شى جىنپىڭ 2025-يىل ئەڭ چوڭ سىياسىي «بوران-چاپقۇن» غا دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.12.30
Xi-jinping خىتاي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يېڭى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 25-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ
reuters

خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتۇپ كېلىۋاتقان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان سىياسىي تۈزۈلمىدە دېموكراتىيەدىن يىراقلىشىپ مۇستەبىتلىشىشكە قاراپ ماڭغانلىقى، مىللەتلەر سىياسىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئەندىزىسىدىن ۋاز كېچىپ، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» شوئارى ئاستىدا خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە ئۆتكەنلىكى، ئىقتىسادتا خۇسۇسىي كارخانىلارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى، دىپلوماتىيەدە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادىن يىراقلىشىپ، رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇپ قۇتۇپلىشىش ۋەزىيىتى پەيدا قىلغانلىقى، ھەربىي ئىشلاردا قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىشقا ۋە ئىغۋاگەرلىك قىلىشقا باشلىغانلىقى شى جىنپىڭ دەۋرىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكلىرى سۈپىتىدە ئىزچىل ھالدا خەلقئارانىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە.

2025-يىل كىرىش ئالدىدا جىددىي تۈس ئالغان دۇنيا ۋەزىيىتى—رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىشى، ئىسرائىلىيە—خاماس توقۇنۇشىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كېلىشى، دونالد ترامپنىڭ قايتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشى، سۈرىيەدە بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى قاتارلىق ئۆزگىرىشلەر خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە يۆنىلىشىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

شى جىنپىڭ 2022-يىل 10-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 12-قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن «بوران-چاپقۇنلۇق دەۋرنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنى بۇ بوران-چاپقۇنلۇق دېڭىزدا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمىنىڭ، يەنى خىتاينىڭ باش كاپىتانى قىلىپ سۈپەتلىگەنىدى. ئەمما ئانالىزچىلار شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىنكى خىتاينىڭ زاۋاللىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ئامېرىكادىكى خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، سىياسىي ئانالىزچى پېي مىنشىن 25-دېكابىر «بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، شى جىنپىڭ ھوقۇق تۇتقان 13 يىلدىن بېرى ھەقىقىي «بوران-چاپقۇن» نى تېخى باشتىن كەچۈرمىگەنلىكىنى، ئەمما 2025-يىلى، يەنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاقسارايغا قايتا كىرگەندىن باشلاپ ئەڭ ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر شى جىنپىڭ بۇ رېئاللىقنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمىسا خىتاينىڭ دۈشمەنلىرىنى كۆپەيتىپ، دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، خىتاينى بالايى-ئاپەتكە باشلايدۇ.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى پۈتۈنلەي خىتايغا باغلىق. چۈنكى خىتاي ئامېرىكاغا ئىزچىل دۈشمەنلىك بىلەن قاراپ كېلىۋاتىدۇ. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى خىتاي بىلەن ياخشى ئۆتۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ كەلدى. ئەمما خىتاي رەھبەرلىرى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئامېرىكانىڭ بۇ تىرىشچانلىقىغا پەرۋا قىلمىدى. كەلگۈسىدە دۇنيا خاراكتېرلىك بىر ئاپەت مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى خىتاي ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ سەۋر قاچىسىنى تاشۇردى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەمدى خىتايغا يول قويىدىغان يېرى قالمىدى».

پېي مىنشىننىڭ كۆرسىتىشىچە، شى جىنپىڭ 2025-يىل ئىقتىساد، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىشلار بولۇپ تۆت چوڭ «بوران-چاپقۇن» غا دۇچ كېلىدىكەن. بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يامانلىشىپ بېرىشى بولۇپ، دونالد ترامپ خىتايدىن 60 پىرسەنت باج ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئامېرىكا يەنە خىتايغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، سۈنئىي ئەقىل، كۋانتوم كومپيۇتېرىغا ئوخشاش يۇقىرى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەشنى كۈچەيتىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇلار ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشقا قاراپ ماڭىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئىككىنچىسى، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش-گۈللەندۈرەلمەسلىكى مەسىلىسى بولۇپ، خىتاي گەرچە دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمال كۈچىنى ئاشۇرۇش، قەرز ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، كىشىگە ئىشەنچ بېرەلمىگەن. خىتاينىڭ قەرز يۈكى بارغانچە ئېغىرلىغان ھەمدە ئۆي-مۈلۈك كىرىزىسى ئېغىرلاشقان.

