ۋاشىنگتوندا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىغان
2025.02.05
dc-namayish-ghulja-01

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 28-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 5-فېۋرال، ۋاشىنگتون RFA/Shadiye

dc-namayish-ghulja-06

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 28-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 5-فېۋرال، ۋاشىنگتون RFA/Gulxumar

dc-namayish-ghulja-02

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 28-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 5-فېۋرال، ۋاشىنگتون RFA/Shadiye

dc-namayish-ghulja-03

dc-namayish-ghulja-05

5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 28-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىنىڭ كۆرۈنۈشى. 2025-يىلى 5-فېۋرال، ۋاشىنگتون RFA/Gulxumar

dc-namayish-ghulja-04

dc-namayish-ghulja-07

1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ كۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى چەكسىز قايغۇ ۋە كۈچلۈك نەپرەت ئىچىدە خاتىرىلەيدىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 5-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىش مەيدانىدا ئاي يۇلتۇزلۇق «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» نى لەپىلدىتىپ تۇرغان ئۇيغۇر جامائىتى قولىغا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز! ھەرگىز ئۇنۇتۇلمايدۇ!»، «خىتاي! ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈشنى توختات! »، «خىتاي! ئورگان يىغىشنى توختات!» قاتارلىق لوزۇنكا-پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم-زوراۋانلىقىغا بولغان قارشىلىقىنى بىلدۈردى. نامايىشچىلار يەنە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات!»، «شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرلۈك» «قاتىل خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال!» دېگەندەك شوئارلارنى ياڭرىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەبىت زوراۋانلىقلىرى ۋە باستۇرۇشىغا بولغان نارازىلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرېكتورى ئۆمەر قانات نامايىشتا سۆز قىلىپ، 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» دەپ قارىلىنىپ، قانلىق باستۇرۇلغان بۇ ۋەقەنى، شۇنداقلا ھەق يولدا شېھىت بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئەينى چاغدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى، جۈملىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن 28 يىل ئىلگىرى پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارى ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردا پاجىئەلىك ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان بۇ قانلىق باستۇرۇشنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

بۇ قېتىملىق نامايىشقا يەنە بىر قىسىم خوڭكوڭ ۋە تىبەت پائالىيەتچىلىرىمۇ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە توپلاندى. ئۇلار ئۆزلىرى ھەيدىگەن ماشىنىغا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چوڭايتىلغان رەڭلىك سۈرىتىنى ئېسىپ، «قاتىل شى جىنپىڭ!»، «شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۇن!» دېگەندەك شوئارلارنى ياڭرىتىپ، نامايىش ئاخىرلاشقانغا قەدەر خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ماشىنا بىلەن نەچچە رەت ئايلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى غەزەپ-نەپرەت ۋە نىداسىنى نامايان قىلىشىغا دەستەك بولدى.

 بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر نامايىش ئارىلىقىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر نارازىلىق نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە خاتىرىلەش ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.

«5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 28-يىللىق خاتىرە مۇناسىۋىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن بۇ قىرغىنچىلىقنى خاتىرىلىمەكتە. 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى يۈز بېرىپ، ئارىدىن 28 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى بۇ كۈننى «ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقى ۋە ئۇنتۇلدۇرمايدىغانلىقى» نى دۇنياغا جاكارلاپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.