«شىنجاڭچە قان ئالماشتۇرۇش» خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن
2024.07.24
مۇتەخەسسىسلەر ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىلا خىتاي نوپۇسىنىڭ قېرىش نىسبىتىنىڭ 2050-يىلىغا بارغاندا يۇقىرى چەككە يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشۈپ، خىتاينى نوپۇس كىرىزىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىشكەن ئىدى. BBC نىڭ 22-ئىيۇل ئېلان قىلغان «خىتايدىكى نوپۇسنىڭ قېرىشى ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى نوپۇسنىڭ قېرىشىنىڭ بىنورمال ئالامەتلىرى ھازىردىن باشلاپلا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان. مەسىلەن، خىتايدا تۇغۇلىدىغان بوۋاقلارنىڭ سانى يىلسېرى ئازىيىپ، قېرىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى بالىلار ئۈچۈن قۇرۇلغان بىر قىسىم يەسلىلەر ئەمدى قېرىلار ئۈچۈن كۈتۈنۈش ساناتورىيەلىرىگە ئۆزگەرتىلىشكە باشلىغان.
«فىرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسى 24-ئىيۇل ئېلان قىلغان «شىنجاڭچە قان ئالماشتۇرۇش: خوڭكوڭنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى كەلگۈسىدە خىتاي كۆچمەنلىرىگە باغلىق» ناملىق خەۋەردە شەرھلىشىچە، خوڭكوڭدىكى نوپۇسنىڭ قېرىشى ۋە ئازىيىشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە خوڭكوڭنىڭ نوپۇسى 7 مىليون 800 مىڭ بولۇپ، يەرلىكتىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەيدىكەن. بىراق ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا، تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ خوڭكوڭغا قاراپ ئېقىشى سەۋەبىدىن خوڭكوڭنىڭ نوپۇسى 2046-يىلىغا بارغاندا 8 مىليون 190 مىڭ كىشىگە يېتىدىكەن. ھەر يىلى 152 مىڭ خىتاي كۆچمەن ھەر خىل يوللار بىلەن خوڭكوڭغا كىرىپ يەرلىشىپ، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىغا ۋە ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بۇ بولسا «شىنجاڭچە قان ئالماشتۇرۇش» دەپ ئاتالغان.
خەۋەردە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىلگەن: «خىتايلارنىڭ شىنجاڭغا كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشى خىتاينىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. خىتاي 2021-يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلغان ‹شىنجاڭدىكى نوپۇسنىڭ تەرەققىياتى› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابقا ئاساسلانغاندا، 1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭنى قۇرۇش، رايوننىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە كۆپ ساندىكى زىيالىيلار ۋە ئاكتىپ ياشلار دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن شىنجاڭغا كىرىپ، چېگرا رايوننىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن. نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى ۋە نوپۇسنىڭ ئېقىشىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئامىلنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ نوپۇسى تېز يۈكسەلگەن. نەتىجىدە شىنجاڭنىڭ نوپۇسى 1949-يىلى ‹تىنچ ئازات قىلىنغان› مەزگىلدىكى 4 مىليون 333 مىڭ كىشىدىن، 1978-يىلىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەزگىلىگە كەلگەندە نوپۇس 2 ھەسسە قاتلىنىپ، يىللىق كۆپىيىش نىسبىتى 3.37 پىرسەنتكە يەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا گەرچە نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى 1.99 بىلەن 1.41 پىرسەنت ئارىلىقىدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا پۈتكۈل مەملىكەتكە سېلىشتۇرغاندا 1 پىرسەنت يۇقىرى بولغان.»
خەۋەردە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «خىتاي كۆچمەنلەرنى ئۇيغۇرلار رايونىغا كەڭ كۆلەمدە يۆتكەش سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت بولماقتا» دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈلگەن. بىراق، خەۋەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن كېمىيىشى ۋە بۇ رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. 2019-يىللىرى «بۈگۈنكى شىنجاڭ-ئەتىكى خوڭكوڭ» دەپ نامايىش قىلغان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ كەلگۈسىدە «شىنجاڭچە قان ئالماشتۇرۇش» نىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدىغانلىقىغا دائىر تەتقىقات ھەم سانلىق مەلۇماتلارغا كۆپرەك ئورۇن بېرىلگەن.
گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە تەجرىبىدىن ئۆتكەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى خوڭكوڭدىمۇ تەتبىق قىلماقتا ئىكەن. ئۇنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، گەرچە خوڭكوڭلۇقلار دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭلۇقلارمۇ بارغانسېرى ئېغىر باستۇرۇشلارغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
خەۋەرلەردە بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا نوپۇسنىڭ قېرىشى، ئىشسىزلىقنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. خوڭكوڭدا ئىلگىرى 20 ئىشچى، 9 بالا ۋە ياشانغان كىشىنى بېقىپ كەلگەن بولسا، ئالدىمىزدىكى يىللاردا 20 ئىشچى، 15 بالا ۋە ياشانغان كىشىنى بېقىشقا مەجبۇر بولىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدىكەن. خوڭكوڭنىڭ ئەمگەك ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرىدىن خو كەيمىڭ بۇ ھەقتە توختالغاندا، «ئىشىنىمەنكى، خوڭكوڭدا ھېچكىم ئاچلىقتىن ئۆلمەيدۇ، ئەمما ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرمەكچى بولساق، چوقۇم ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.