ئانالىزچى گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ ئەمدى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىغان ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئېكسپورتقا تايىنىپلا ئىقتىسادىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ ئىستېمالنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاساسى بولۇشىنى خالىمايدۇ. ئۇ ئېكسپورتقا تايىنىپلا خىتاينىڭ چۆكۈۋاتقان ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئويلايدۇ. نۆۋەتتە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاي ماللىرىغا قويىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان ئالاھىدە چەكلىمە ۋە ‹1930-يىللىق باج قانۇنى› نى كۈچەيتىدىغان ۋاقتى كەلدى. خىتايدىكى نۇرغۇن مەھسۇلاتلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى. ئەينى چاغدا كۆپلىگەن ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سەل قاراپ كەلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىللىكىنى ۋە سىياسەت يۆنىلىشنى دائىم ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن چاغدا، ئامېرىكالىقلار ئاندىن خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر، جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەرگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە دىققەت قىلىدۇ».

 تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم شى جىنپىڭنىڭ 2025-يىلدىكى بۈيۈك پىلانلىرى، جۈملىدىن «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئەگەر خىتاي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ قىممەت قارىشىنى قوللاپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھەل قىلمىسا خىتاي ئىقتىساد ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە ھامان ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدىكەن.

شى جىنپىڭ 2025-يىل دۇچ كېلىدىغان ئۈچىنچى سىناق، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىلدۇرالماسلىقتىن باشقا يەنە، سىياسىي-جۇغراپىيە جەھەتتىكى تاكتىكىدا دانا بولۇش بولالماسلىق ئىكەن. چۈنكى خىتاي يىللاردىن بېرى قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنى ئامېرىكاغا يېقىنلاشتۇرغان. ئەگەر ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەرگە 10پىرسەنت تاموژنا بېجى قويسا ھەم ئۇلاردىن «دۆلەت مۇداپىئە ھەققى» ئالسا، شى جىنپىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى يېنىغا تارتىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. تۆتىنچىسى، شى جىنپىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينىيالامدۇ-يوق، دېگەن مەسىلە بولۇپ، بۇ دىپلوماتىيە سىنىقىدا شى جىنپىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن بولغان «چەكسىز دوستلۇقى» دىن ۋاز كېچىشى كېرەك ئىكەن. چۈنكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى خىتاي بىلەن ياۋروپانىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان سالغان بولۇپ، شى جىنپىڭ بۇ يەردە پايدا-زىيان مۇناسىۋىتىنى ئوبدان دەڭسىشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر شى جىنپىڭ رۇسىيەنى قوللاشنى داۋام قىلسا، دونالد ترامپنى بىئارام قىلىشى، ياۋروپا رەھبەرلىرىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، 2025-يىل شى جىنپىڭ يەنىلا ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلىنىشى، بەلكى مۇناسىۋەتلىرىنى يۇمشىتىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا پېي مىنشىن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ئەنسىرەيدىغان ئەڭ چوڭ سىياسىي خەتەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقىنى بۇزۇش تاكتىكىسى ئىكەن. دونالد ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن ئەپلىشىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى بۇزۇپ تاشلايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا تېخىمۇ كۆپ بايلىق ۋە ئېنېرگىيەسىنى سەرپ قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان رىقابىتىنى كۈچەيتىدىكەن. شى جىنپىڭ بۇ ئاقىۋەتنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن بىر بولسا پۇتىننى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇشى، بىر بولسا دونالد ترامپ بىلەن چوڭ كېلىشىم ئىمزالىشى كېرەك ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ ھال شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ قارار ۋە ئەڭ چوڭ سىناق، دەپ قارالماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.