن ھەرىكەت قىلغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرىدىن بىرىنى رايونغا ئەۋەتىپ، يەرلىك دائىرىلەرنى ھازىرقى تىنچلىقنىڭ خەتەرلىك ھەم ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. چۈنكى، رايوندا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، رايوننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، شۇنداقلا كادىرلار ئارىسىدىمۇ نارازىلىق پەيدا قىلغان، بۇنى يەنە داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنسىز ئەھۋالغا كەلگەن.»

ۋاڭ خۇنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى نورماللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ: «شىنجاڭدىكى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە نورماللاشتۇرۇشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىزچىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساسىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك» دېگەن.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، ۋاڭ خۇنىڭ قەشقەردە ھېيتگاھ جامائەسى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىسى، ئۆستەڭ بويى ساقچىخانىسى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئاياغمەنگەن كەنتى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، پارتىيەنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.

ھالبۇكى، ئۇ تەكشۈرۈشتە بولغان قەشقەر ھېيتگاھ جامائەسىدە 2017-يىلدىن بېرى ناماز ئوقۇش توختىتىلىپ، خىتاي ساياھەتچىلىرىگە ئېچىۋېتىلگەن ئىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن يەنە ۋاڭ خۇنىڭنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە بەزى كارخانىلاردا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.