مىركامىل ۋە WTFkistan روك مۇزىكا ئەترىتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2024.07.23
mirkamil-turghun-01-1024 تالانتلىق سەنئەتكار مىركامىل تۇرغۇن
Mirkamil turghun

مىركامىل تۇرغۇن 1983-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 2005-يىلى فىرانسىيەگە ئوقۇشقا چىققان بولۇپ، پارىژدىكى لېئونارد داۋىنچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۈچ ئۆلچەملىك (3D) كارتون فىلىمىنى ئاساس قىلغان رەقەملىك فىلىم ئىشلەش كەسپى بويىچە باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان.

تالانتلىق سەنئەتكار مىركامىل تۇرغۇن ۋە ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتى
تالانتلىق سەنئەتكار مىركامىل تۇرغۇن ۋە ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتى
Mirkamil turghun

مىركامىل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزى كىچىكىدىن ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا بىلەن ئوقۇغان كەسپىنى بىرلەشتۈرۈپ نۇرغۇن ئىجادىي مۇزىكىلارنى ئىشلىگەن ۋە بەزى كىچىك سەھنىلەردە ئورۇنلىغان. 2022-يىلى نورۇزدا «WTFkistan» روك مۇزىكا ئەترىتى نامى بىلەن رەسمىي سەھنىگە چىققان.

ئۇنىڭ مۇزىكا ئەترىتى ھازىرغىچە «سېغىنىش»، «ئاپتاپسىنىش»، «ئاچ ئەرۋاھ» قاتارلىق 14 ئىجادى ناخشا ئېلان قىلغان. بۇ يىل 5-ئىيۇل كۈنى داڭلىق شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «ئاھىم» ناملىق شېئىرىغا ئىشلەنگەن مۇزىكا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

داڭلىق شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «ئاھىم» ناملىق شېئىرىغا ئىشلەنگەن مۇزىكىنىڭ مۇقاۋا رەسىمى
داڭلىق شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ «ئاھىم» ناملىق شېئىرىغا ئىشلەنگەن مۇزىكىنىڭ مۇقاۋا رەسىمى
Mirkamil turghun

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياش، تالانتلىق سەنئەتكار مىركامىل تۇرغۇننى بۈگۈنكى سۆھبەت پىروگراممىمىزغا تەكلىپ قىلدۇق. ئۇنىڭ بىلەن روك مۇزىكىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ باشلىنىشى، فىرانسىيەدىكى ھاياتى ۋە ئۇنىڭ «WTFkistan» روك مۇزىكا ئەترىتى ۋە مۇزىكىلىرىدىكى ئىسيانكارلىق روھىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە پاراڭلاشتۇق.

سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.