شى جىنپىڭنىڭ «رەتلەش ۋە تەڭشەش» سىياسىتى خىتاي ئىچىدە ۋەھىمە قوزغىماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-09-04
Share
شى جىنپىڭنىڭ «رەتلەش ۋە تەڭشەش» سىياسىتى خىتاي ئىچىدە ۋەھىمە قوزغىماقتا شى جىنپىڭ
Social Media

يېقىنقى بىرقانچە ھەپتىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىچكىي سىياسىتىدە يۈز بېرىۋاتقان جىددىي ئۆزگىرىشلەر غەرب مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئاخبارات ۋاستىلىرى مائارىپتىن سانائەت ساھەسىگىچە، شەخىسلەردىن جەمئىيەتكىچە كېڭىيىۋاتقان بۇ «رەتلەش ۋە تەڭشەش» سىياسىتى توغرىسىدا ئۇچۇرلار، ئانالىزلار ئېلان قىلماقتا.

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 2-سىنتەبىر ئېلان قىلغان «شى جىنپىڭ قانداق رەتلىمەكچى ۋە تەڭشىمەكچى؟» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقنى ئازايتىش، «ئورتاق گۈللىنىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بايلارنى تىزگىنلەش، ئۇلارنى كەمبەغەللەرگە ۋە جەمئىيەتكە ياردەم بېرىشكە قىستاش سىياسىتىنى رەسمىي يولغا قويغان. كەمبەغەللەرگە ۋە جەمئىيەتكە ياردەم بېرىشكە قىستالغۇچىلار ئىچىدە داڭلىق چولپانلارمۇ بار ئىكەن. بۇ يېڭى سىياسەت دەل ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە يولغا قويۇلغان «باي، پومىشچىكلارنى يوقىتىش»، «يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش» ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىگە ئوخشايدىكەن. ھالبۇكى، ماۋ زېدۇڭنىڭ بۇ سىياسىتى زامانىدا ئېغىر دەرىجىدە ئاچارچىلىق ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قانچە 10 مىليونلىغان ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

شى جىنپىڭ بۇ سىياسىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن «توخۇنى بوغۇزلاپ، مايمۇننى قورقۇتۇش» چارىسىنى قوللىنىپ، ئىشنى ئالدى بىلەن بىر قىسىم چوڭ شىركەتلەرنى جازالاشتىن باشلىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئالىبابا»، «دىدى»، «مېيتۇەن» قاتارلىق خەلقئارالاشقان چوڭ شىركەتلەرمۇ بار ئىكەن. «ئالىبابا» غا «ئادالەتسىز سودا رىقابىتى بىلەن شۇغۇللاندى» دەپ 1 مىليارد دوللار جەرىمانە قويغان.

نۆۋەتتە خىتاي شەھەرلىرىدىكى ئىشسىزلارنىڭ نىسبىتى 15 پىرسەنتكە يەتكەن. خىتايدا ئايلىق كېرىمى 1000 يۈەنگە، يەنى 130 ياۋروغا يەتمەيدىغان كەمبەغەللەرنىڭ سانى 600 مىليون ئىكەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، دېڭ شياۋپىڭ «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن بېيىغان 1000 دىن ئارتۇق مىلياردېر، قانچە مىڭلىغان مىليونېر بار ئىكەن. شى جىنپىڭ بۇ 600 مىليون نامراتنى دۆلەتنىڭ كۈچى بىلەن يۆلەپ تېرىلدۈرگەندىن، بايلارنىڭ پۇلى بىلەن ماغدۇرلاندۇرىدىغان بىر سىياسەتنى يولغا قويۇشنى ئەۋزەل كۆرگەن. بىراق بۇ سىياسەت، خىتاي بايلىرىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىپلا قالماي، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلاردىمۇ ئەندىشە قوزغىغان.

ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، خىتاينىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن 50-يىللاردىكى «بايلارنى بۇلاپ، كەمبەغەللەرنى يۆلەش» تەك كونا سىياسەت دەۋرىگە قايىتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

تېخىمۇ ئەندىشە قوزغايدىغان يەنە بىر سىياسەت خىتايدا تەڭلا باش كۆتۈرگەن. ئۇ بولسىمۇ، «ئىدېئولوگىيەلىك رەتلەش» تىن ئىبارەت. گېرمانىيەنىڭ NTV خەۋەرلەر قانىلىنىڭ 2-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «خىتاي رادىيو، تېلېۋىزىيەلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى» ناملىق خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى دۆلەت ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن تارتىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغىچە، ئەدەبىيات-سەنەت ساھەسىدىن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغىچە «ئىدېئولوگىيەلىك رەتلەش» نى يولغا قويغان.

