VOC نىڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتى: «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى بېكىتىشتە يېتەرسىز قالدى! »
2023.11.20

ۋاشىنگتوندىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» 20-نويابىر كۈنى «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» ۋە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئېنىقلاش ۋە باھالاش ئۆلچىمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەدبىقلىنىشىغا قارىتا يەنە بىر يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» 2012-يىلى ئېلان قىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈش قوللانمىسى» ، شۇنداقلا ياۋروپا كومىتېتىنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش لايىھەسى» خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك پىروگراممىسىنى ئېنىقلاش، بېكىتىش ۋە باھالاشتا يېتەرسىز قالماقتا ئىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى» 2012-يىلى ئېلان قىلغان «مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈش قوللانمىسى» ئۇيغۇر رايونىغا ئوخشاش جايلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى بايقاشتا مەلۇم رول ئوينىغان. ئەمما بۇ قوللانما خۇسۇسى كارخانىلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئېنىقلاشنى چىقىش نۇقتىسى قىلغاچقا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەر خىل شەكىللىرىنى بايقىشى ۋە باھالىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆزگەرتىشى كىرگۈزۈش كېرەك» ئىكەن.
بۇ دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ 2012-يىلى چىقارغان تۇتقۇن سىرتىدا يۈرگۈزۈلگەن دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى تەكشۈرۈش قوللانمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سىستېمىلىق باھالاش ئېلىپ بېرىشىدۇر. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ قوللانمىسىدىكى كەڭ قوللىنىلىۋاتقان 11 خىل كۆرسەتكۈچى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆلچەشنى چىقىش قىلمىغان. بىراق بۇ خىل نامۇۋاپىق كۆرسەتكۈچلەر دائىم ئۇيغۇر رايونىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە، جۈملىدىن ياۋروپا كومىتېتىنىڭ يېقىندا سۇنۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش لايىھەسىدىمۇ قەيت قىلىنماقتا ئىكەن.
دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياۋروپا كومىتېتى ياكى ياۋروپا پارلامېنتى تۈزىگەن مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش لايىھەلىرىدە ئىككى ھالقىلىق مەسىلە بار ئىكەن. ئۇ 20-نويابىر بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ بۇ دوكلاتنى شۇنىڭغا قارىتا تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ دوكلاتنى ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىدىن خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن تەييارلىدىم. چۈنكى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا كومىتېتى مەجبۇرىي ئەمگەكتە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپادا سېتىلىشىنى چەكلەشنىڭ تۇنجى قانۇن لايىھەسىنى تۈزدى. لېكىن بۇ لايىھەلەردە ئىككى ھالقىلىق مەسىلە مەۋجۇت. »
ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىككى ھالقىلىق مەسىلىنىڭ بىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لايىھەسىدە ئىمپورت مەھسۇلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش شىركەتلەرگە يۈكلەنمىگەن. ئىككىنچىسى، ئۇ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك باھالاش قوللانمىسىدىكى 11 خىل مەجبۇرىي ئەمگەك كۆرسەتكۈچىنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلغان ئىكەن. ئادرىيان زېنز مەجبۇرىي ئەمگەكنى باھالاشنىڭ بۇ 11 خىل كۆرسەتكۈچى دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆلچەشنى چىقىش قىلمىغانلىقى، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كەڭ كۆلەمدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى چۈشىنىشىگە كاشىلا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «11 خىل ئەمگەك كۆرسەتكۈچى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرلىرىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان. ھالبۇكى، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى دىققەت نۇقتىسىنى دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە، بولۇپمۇ مەن ‹تۇتقۇن سىرتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك› دەپ تەسۋىرلىگەن مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرلىرىگە قاراتقان ئەمەس. بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرى تۈرمە ۋە لاگېرلارنى ئاساس قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرلىرىنى ئەمەس، بەلكى مەن 10-ئايدا ئېلان قىلغان ماقالەمدە قەيت قىلغىنىمدەك ئاتالمىش ئېشىنچا يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى نىشان قىلغان ‹نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش› پىروگراممىسىنى ئاساس قىلىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرلىرىنى باھالاش تېخىمۇ مۈشكۈلدۇر. »
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ «شىنجاڭ ۋە مەركىزى ئاسىيانىڭ تۇتقۇن سىرتىدا يۈرگۈزۈلگەن دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكى» ناملىق 28 بەتلىك دوكلاتى، ئۇيغۇر رايونى تاموژنا دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىنىڭ تاشقى ئېكسپورتى شىددەتلىك ئارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىندى. خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلىرىدا، بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئومۇمى ئېكسپورتىنىڭ 49 پىرسەنت، نوقۇل قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىنىڭلا تاشقى ئېكسپورتى 113 پىرسەنت ئارتقانلىقى، بۇنىڭغا رايوندىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات ئېكسپورتىنىڭ ئارتىشى تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
