«شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات مۇنبىرى» يىغىنىغا قارىتا ئىنكاسلار
2024.10.28
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى» دەپ تېما قويۇلغان «2-نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەرەققىيات مۇنبىرى» ناملىق يىغىن 26-ئۆكتەبىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
يۇقىرىقى خەۋەرلەردە: يىغىندا خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن «11 مۇتەخەسسىس ۋە ئالىم ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشلىرىغا قارىتا تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ۋە ھەقىقىي تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلغان، شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىنى كۆپ تەرەپلەردىن تەسۋىرلەپ بەرگەن، شۇنداقلا خىتايغا قارشى ئامېرىكا ۋە غەرب كۈچلىرىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭدىكى ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› ئىغۋاسىنىڭ ھەمدە ‹شىنجاڭ ئارقىلىق خىتاينى تىزگىنلەش› يامان غەرىزىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان» دەك كۆرسىتىلگەن.
خەۋەردە تەكىتلىشىچە، بۇ يىغىن ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق، يالغان ئۇچۇرلارنى چەكلەش، ئۆسەك سۆز ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا قارشى تۇرۇشنى ئىلمىي ئاساسلار بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرگەن».
گوللاندىيەدىكى جازا لاگېرلىرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقتىن ئەسەرمۇ بولمىغان، بەلكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر جايدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىنى چاقىرىپ قۇرۇق سەپسەتىلەرنى بازارغا سېلىشى ئۆز جىنايەتلىرىگە داۋاملىق چاپان يېپىشنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدىكەن.
خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى چېگرا رايون تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ جەنيىڭ يىغىندا مۇنداق دېگەن: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداپ كەلدى، ھازىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئاساسەن 10 خىل تىل ۋە يېزىق ئىشلىتىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت سەنئەتكارلىرى كۆپ خىل تىللارنى قوللىنىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زور مىقداردىكى بەدىئىي سەنئەت ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇردى، ھەتتا مۇھىم ئېقىملارنى شەكىللەندۈرۈپ، نىسبەتەن زور تەسىرلەر ياراتتى. مەسىلەن: ‹يېڭى چېگرا شېئىرىيىتى›، ‹غەربىي خىتاي ئەدەبىياتى› قاتارلىق ئېقىملار بۇنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۆرنەكلىرىدۇر».
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر يىغىندا شۈ جەنيىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەر قىپقىزىل كۆز بويامچىلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقىدا مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، كىتاب-ژۇرناللار نەشر قىلىش ھوقۇقىدىن ئۇيغۇرلارنى ئاللىقاچان مەھرۇم قىلغان.
خەۋەردە يەنە شۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ چېگرا رايون مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرلىك قانۇنلارنى تۈزۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلدى. قاراغوجا قەدىمىي شەھىرى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، نىيە خارابىلىكى، قىزىل مىڭ ئۆيلەر دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىردى. ئۇيغۇر 12 مۇقامى، مەشرەپ ۋە قىرغىزلارنىڭ ‹ماناس› داستانى ب د ت نىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت كومىتېتى تەرىپىدىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرىپ، ھەر مىللەتنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ يېڭى سەھنىسىنى ياراتتى».
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ تاشلىغان، ئۇيغۇرلارنى ئەقەللىي ياشاش ھەقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەزكۇر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ تامامەن ئەكسىچە ئىكەن.
خەۋەردە يەنە، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق ھەم كۆپ خىل مەدەنىيەتتە بىللە مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىدەك مەنزىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن» مىسىرلىق سىياسىي ئوبزورچى، «مىسىر كۆزنىكى» تورىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەھمەد سۇلايماننىڭ «شىنجاڭنىڭ بۇ گۈزەل، ھەقىقىي مەنزىرىسى» نى مىسىر خەلقىگە يەتكۈزمەكچى بولغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان.