خەلقئارا مۇزىكا چولپانلىرى ھەسەن ۋە ئىرپان: «ئۇيغۇرنىڭ قەدىمىي مۇزىكا تۇيغۇسىنى كېلەچەكنىڭ مۇزىكا ئېقىمىغا تۇتاشتۇردۇق»
2023.07.18
7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، خەلقئارا داڭلىق مۇزىكا فېستىۋاللىرىدىن «ۋېيى شاغغۇ مۇزىكا فېستىۋالى» (Festival Des Vieilles Charrues) غا قاتناشقان «Non Sounds» (ئۈنسىز) مۇزىكا ئەترىتىدىن ھەسەن بىلەن ئىرپان ئورۇنلىغان ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا بۇ فېستىۋالغا قاتناشقان يۈز مىڭلىغان مۇزىكا مەستانىلىرىنى ھاياجانغا سالغان.
يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ دۇنيا ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان ھەسەن ۋە ئىرپان بۇ مۇزىكا فېستىۋالىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 14-ئىيۇل فىرانسىيە دۆلەت بايرىمىدا، تاماشىبىنلارغا ئۆزلىرىنىڭ نەق مەيداندا ئورۇنلاش ماھارىتىنى كۆرسەتكەن. مۇزىكا رىتىمىغا ماس ھالدا، ئارىلاپ ئۇلار بىز «ئۈنسىز ئەترىتى» ، «بىز ئۇيغۇر» دېگەن جاراڭلىق سادالارنى ياڭراتقان.
مەزكۇر فېستىۋالنىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شۇ كۈنىدىكى بۇ مۇزىكا فېستىۋالىغا قاتناشقان تاماشىبىنلار سانى 350 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئارتىس-سەنئەتكار ۋە تاماشىبىنلار يىغىلغان مۇزىكا فېستىۋالى بولغان.
«ۋېيې شاغغۇ مۇزىكا فېستىۋالى» » (Festival Des Vieilles Charrues) 1992-يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق داڭلىق مۇزىكا فېستىۋالى. ئۇنىڭغا دۇنياغا داڭلىق روك، پوپ، ئېلېكتىرون، خىپ-خوپ قاتارلىق مۇزىكا تۈرلىرىدە ئېتىراپ قىلىنغان، ھازىر بۇ ساھەدە باشلامچى بولۇۋاتقان ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ داڭلىق مۇزىكا ئەترەتلىرى، دۇنياۋى ناخشا مۇزىكا چولپانلىرى تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مۇزىكا فېستىۋالىغا، ئىككى ئۇيغۇر ياش تەرىپىدىن قۇرۇلغان None Sounds (ئۈنسىز) مۇزىكا ئەترىتىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
«ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىكى كەيپىياتنى دۇنيا مۇزىكا فېستىۋالىدا ھاسىل قىلدۇق»
ئەمدىلا فىرانسىيەدىكى ئويۇنلىرىنى تۈگىتىپ ئىسپانىيەگە قايتىپ كەلگەن «ئۈنسىز» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھەسەن مەخمۇت بىلەن ئىرپان تۇغرۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شۇ كۈندىكى سەھنە كەيپىياتىنى تەسۋىرلەپ: «بىز ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىنى مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقتۇق، مۇزىكا رېتېمىمىز چەكسىزلىكنىڭ سېزىمىنى ھاسىل قىلدى. تاماشىبىنلار خۇددى مەشرەپلىرىمىزدىكى يۇقىرى كەيپىياتنى ھاسىل قىلغان شۇ رېتىمدىكىدەك بىر كەيپىياتقا كىردى» دەيدۇ.
«None Sounds» (ئۈنسىز) ناملىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ باشلىقى ھەسەننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ فېستىۋالغا تاللىنىشى بولۇپ، ئاسىيادىنمۇ تېخى بۇ فېستىۋالغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ئەترەت يوق ئىكەن.
ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكىنى ئورۇنلاش، پۈتۈنلەي تەبىئىي تالانت ۋە مۇزىكا سېزىمىگە باغلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئەڭ يېڭى تەرەققىي قىلغان ئۈسكۈنە-ئەسۋابلارنى، پىشقان كەسپىي ماھارەت، يۇقىرى تېخنىكىلىق ماسلىشىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى تالانتلىق ئۇيغۇر ياشنىڭ نەق مەيداندا چالغان 70 مىنۇتلۇق مېلودىيەلىرىنى، فېستىۋال مۇزىكا سەھنىسى قۇرۇلغان پۇتبول مەيدانىغا لىق تولغان يۈز مىڭلارچە تاماشىبىن تەڭ ئالقىشلىغان.
ھەسەن بىلەن ئىرپان «بىز، نەق مەيداندا ئورۇنلىغان يۇقىرى ماھارەتلىك مۇزىكىلىرىمىز بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا سېزىملىرىنى دۇنياۋى مۇزىكا رىتىملىرىغا تۇتاشتۇردۇق، بىزنىڭ ياڭراتقىنىمىز ئۇيغۇرنىڭ قەدىمىي مۇزىكا تۇيغۇسى ۋە سېزىمى» دەيدۇ.
يۇقىرى پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى مۇزىكا ساھەسىگىمۇ يېڭى بۆسۈشلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا، روك مۇزىكىلىرى، خىپ-خوپ مۇزىكىلىرى ئەنە شۇ تەرەققىياتنىڭ نەتىجىلىرىدۇر. بۇ يېڭى ئېقىمدىكى مۇزىكىلار دۇنيادا تاماشىبىنلىرى ئەڭ تېز كۆپىيىۋاتقان، بولۇپمۇ ياشلارنى مەركەز قىلغان ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولغاچقا تەسىر دائىرىسىمۇ ئىنتايىن زور. كۈچلۈك رىقابەتكە تولغان بۇ ساھەدە يېتىشىپ چىققان تالانت ئىگىلىرى بولسا بۇ ساھەنىڭ چولپانلىرى، ھەتتا دۇنياۋى چولپانلار ھېسابلىنىدۇ.

«مۇزىكا سەنئىتى نام-شۆھرەت ئەمەس، ئەركىنلىك ئىستەيدۇ»
«ئۈنسىز» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەن مەخمۇت ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا سەھنىلىرىدە Aishan ياكى Aishan Rock دېگەن ئىسىم بىلەن داڭدار. ئۇ بۇنىڭ ئالدىدىلا خىتايدا «روك مۇزىكا پادىشاھى» دېگەن ناملارنى ئالغانىدى.
ئۇ كۆپ قېتىم چەتئەل سەھنىلىرىنى كۆرگەن، ئاسىياغىمۇ تونۇلغان يېڭى ئېقىمدىكى مۇزىكا ساھەسىنىڭ چولپىنى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ «ئۈنسىز» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق مېلودىيە ئىجادىيەتچىسى ۋە چالغۇچىسى. ئۇ 1987 يىلى ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك مەھەللىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقى تۈپەيلى 14 يېشىدىلا ئۆيدىن ئايرىلىپ، مۇزىكا ئۆگىنىش ئارزۇسىدا توختىماي تىرىشقان. ھەسەن ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇزىكا ئەترىتىنى 2004-يىلى، شاڭخەيدە ئىككى فىرانسۇز مۇزىكانت بىلەن بىرلىكتە قۇرغان.
بالا چاغلىرىدا داپ ۋە چاڭ چېلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئۇيغۇر دىيارىدا كىچىك چولپانلاردىن بولۇپ قالغان ھەسەن بارا-بارا ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكىغا قىزىقىپ قالغان. «مەنمۇ دۇنياۋى سەھنىلەردە مۇزىكا چالالايدىغان چولپانلاردىن بولىمەن» دېگەن بىر بالىلارچە ئارزۇ ئاخىرى غايىگە، مانا ئەمدى رېئاللىققا ئايلانغان.
«بۇ يەرگىچە كېلىش ھەرگىزمۇ ئاسانغا توختىمىدى» دەيدۇ ھەسەن ئېغىر تىنىپ.
ھەسەن مەخمۇت توغرۇلۇق خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە باشقىلاردا ساقلانغان خەۋەر ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەسەن شۇ مەزگىللەردىلا، روك ۋە ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكىلارنى چېلىپ فېستىۋاللارغا قاتناشقان؛ -2009 يىلى تۇنجى قېتىم خىتايدىن ۋەكىل بولۇپ خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، گېپسىن مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ خىتاي مەتبۇئاتلاردىمۇ تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنى خىتايدا كىشىلەر جىمى ھېندرىكس (Jimi Hendrix) دېيىشىدىكەن. جىمى ھېندرىكس 1942-يىلدىن 1979-يىلغىچە ياشىغان لوندوندىكى داڭلىق مۇزىكانت ئىكەن.
گەرچە ھەسەن خىتايدا، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا ساھەسىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغان مۇزىكانتقا ئايلىنىپ بولغان بولسىمۇ، مىللەت كىملىكى سەۋەبلىك يەنىلا كەمسىتىش ۋە ناھەق مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، 2015-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى قارار قىلغان؛ 2015-يىلى 5-ئايدا شاڭخەيدە خوشلىشىش مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، ئىسپانىيەگە چىقىپ كەتكەن. كۆپ قىرلىق، تالانتلىق مۇزىكانت ھەسەننىڭ چالغان مۇزىكىلىرىدىن باشقا، ئۆزى ئېيتقان ئىجادىي ناخشىلىرىمۇ خېلى زور ئالقىشقا ئېرىشمەكتە ئىكەن.

«ئورتاق غايە، ئۆز ئارا-ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق نەتىجە يارىتىدۇ»
ئىرپان توغرۇل، سەھنە نامى (Hesher) ، «ئۈنسىز» مۇزىكا ئەترىتىدە مېلودىيەنىڭ تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە لايىھەسىگە مەسئۇل.
ئىرپان، 1993-يىلى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكىلار ئەمدى مودا بولۇۋاتقان ۋاقىتلاردا تۇغۇلغان ئىرپان، كىچىكىدىنلا ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ چەتئەل يېڭى مودا ئېقىم مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاپ يۈرگىنىدە، بۇ ساھەدە Aishan Rock ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرنىڭ خىتايدا ئېتىراپ قىلىنغان چولپان ئىكەنلىكىنى بىلگەن، ئۇنىڭ مۇزىكىلىرىنى توردىن كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلانغان. ئىرپان ئاخىرى مۇزىكىغا بولغان ئىشتىياقىنىڭ تۈرتكىسىدە غەيرەتكە كېلىپ بېيجىڭدىكى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ، قەلبىدىكى مۇزىكا چولپانى ھەسەننى ئىزدەپ بارغان. 2015-يىلى ئۇلار شاڭخەيدە بىرلىكتە «ئۈنسىز» ئەترىتىنى قۇرۇپ، 1-ئاينىڭ 1-كۈنى شاڭخەيدە تۇنجى مەيدان ئويۇنىنى كۆرسەتكەن. ھەسەن خىتايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىرپانمۇ 2016-يىلى ياپونغا چىقىپ كەتكەنىكەن.
ھەسەن بىلەن ئىرپان بىرى مۇزىكا رېتىمىغا مەسئۇل بولسا يەنە بىر ئۈن تېخنىكىسى لايىھەسىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتقىلى 10 يىل بوپتۇ. ئۇلار قايتا جەم بولۇشنىڭ ئالدىدا، ئايرىم-ئايرىم ئىككى دۆلەتتە تۇرۇپمۇ تور ئارقىلىق مەشىقنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا سەنئىتىنى دۇنيا سەھنىلىرىدە تونۇتۇش ئارزۇسىدا توختىماي ئىزدەنگەن. ئۇلار بىرلىكتە ياۋروپا، ئامېرىكا، بىرازىلىيە قاتارلىق جايلاردا ھازىرغىچە 50 مەيداندىن ئارتۇق ماھارەت كۆرسەتكەن.
بىرى ئۈرۈمچىدە، بىرى كېرىيەدە تۇغۇلغان، يېشى پەرقلىنىدىغان بۇ ئىككى مۇزىكانتنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى زىچ ھەمكارلىقى، چىن دوستلۇقى ۋە ئاكا-ئىنىدەك بىر-بىرىگە كۆيۈنۈشى ئۇلارنىڭ كەسىپ جەھەتتە يۇقىرى پەللىگە چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
«ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىمۇ غايىمىز، مۇراد-مەقسەتلىرىمىزدىن ۋاز كەچمىدۇق»
ئىرپاننىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، 10 يىل مابەينىدە ئۇلار سەرگەردان مۇزىكانتلار قاتارىدا ياتقۇدەك جاي تاپالمىغان، ئاچ قالغان قىيىن كۈنلىرىمۇ بولغان. چۈنكى ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا ساھەسىدە تەرەققىي قىلىش خېلى زور مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان ئىش بولۇپ، ئىلغار مۇزىكا ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن لايىھەلەپ قۇراشتۇرۇش كېرەك بولىدىكەن.