دوكلاتتا، «بېيجىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكى ئۇنىڭ بىر قانچە ئاساسلىق سانائىتىنىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە باغلىنىشلىق» ئىكەنلىكى، بۇ ئۇنىڭ «دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۈنۈملۈك رەۋىشتە ئۆلچەشنى تېخىمۇ مۇھىم ۋە جىددىي زۆرۈرىيەتكە ئايلاندۇرغانلىقى» تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە «2014-يىلىغا، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇنغا سېلىشتۇرغاندا ھازىر ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش تېخىمۇ مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالغان ھەم تېخىمۇ كۆلەملەشكەن. 2020-يىلدىن كېيىن، رايوندا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۇقىرى سەپەرۋەرلىك ۋە داغدۇغىلىق يۆتكەشتەك ۋەزىيەت تېخىمۇ نورماللاشقان ھەم تېخىمۇ مۇئەسسەسەلەشكەن ئىستراتېگىيەگە ئۆزگىرىپ، بۇ جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نازارەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇش» يولىنى تۇتقان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ 2021-يىلدىن 2025-يىلغىچە بولغان 14-بەش يىللىق پىلانىدا «رايوندىكى ئەمگەك قىلالايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ خىزمەت ئورنى بولۇشى» تەلەپ قىلىنىدىكەن.
دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە پەرقلىق نۇقتىدىن قارىشى، ئۇنىڭ يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى ۋە زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىنى چىقىش قىلىشى، ئۇنىڭ رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە تاقابىل تۇرۇشتا تەييارلىقسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «ھېچكىم خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قوللانمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا، ئۇنىڭ ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قانداق ئۆزگەرگەنلىكى، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا خىتاي ۋە شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى قانداق ئۆلچىگەنلىكىگە دىققەت قىلىپ باقمىغان. ئۇلار مەجبۇرىي ئەمگەكنى باھالاش ئۆلچىمىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇردى؟ بۇ يەردىكى مەسىلە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ باشقا شەكىللىرىگە مەركەزلىشىپ قالغان. ئۇلار دىققىتىنى يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرى، زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى ۋە خۇسۇسى شىركەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەجبۇرىي ئەمگەك شەكىللىرىدىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا مەركەزلەشكەن. »
ئادرىيان زېنزنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىمۇ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دىققەت قىلمىغان. ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدە ھېچقانداق بىر تەتقىقاتىمۇ بولمىغان. ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئوخشاشلا خۇسۇسى كارخانا ۋە كاپىتالىستىك تەمىنلەش زەنجىرىگە مەركەزلەشكەن. ئادرىيان زېنز، بۇ ۋەزىيەت خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارىتا تەييارلىقسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇ: «ھالبۇكى، بۇ ئەھۋال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەييارلىقسىز قېلىشىنى، شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا قارشى زۆرۈر بولغان تەييارلىقى بولمىدى» دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشنى مەھسۇلات ئىمپورت قىلغۇچى شىركەتلەرنىڭ ئۆزىگە يۈكلەش پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئىكەن. دوكلاتتا، دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ خاراكتېرى سەۋەبلىك ئۇنىڭ كېڭىيىش خەۋپى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇشتا خۇسۇسى كارخانىلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۆرسەتكۈچلىرىگە تايىنىشقىلا بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەر دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكىگە قارىتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئادرىيان زېنزنىڭ بۇ يېڭى تەتقىقات دوكلاتى «شىنجاڭغا ئوخشاش جايلاردا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قىممەتلىك ئۆلچەم ۋە ۋاسىتىلەر بىلەن تەمىنلىگەن» بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مۇرەككەپ ئامىللىرىنى توغرا باھالاش ۋە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتكەن.
«كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ بۇ دوكلاتى خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار ئىككى مۇھىم ئەھدىنامىسىنى تەستىقلاپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى چەكلەشكە ۋەدە بەرگەنگە بىر يىل بولغاندا ئېلان قىلىندى. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2022-يىلى 4-ئايدا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ 1930-يىلى ماقۇللانغان 29-نومۇرلۇق مەجبۇرىي ئەمگەك ئەھدىنامىسى بىلەن 1957-يىلى ماقۇللانغان 105-نومۇرلۇق ئەھدىنامىسىنى رەسمىي تەستىقلىغان ئىدى.