خىتاينىڭ 26 پاختا شىركىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ قارا تىزىملىككە ئېلىندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.05.17
dehqan-ishlemchi-paxta-kewez دېھقان ئىشلەمچىلەر ئېتىزدىن پاختا يىغىۋاتىدۇ.2006-يىلى 10-ئۆكتەبىر، كورلا
AFP

16-ماي كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 26 شىركىتى ۋە ئامبىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلاردىن پاختا ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن.

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تىزىملىكتىكى پاختا شىركەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ، بىراق ئۇلار پاختىنى ئۇيغۇر ئېلىدىن كىرگۈزىدىكەن.

ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس باياناتتا يەر ئالغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «بىز توقۇمىچىلىق ساھەسىگە قويغان بۇ چارىمىزنى ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىپ، زۇلۇم قىلىۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىمىز. »

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «يۇقىرىقى بۇ چەكلىمە مەسئۇلىيەت بىلەن تىجارەت قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ دىققەت بىلەن ئىش كۆرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا بىز بىرلىكتە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. »

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىسلەشكەن تەتقىقاتچى، ئامېرىكادىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز بولسا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئالدى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۇ ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا بىز ئۇزۇندىن بېرى كۈتكەن بىر قەدەم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ يېقىنقى دوكلاتىمدا 2023-يىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش نىسبىتىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكىدىن 38 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى يازغان ئىدىم. يەنىمۇ مۇھىمى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق خىرىس شىنجاڭدىن بىۋاسىتە ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارلا ئەمەس، بەلكى شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەپ ياكى قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ ساتىدىغان ۋاسىتىچى، ئارا شىركەتلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئورنى شىنجاڭدا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار پاختا ۋە باشقا خام ئەشيالارنى شۇ يەردىن سېتىۋالىدۇ. بۇ قېتىم مۇشۇنداق ئارا شىركەتلەرنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى بۇ جەھەتتىكى مۇھىم يېڭىلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. »

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلغاندىن بۇيان، ھازىرغىچە 65 ئورۇننى سودا قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. يۇقىرىقى 26 پاختا شىركىتى ۋە زاۋۇتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى بويىچە قارا تىزىملىككە ئېلىنىشى، تۇنجى قېتىم بۇنداق كۆپ ئورۇننىڭ بىرلا ۋاقىتتا قارا تىزىملىككە ئېلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش ساھەدە بولۇشى بۇ ئىشنىڭ سىستېمىلاشقانلىقىنىمۇ نامايان قىلىپ بېرىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىلگىرى ھەر ساھەگە تەۋە بىر ياكى ئىككى شىركەت قارا تىزىملىككە ئېلىناتتى. بۇ قېتىم پەقەت پاختىچىلىق ساھەسىدىكى 26 شىركەت بىراقلا قارا تىزىملىككە ئېلىنغان. بۇ ناھايىتى سىستېمىلىق ھەم كۆلەملىك ھەرىكەت بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەۋجۇت بولغان باشقا ساھەلەرنىڭمۇ مۇشۇنداق سىستېمىلىق جازالىنىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. »

يۇقىرىقى بۇ قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىرى بولغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىس سىمىس ۋە كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، قارارنى قارشى ئالغان. ئۇلار باياناتىدا، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان بىرىكمە كىرىستاللىق سىلىتسىي، ئاليۇمىن، بىرىكمە خىلورىد ۋە يېرىم بىرىكمە تالا سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى شىركەتلەرنىمۇ قارا تىزىملىككە ئېلىش» قا چاقىرغان. ئۇلار باياناتىدا، «ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن پايدا ئېلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.