بۇ «ئىدېئولوگىيەلىك رەتلەش» نىڭ تۈپ مۇددىئاسى: شى جىنپىڭ ئىدىيىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەرقانداق «شەكلى ئۆزگەرگەن نەرسىلەر» ۋە «تەمى قاچقان ئىستېتىكا» لارنىڭ ئورنىغا «ۋەتەنپەرۋەرلىك» نى دەسسىتىش بولغان. يەنى غەرب ئەللىرىگە تەۋە مەدەنىيەتلەر، كىشىگە زوق بېغىشلايدىغان گۈزەللىكلەر يات ئامىل سانىلىپ چەكلىنىشكە باشلىغان. داڭلىق چولپانلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئەسەرلىرى تورلاردىن ئۆچۈرۈلگەن. كىمكى «خىتايچە ۋەتەنپەرۋەرلىك» كە قارشى سۆز قىلسا، تورلارنى ئۇنىڭغا قارشى چۇقانلار، تەھدىتلەر قاپلىغان. ئەكسىچە، خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن خىزمەتچىلىرى مەقسەدلىك تارقاتقان نەرسىلەر ھەممە ئادەم چوقۇم ھەمبەھىرلىشى لازىم بولغان ساغلام پىكىر ھېسابلانغان. نۇرغۇن ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، يا شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەسىگە لايىق رەۋىشكە كەلتۈرۈلۈش ياكى ئەخلەتكە تاشلىنىشتەك تەقدىرگە دۇچ كېلىشكە باشلىغان.

خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە تور ئويۇنلىرىنى «ئىدېئولوگىيەلىك ئەپيۈن» دەپ ئاتاپ، 18 ياشتىن تۆۋەن بولغان خىتاي بالىلىرىنىڭ ھەپتە ئاخىرى ۋە بايرام كۈنلىرىدە كۈندە پەقەت 1 سائات ئويۇن ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويغان. باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش رەسمىي دەرسلىككە كىرگۈزۈلۈشكە باشلىغان. سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىغا قارشى ۋە يات بولغان بارلىق نەرسىلەرنى تازىلاش، «تور مەستانىلىرى مەدەنىيىتى» گە زەربە بېرىشنىڭ دولقۇنلىرى قوزغالغان.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، بۇ خىل ئىدېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ خىتاينى يەنە بىر قېتىم «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىگە قايتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى بۇ جىددىي ئىچكىي ئۆزگىرىشلەر توغرىلىق بىر خىتاي زىيالىيسى ئۆز بىلوگىدا مۇنداق يازغان: «بىز ھەممىمىز بىر مەيدان چۇڭقۇر ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنىڭ باشلانغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. مۇھىم بولغىنى چىرىكلىكلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاشلا ئەمەس، ئۇنى سۆڭەكلىرىگە قەدەر قىرىپ، جاراھەتنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاشتۇر. ھازىرقى نىشان ئۆينى تازىلاش، ساپ ھاۋانى كىرگۈزۈش، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ساغلام قىلىپ، جەمئىيەتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەرنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشتۇر.»

خىتاينىڭ بىر مەشھۇر تور چولپىنى مۇنداق يازغان: «جۇڭگو ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا. ئامېرىكا ھەربىي جەھەتتىن تەھدىت سالماقتا، پۇل-مۇئامىلە تەرەپتىن زەربە بەرمەكتە، سىياسىي، دېپلوماتىيە جەھەتتىن قورشاپ ھۇجۇم قىلماقتا. ئەگەر جۇڭگو چوڭ كاپىتالىستلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئىمپىرىيالىستلارغا ۋە زوراۋانلارغا قارشى تۇرىدىغان ئاساسىي ھەربىي كۈچ تەشكىللىمىسە، بۇ بىر ئەۋلاد ياشلار ئىرادىسىدىن ھەم ئەرلىك مەردانىلىقىدىن مەھرۇم بولىدۇ، دۆلەت يېمىرىلىدۇ، خۇددى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندەك.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت