تۈركىيەدىكى پارلامېنت ئەزاسى سايلىمى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018.06.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
turkiyede-saylam-uyghur-bilet.jpg تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت رەئىسلىك سايلىمى بىلەن پارلامېنت سايلىمىدا بىلەت تاشلاۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2018-يىلى ئىيۇن.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت رەئىسلىك سايلىمى بىلەن پارلامېنت سايلىمىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇرلارنى بۇرۇندىن تارتىپ قوللاپ كېلىۋاتقان كۆپ ساندا كىشىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىشى ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈردى.

بۇ قېتىمقى دۆلەت رەئىسلىك سايلىمىغا 6 نامزات قاتناشقان بولۇپ، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 52.6% ئاۋازغا ئېرىشىپ تۈركىيەنىڭ 13-قېتىملىق دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى. تۈركىيە سايلام كومىتېتى مۇدىرى سادى گۈۋەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «نامزاتلار ئېرىشكەن ئاۋازنىڭ ھەممىسى كومپىيوتورغا كىرگۈزۈلدى. ئاۋاز بېرىش ساندۇقىغا تاشلانغان بېلەت سانى 50 مىليون 65 مىڭ 80 ئاۋاز بولۇپ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېرىشكەن ئاۋاز سانى 26 مىليون 328 مىڭ 42، ئاۋازنىڭ 52.6% ئىگىلەيدۇ. ئۇ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 13-دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى نامزاتى مۇھاررەم ئىنجە ئەپەندى بولسا 30.6% ئاۋازغا ئېرىشتى».

تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئەزا سانى 600 بولۇپ، ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 293 ئوقۇندۇققا، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى 49 ئورۇندۇققا، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى 146 ئورۇندۇققا، «ئىيى پارتىيە» 45 ئورۇندۇققا ۋە خەلقنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى 67 ئورۇندۇققا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى سايلامغا ھۆكۈمەت بىلەن شېرىك «جۇمھۇرىيەت ئىتتىپاقى» نامىدا قاتناشقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىدىن، يېڭى قۇرۇلغان «ئىيى پارتىيە» دىن ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىدىن نامزات بولغان، بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كۆپ ساندا كىشى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. ئۇنداقتا بۇ پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويارمۇ؟
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى سايلامنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان پېشقەدەم سىياسىي پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى، ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى مۇئاۋىن رەئىسى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ قېتىمقى سايلامدا پارلامېنتقا كىرگەن ئوڭچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ 70% ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئەگەر ھۆكۈمەت قۇرىدىغان پارتىيە بىلەن ئىتتىپاقلاشسا مۇھىم قارارلارنى ماقۇللىيالايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ئامىلنىڭ دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنداقتا دۆلەت رەئىسى رەھبەرلىكىدە قۇرۇلىدىغان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى نېمە؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي، تىجارىي ۋە مىللىي مۇداپىئە سانائىتى، سۈرىيە مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى كۈچ چىقارغان تەقدىردە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پىلانى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئەڭ مۇھىم تېمىلاردىن بىرى بولۇۋاتقان، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ چىققان كىشىلەردىن كىملەر بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلەر؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى رەئىسى مۇستافا دەستىچى، سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئەندىجان ئەپەندى، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى سابىق رەئىسى ئىسمائىل قونقۇق ئەپەندى، فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى قاتارلىق كۆپ ساندا كىشىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋەخپى مۇئاۋىن رەئىسى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندى 14 يىل ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ۋە دەۋاغا ياردەم قىلغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ياردەم قىلىدىغانلىقىغا چۈشەنچىسىنىڭ كامىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن 26 يىل بىر پارتىيە تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان بولۇپ، 1946-يىلى كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمگە ئۆتكەن ئىدى. تۈركىيە پارلامېنتى 1920-يىلىدا ئەنقەرەدە تۇنجى يىغىنىنى ئاچقان بولۇپ، 94 يىلدا 27 قېتىم پارلامېنت ئەزاسى سايلىمى ئۆتكۈزگەن. تۈركىيەدە دېموكراتىيە بىر قانچە قېتىم ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشلەر بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، بۈگۈنگىچە ئىزچىل ھالدا سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.