تۈركىيەدىكى سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە مەغلۇپ بولدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.06.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
turkiye-saylam-bilet-tashlash-305.jpg تۈركىيەدىكى سايلامدا بىلەر تاشلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى ئىيۇن.
RFA/Erkin Tarim

6-ئاينىڭ 7-كۈنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 25-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئومۇمىي سايلىمىدا 13-يىلدىن بېرى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى.

بۇ قېتىمقى سايلامدا تۈركىيەدىكى 18 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ 86% بېلەت تاشلىغان بولۇپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 40.09% راي ئېلىپ مەزكۇر پارتىيەدىن 258 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سايلاندى. ئۆتكەنكى سايلامدىكىگە قارىغان 9% ئازايغان بولۇپ، 90 پارلامېنت ئەزاسى ئازايدى. جۇمھۇرىيەت خەل پارتىيەسى راينىڭ 25% تىنى ئېلىپ مەزكۇر پارتىيەدىن 132 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سايلاندى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى 16.3% راي ئېلىپ مەزكۇر پارتىيەدىن 80 پارلامېنت ئەزاسى، خەلق دېموكراتىيە پارتىيەسى خەلق رايىنىڭ 13.1 پىرسەنتىنى ئېلىپ مەزكۇر پارتىيەدىن 80 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى سايلاندى.

تۈركىيەنىڭ قانۇنى بويىچە ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 550 ئورۇننىڭ يېرىمى بولغان 276 ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ھېچقانداق سىياسىي پارتىيەدىن 276 پارلامېنت ئەزاسى سايلىنالمىغاچقا ئىككى پارتىيە ئورتاق ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەئىسى كەمال قىلىچداروغلۇ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى باشلىقى دەۋلەت باغچەلى، خەلقنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى باشلىقى سەلاھىددىن دەمىرتاش قاتارلىق كىشىلەر ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت قۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يېڭى سايلانغان پارلامېنت ئەزالىرى قەسەم بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى ئەخمەت داۋۇتوغلۇغا بېرىدۇ. تۈركىيە قانۇنىغا ئاساسەن بۇ ھۆكۈمەت 45 كۈن ئىچىدە قۇرۇلۇشى كېرەك. ئەگەر 45 كۈن ئىچىدە ھۆكۈمەت قۇرالمىسا يېڭىدىن سايلام ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ باشقا 3 پارتىيەگە ئورتاق ھۆكۈمەت قۇرۇش تەلىپىنى يەتكۈزىدىكەن.

بىز بۇ سايلام توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇللىرىدىن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ بۇرۇنقى سايلاملاردەك تەنتەنىلىك ئۆتمىگەنلىكىنى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 13 يىلدىن بۇيانقى دۆلەت باشقۇرۇشى جەريانىدا نۇرغۇن قانۇنغا رىئايە قىلمىغان ئىشلارنى قىلىپ، خەلقنىڭ كۆزىدىن چۈشكەنلىكىنى، شۇڭا سايلامدا خەلقنىڭ بۇ پارتىيەگە ئاز ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.