ۋاڭ يى ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى تەكرارلىغان
2024.02.20
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەت ئەربابلىرىنى ھەم شۇنداقلا سىياسەت ۋە تىجارەت ساھەسىدىكى مۇھىم زاتلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىدىغان نوپۇزلۇق سورۇنلارنىڭ بىرى بولغان «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى» دا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەن.
ئۇ، 16-فېۋرالدىن 18-فېۋرالغىچە 3 كۈن داۋام قىلغان يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 17-فېۋرال كۈنى يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن مەخسۇس زىيارەت قوبۇل قىلىپ، سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.
رىياسەتچى ۋاڭ يىغا خىتابەن بۇ يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ ئىككى چوڭ شىركىتى بولغان «ۋولكىسۋاگېن» ۋە داڭلىق خىمىيە سانائەت ماگناتى بولغان BASF شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەدبىرلەرنى بەلگىلىگەنلىكىنى دېگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ھازىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بىر قانچە يىل ئاۋۋال ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە « سىلەر بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلماقچى؟ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەنقىدلەرنىڭ يەنە چىقماسلىقى ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بولسا بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىنى « يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ھەققىدە نۇرغۇن يالغان-ياۋىداق سۆزلەر ئويدۇرۇپ چىقىلدى. مەن تۆۋەندە سىزگە بىر قانچە ئىستاتىستىكىلىق مەلۇمات بىلەن ئەمەلىيەتنى دەپ بېرەي» دېگەن سۆز بىلەن باشلىغان. ئۇلار «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان ۋاقىتتا 2 مىليونغىمۇ يەتمەيتتى، ھازىر 12 مىليونغا يەتتى، بۇ قانداقمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولسۇن؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئۆز ۋاقتىدىكى 30 ياشتىن ھازىر 75 ياشقا كۆتۈرۈلدى. بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى ئەمەسمۇ؟ شىنجاڭدا دىنىي ئەركىنلىكمۇ ناھايىتى ياخشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. مەسىلەن شىنجاڭدا ھەر 530 مۇسۇلمانغا بىر مەسچىت توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت بۇ مەسچىتلەرنى ياساش، قوغداش خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىدۇ» دېگەن.
ۋاڭ يى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل، يېزىق ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى قوغدىلىۋاتقانلىقى، رايوندىكى دۇكانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايچە ۋە شۇ يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يېزىقى بولۇپ ئىككى خىل تىلدا يېزىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ۋاڭ يىنىڭ پولاتتەك پاكىتلار ئالدىدىمۇ يالغانچىلىق قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
دولقۇن ئەيسا ۋاڭ يىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا 2 مىليونغا يەتمەيتتى» دېيىشىنىڭ ئۆزىنىڭ يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ خىتاي ئىستاتىستىكىسىنىڭ ئۆزىدىلا 1950-يىلىنىڭ بېشىدىلا 3 يېرىم مىليون دەپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى، 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنىڭ 200 مىڭدىن سەل كۆپ بولۇپ، نوپۇسنىڭ %5 نى تەشكىل قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا %75 بولۇپ، رايوندىكى ئەڭ كۆپ سانلىق مىللەت ئىكەنلىكى، ھازىر بولسا خىتايلارنىڭ بۇ جايدا نەچچە ئون ھەسسە كۆپىيىپ، ھەممە ئورۇنلارنى ئىگىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن چەكلەپ، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى شۇ كۈنى سۆزى داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىمۇ رەت قىلغان. ئۇ « ئەجەبا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى يوقمۇ؟ سىلەر مەجبۇرىي ئەمگەك دېگەن باھانە بىلەن ئۇلارنى ئىشسىز قويساڭلار، ئىشلىگىلى قويمىساڭلار، ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتىنى ساتقىلى قويمىساڭلار، بۇ ئىنسانپەرۋەرلىككە توغرا كېلەمدۇ؟» دەپ سۆز قىلغان. ئۇ يەنە كىشىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ بىۋاسىتە بېرىپ، ئەمەلىيەتنى كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە پاكىتلىق دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ بۇ ھەقتە مۇھىم قانۇن – تەدبىرلەرنىڭ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بولسا رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان تەشۋىقات لىنىيەسى بىلەن ئوخشاشلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ۋاڭ يىنىڭ دېگەنلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن تەشۋىقات ھېكايىلىرى بىلەن ئوخشاش. ئۇلار داۋاملىق ‹شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك يوق، ھەممىسى يالغان. شىنجاڭلىقلار ئىجابىي تەرەققىياتتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ› دەيدۇ. بىراق ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە. ئۇلار زىيارەتچىلەرنىڭ بېرىشىغىمۇ يول قويمايدۇ.»
دوكتور ئادرىيان زېنز يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پاكىتقا ئاساسەن تەييارلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹يالغاننى تەكرارلاۋەرسە، راستقا ئايلىنىدۇ› دېگەن پەلسەپىسىنى قوللانماقچى بولۇۋاتىدۇ»، دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
« رايوندا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت. بىزنىڭ بۇ ھەقتە شاھىتلىرىمىز ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىمىز بار. بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى چىقارغان دوكلاتىمدا بىر لاگېر شاھىتى ئايال ئۆزى بىلەن بىر كامېردا ياتقان ئىككى ئايالنىڭ دۆلەت قوللىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى بويىچە باشقا جايغا ئەمگەككە بېرىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا قامالغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا كىرىپ -چىقىشنى كونترول قىلالىغانلىقى ئۈچۈن باشقا بىر رېئاللىقنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ ،شۇڭا ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. قىسقىسى، يالغاننى مىڭ قېتىم دېسەڭ، كىشىلەر ئاخىرى ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالىدۇ، دېگەن مەنتىقە بويىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.»
دەرۋەقە، خىتاينىڭ يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى، يەنى CGTN قاتارلىق تور بەتلەردە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرگە قارشى ئىشلەنگەن تەشۋىقات فىلىملىرىدا چىقىرىلغان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئىشچىلارمۇ دەل يۇقىرىقىدەك «بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەر بىزنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىمىزنى تارتىۋالدى، ئۇلار بىزنى جان باققىلى قويمىدى» دېگەندەك ئىبارىلەرنى قوللانغانىدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولسا «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى» دەك خەلقئارالىق سورۇنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش پۇرسىتى بېرىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىشلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، بۇنداق سورۇنلاردا بۇندىن كېيىن ئۆكتىچى ئاۋازلارغا كۆپلەپ پۇرسەت بېرىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، نۇرغۇن پائالىيەتچىلەر ۋە لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان گۇۋاھچىلار «X» تىكى ئىنكاسلىرىدا ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەن.