خەلقئارالىق تەشكىلاتلار: ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنى زىيانكەشلىكتىن قوغداش تەدبىرى ئېلىنىشى كېرەك

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.11.01
rfa-muxbir-zhurnalist-xerite-1920 نۇرغۇنلىغان ژۇرنالىستلار، ئاخبارات كەسپىي خادىملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات خادىملىرى خەتەرلىك مۇھىتتا، مۇستەقىل، ئىشەنچلىك ۋە دەلىل ئىسپاتلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئۆلۈم، مەجبۇرىي غايىب قىلىش، قىيناش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدۇ
Photo: RFA

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 2-نويابىر ژۇرنالىستلارغا قارىتىلغان جىنايى قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلدى. ب د ت نىڭ تورىدىكى بۇ ماقالىدە، ژۇرنالىستلارنى قوغداشنىڭ بارلىق پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈر ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكى جىددىي تەكىتلىنىدۇ. 2024-يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇش ۋە كىرىزىسلارنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنى قوغداش يەنىمۇ كەسكىن رىقابەتكە يۈزلەنمەكتىكەن.

ب د ت: «ژۇرنالىستلارغا قارىتىلغان جىنايەتلەرنىڭ جازالانماسلىقى جىنايەتچىلەرنى جاسارەتلەندۈرىدۇ»

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەيلى توقۇنۇش، ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپەتلىرى، كىلىمات ياكى ساغلاملىق كىرىزىسى قاتارلىق مەزمۇنلار بولسۇن، بۇ خىل مەزمۇنلارنى خەۋەر قىلغان ژۇرنالىستلار داۋاملىق تۈردە تەڭپۇڭسىز تەھدىتكە ۋە تېخىمۇ يۇقىرى جازاغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇلار سوت سىرتىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈش، قىيناش، مەجبۇرىي غايىب قىلىش ۋە خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، تور سىرتىدا ۋە توردا قورقۇتۇش ھەم پاراكەندىچىلىك سېلىشقا ئۇچراپ كەلمەكتە. نۇرغۇنلىغان ژۇرنالىستلار، ئاخبارات كەسپىي خادىملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات خادىملىرى خەتەرلىك مۇھىتتا، مۇستەقىل، ئىشەنچلىك ۋە دەلىل ئىسپاتلىق ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئۆلۈم، مەجبۇرىي غايىب قىلىش، قىيناش، قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش قاتارلىق قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدۇ.

بۇ خىل خىرىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ژۇرنالىستلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىشى تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلانغان.

بولۇپمۇ، ژۇرنالىستلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ۋە جىنايەتلەرنىڭ جازالانماسلىقى تېخىمۇ كۆپ قەبىھ جىنايەتلەرنى ھەتتا قاتىللىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، بۇ، زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشى، قانۇن ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالامىتىدۇر.

خەلقئارا سىياسىي مەھبۇسلار كۈنى.
خەلقئارا سىياسىي مەھبۇسلار كۈنى.
Yettesu

ماقالىدە بۇ ھال «بولۇپمۇ مۇخبىرلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق تەھدىتى ۋە ھۇجۇملىرى ئاخبارات كەسپىي خادىملىرى ئارىسىدا قورقۇنچ كەيپىياتى پەيدا قىلىپ، بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر، پىكىرلەرگە ئېرىشىشىگە ۋە پىكىرلەرنىڭ ئەركىن تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتىلىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2013-يىلىدىكى 68-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنىدا قارار ماقۇللاپ، 2-نويابىرنى «ژۇرنالىستلارغا قارشى جىنايى قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىش كۈنى» دەپ جاكارلىغان بولۇپ، قاراردا ئەزا دۆلەتلەر ئېنىق تەدبىر قوللىنىپ، ژۇرنالىستلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارنى جازالىماسلىقنى توختىتىشقا چاقىرىلغان.