ئۇلار مۇشەققەتنى يېڭىپ داۋاملىق تىرىشقان ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا ساھەسىدىكى يېڭى-يېڭى ئىجادىيەتلىرى، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن دىققەت قوزغاپ، خەلقئارا مۇزىكا فېستىۋاللىرىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.
«ئۈنسىز» مۇزىكا ئەترىتى 2022-يىلى 12-ئايدا فىرانسىيەنىڭ غەڭس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا فېستىۋالىغا قاتنىشىپ يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىكەن. بۇ يىلقى فېستىۋالنىڭ ئېلانلىرىدىكى تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، «ئۈنسىز» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىق بىرلەشكەن مۇزىكىلىرى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەن.
بۇ قېتىملىق فېستىۋالدا يۈز مىڭلىغان مەستانىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ھەسەن بىلەن ئىرپان يەنىلا كەمتەرلىك بىلەن: «ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىراسىنى تونۇتۇش بىزنىڭ بۇرچىمىز، ئۇيغۇر خەلقىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمىز. بىز ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشىغا موھتاج» دەيدۇ.

«تاماشىبىنلارنىڭ سادالىرىنى چوقۇم بوۋىلىرىمىز مەن بىلەن تەڭ ئاڭلىدى»
ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا دېگىنىمىز ھازىرقى زامان ئۇن تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق، ئاۋاز تىۋىشنىڭ ئۆزگىرىشى، رېتىمى ئارقىلىق مېلودىيە ھاسىل قىلىدىغان مۇزىكا بولۇپ، بۇ خىل مۇزىكا پەيدا قىلىدىغان سېزىمنى ھەسەن مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: «بىز ئىلغار ئۈسكۈنە ۋە ئاۋاز سىستېمىسى ئارقىلىق، قەدىمكى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى بۈگۈنكى ھەتتا كەلگۈسىدىكى يېڭى دۇنيا مۇزىكا ئېقىملىرىغا باشلاپ كىرىمىز. بۇ خىل ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا پەيدا قىلىدىغان تۇيغۇ ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك بولۇپ، خۇددى بىزنىڭ ئۇيغۇر مەشرەپلىرىمىزنىڭ ئەۋجىگە چىققان پەيتتىكى ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغان قەدىمىي مۇزىكا كەيپىياتىغا ئوخشايدۇ» .
ھەسەن يەنە ھاياجاندا سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «بىز شۇ تەسەۋۋۇرنى دۇنياۋى ئىلغار سەھنىدە كۆرسەتتۇق. تاماشىبىنلارنىڭ مۇزىكا تۇيغۇسى يۇقىرى كەيپىياتقا كۆتۈرۈلگەن پەيتتە «بىز ئۇنسىز» ، «بىز ئۇيغۇر» دەپ توۋلىدۇق. شۇ پەيتتە پەيدا بولغان تاماشىبىنلاردىكى ھاياجانلىق كەيپىيات مەن ئۈچۈن ئەڭ زور ئۇتۇق. بۇ 10 يىللىق مۇساپىرلىقتىكى تىرىشچانلىقىمىزنىڭ بىر نەتىجىسى. بىزلا ئەمەس، پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ ئەسلىدە قېنىدا بار بولغان مۇزىكا تۇيغۇلىرىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە نامايەندە قىلىنىشى» .
ھەسەن بىلەن ئىرپان ئۆزلىرىنىڭ تالانتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن بىلەن تونۇلغاندىن كېيىن، خەلقئارا سەھنىلەردە ئۆزىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قارىشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماقتا ئىكەن.
ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «دۇنيا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنىمۇ چۈشىنىشى كېرەك، بىز توغرۇلۇق سۆزلىنىۋاتقان گۈزەل نەرسىلەر بەك ئاز، چۈنكى ھەر قانچە مۈشكۈلاتلارغا ئۇچرىغان ئىنسانمۇ بەل قويۇۋەتمەي تىرىشسا ھامان ئۇتۇق قازىنىدۇ، ھەممە ئىنساننى قايىل قىلىدۇ. بىز «ئۈنسىز» شۇنىڭ بىر مىسالى، سەھنىدە «بىز ئۇيغۇر» دەپ توۋلىغان ۋاقتىمدا مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ مۇزىكىمىزغا جور بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شاۋقۇن-سادالىرىنى، چوقۇم ئاتا-بوۋىلىرىمىز مەن بىلەن تەڭ ئاڭلىدى...» دەيدۇ.