خىتاي ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارغا توختاۋسىز زىيانكەشلىك قىلىپ كەلمەكتە

جۈملىدىن خىتاينىڭ ئاخبارات خادىملىرىغا، ژۇرنالىستلارغا قاراتقان توختاۋسىز ۋە ھەر تەرەپلىمە باستۇرۇشى ھەمدە زىيانكەشلىكلىرى دۇنيادا زور تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. ئۇ، خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتلىرىدا داۋاملىق ئەڭ ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغاندىن باشقا، دۇنيادا مۇخبىرلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلىغان دۆلەت دەپ باھالىنىپ كەلمەكتە.

ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي چەكلىنىپ، ئىس-تۈتەكسىز ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ژۇرنالىستلار ئەڭ قاتتىق باستۇرۇش نىشانى بولۇپ كەلدى. ئۆمۈرلۈك قاماققا مەھكۇم قىلىنغان پىروفېسسور ئىلھام توختى، راھىلە داۋۇت، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى، 5 يىلدىن ئارتۇق غايىب قىلىنىپ، 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن ئاتاقلىق ژۇرنالىست قۇربان مامۇت، 20 يىللىق كېسىلگەن ئىلى ئوبلاستى تېلېۋىزىيەسىنىڭ تالانتلىق رېژىسسورى ئەركىن تۇرسۇن، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 15 يىللىق كېسىلگەن تونۇلغان ئەدەبىي ئوبزورچى يالقۇن روزى ۋە يەنە گۈلمىرە ئىمىن ۋە باشقىلار شۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك مىساللاردۇر.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارغا زىيانكەشلىك قىلىشى يالغۇز ئۇيغۇر دىيارىدا ئېغىر بولۇپلا قالماي، ئىرقى قىرغىنچىلىق، لاگېر ۋە باشقا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى پاش قىلىپ كېلىۋاتقان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىغا قارىتىلغان بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك تەھدىتلىرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارغا ئاشكارا تۆھمەت قىلىش ۋە تەھدىت قىلىش، قارا چاپلاش ئارقىلىق ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋەر ۋە ئاخباراتلىرىنىڭ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسا، ئۆچ ئېلىش تاكتىكىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ 8 نەپەر مۇخبىرىنىڭ يۇرتىدىكى جەمئىي 50 تىن ئارتۇق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھازىرمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇتقۇنىدا، ئۇلار ئاساسەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرىنىڭ ئامېرىكادا پەقەت ژۇرنالىستى خىزمىتى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغان، بەزىلىرىنى ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋەتكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «خەلقئارالىق مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتى» مۇ بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ ئائىلە-ئەزالىرىنى جازالىشى زوراۋانلىقتا ھەددىدىن ئاشقانلىقتۇر» دەپ كۆرسەتكەنىدى. «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ سابىق دىرېكتورى سوفېي رېچاردسون خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق جازالىماقچى بولۇشى «يىرگىنچلىك بىر ئىستراتېگىيە، بۇنىڭغا دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەر دەرھال قارشىلىق بىلدۈرۈشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەنىدى.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: خىتاينىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى توختىتىدىغان پەيت كەلدى

خەلقئارا ژۇرنالىستلارغا قارىتىلغان جىنايى قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇخبىرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر قانچە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار رادىيومىزغا مەخسۇس ئىنكاسلىرىنى يوللىدى.

باش ئىشتابى فىرانسىيەدىكى خەلقئارا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى (RSF) يازما باياناتىدا، خىتاينىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىغا قاراتقان جىنايەتلىرىنى توختىتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوغداشقا تەدبىر ئالىدىغان پەيت كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

«دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا پەۋقۇلئاددە قىيىن ئەھۋال ئاستىدا ئىشلەۋاتقان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكىنى داۋاملىق خەۋەر قىلماقتا. ئۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىدىن يېقىنلىرىغا داۋاملىق كېلىۋاتقان باستۇرۇلۇشقا، شۇنداقلا ئۆزلىرى بىخەتەر جاي دەپ قارالغان دۆلەتلەردە ئۇچراۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەھدىتلىرىگە قارىماي دوكلات بېرىش قىيىن بولغان تېمىلاردا جاسارەتلىك قارار چىقىرىدۇ.

داۋاملىشىۋاتقان ۋە ئېغىرلىشىۋاتقان تەھدىت ھەم باشقا ۋەھشىي تاكتىكىلار سۈرگۈندىكى مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭدىكى ۋە سۈرگۈندىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە قارىتىلغان ۋەھشىيلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئېلىپ بارغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇساپىر مۇخبىرلارنى قوغداشقا ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ژۇرنالىستلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قوغداشقا تەدبىر ئالىدىغان ۋاقتى كەلدى».

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يەنە خىتاينىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك خاتىرىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر مۇخبىرلارنىڭ خەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى مۇنداق دەپ تەكىتلەيدۇ:

«2016-يىلىدىن باشلاپ، بېيجىڭ ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىغا قارىتىلغان شىددەتلىك باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى، تاراتقۇلارنىڭ قامال قىلىنىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇچۇر قارا ئۆڭكۈرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتايدا قامالغان 123 ژۇرنالىست ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچىسىنىڭ ئىچىدە قولغا ئېلىنغان ياكى مەجبۇرىي غايىب قىلىنغان ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىنىڭ سانى 80 نەپەرنى تەشكىل قىلىدۇ. 2024-يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۆرسەتكۈچىدىكى 180 دۆلەت ئىچىدە خىتاي 172-ئورۇنغا تىزىلغان».

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ تەشۋىقاتچىلىرىغا ئايلانغان بەزى چەت ئەللىك مۇخبىرلار ۋە تور چولپانلىرى خېلىلا كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ، بەختىيار ياشاۋاتقانلىقى» نى تەشۋىق قىلىش بىلەنلا قالماي، بەلكى خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە «شىنجاڭ مەسىلىسى» ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات تاكتىكىلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى پاش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارنى باستۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن چەت ئەل تور چولپانلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يېپىشتىكى تەتۈر تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭ رادىيومىزغا يوللىغان يازما ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ، ئوخشىمىغان پىكىردىكىلەرنى جازالاش ۋە سۈكۈت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇنغا سوزۇلغان باستۇرۇش قولىمۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئۇزاردى. ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار ۋە تەكشۈرگۈچىلەر ھەمىشە خىتاينىڭ بۇ خىل ‹دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش› نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دوستانە ۋە ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە تايىنىدىغان مۇناسىۋەتنى ساقلايدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە، خىتايدىن كەلگەن ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار ۋە يازغۇچىلار بىخەتەر ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ھەتتا مەجبۇرىي ھالدا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. خىتاي ئۇلارنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز كەسپى ۋە خىزمىتى سەۋەبلىكلا قاماققا تاشلايدۇ.

گەرچە دېموكراتىك دۆلەتلەردە، ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ بۇ خىل دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقى يېتەرلىك ئەمەس. دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش تەھدىتىگە ئۇچرىغان نۇرغۇن كىشىلەر قوغدىلىشى كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن تەشۋىشلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئۇلار يەرلىك ساقچىغا مەلۇم قىلىشىمۇ مۇمكىن، ئەمما ساقچىلار باشقا بىر دۆلەتنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالغان بۇ مۇھاجىرەتتىكىلەرنى قانداق قوغداش جەھەتتە بىلىم ۋە تەجرىبىگە ئىگە ئەمەس».

مايا ۋاڭ يەنە ھەتتا «ئامېرىكادىمۇ مۇخبىرلارنى خىتاينىڭ تەھدىت ۋە زىيانكەشلىكىدىن قوغداش يېتەرلىك ۋە مۇكەممەل ئەمەس» دەپ تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەت ئامېرىكادۇر. ئەمما، نۇرغۇن تەھدىتلەر مۇخبىرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قورقۇتۇش بىلەن چېتىلىدىغان بولغاچقا، ئامېرىكا قانۇن ئىجراچىلىرى ئۇلارنى بىۋاسىتە تەھدىت ئاستىدا قالغان كىشىلەر دەپ تونۇمايدۇ، ياكى ئۇلارنىڭ قورقۇشىنى ھېقىقى ھېس قىلالمايدۇ. ھۆكۈمەتلەر ھېچ بولمىغاندا تەكشۈرۈش ئورگانلىرىدىن بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ دوكلاتلىرىنى خاتىرىلەشنى ۋە بۇ دېلولارنى ئىز قوغلاشنى تەلەپ قىلىشى شۇنىڭدەك بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى لازىم. ھۆكۈمەتلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ۋە رەقەملىك بىخەتەرلىك ياردەملىرىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق قانۇننى ئىجرا قىلىش دائىرىسىدىن ھالقىغان تەدبىرلەرنى ئېلىشى ۋە بۇنىڭغا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك».

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىستلارغا قاراتقان بۇ خىل باستۇرۇشى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلەشتىن باشقا يەنە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش سۈپىتىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ شۇنىڭدەك ئاخباراتلارنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھېلىھەم خىزمىتى سەۋەبلىك بەدەل تۆلىمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يەنىلا تەھدىت ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مۇخبىرلار ئۇچراپ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) رادىيومىزغا يازما پىكرىنى يوللاپ، ئۇيغۇر مۇخبىرلارنىڭ ئەنە شۇنداق ئېغىر روھىي بېسىم ۋە تەھدىتلەرگە قارىماي يەنىلا جاسارەت بىلەن خىزمىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۇنداق تەكىتلىدى:

«ژۇرنالىستلارنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي دۇنيادىكى ژۇرنالىستلارنى ئەڭ كۆپ تۈرمىگە تاشلايدىغان دۆلەت. ئەمما خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ئاساسەن يوق، خىتايدا قولغا ئېلىنغان مۇخبىرلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار.

خىتاي كومپارتىيەسى دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەنلىكتىن، پەقەت دېموكراتىك دۆلەتلەردىلا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇخبىرلار ئىنتايىن چەكلىك بولغان قوغداشقا ئېرىشمەكتە. گەرچە ئۇلار خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا خىتاينىڭ توختىماي تەھدىت سېلىشى، پاراكەندىچىلىكى، ئائىلىسىگە زىيانكەشلىك قىلىشى، ھەتتا مەجبۇرىي غايىب قىلىشنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ئۆچۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆز تەشۋىقاتىنى ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ».

كىشىلىك ھوقۇق فوندى خېتىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇرغان:

«مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە زىيانكەشلىكتىن قۇتۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇلار پاناھلانغان دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيىتى بولۇپلا قالماي، دېموكراتىك قىممەت قارشىنى ساقلاشتىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئورتاق مەسئۇلىيەتتۇر. خىتاينىڭ بۇ باستۇرۇشلىرىغا قارىتا سۈكۈتنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇش خىتاينىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىشىغا يول قويۇشتۇر. ئىنسانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداش دۇنياۋى ئەخلاق مەسئۇلىيىتى ۋە ئەركىن قىممەت قارىشىمىزنىڭ ئاساسىدۇر».

2024-يىلدىكى ژۇرنالىستلارغا قارىتىلغان جىنايى قىلمىشلارغا خاتىمە بېرىش خەلقئارا كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن 6-7-نويابىر كۈنلىرى ئافرىقا بىرلەشمىسىنىڭ باش ئىشتابى جايلاشقان ئېفىيوپىيەدە خاتىرىلەش يىغىنى چاقىرىلىدىكەن. يىغىندا ژۇرنالىستلارنىڭ خىزمىتىنى مۇستەقىل ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇلار ئۈچۈن بىخەتەر ھەم قولايلىق مۇھىت بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى تەدبىر ۋە پىلانلار مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.