خىتاي بولمىغان مىللەتلەر نېمىشقا خىتاي ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.10.03
Hoten-kocha-kaltek-xi-jinping-AP خوتەن شەھىرىدىكى بازاردا قوللىرىدا كالتەك تۇتقان كىشىلەر ئامانلىق ساقلاۋاتقان كۆرۈنۈش. 2017-يىلى 3-نويابىر
AP

مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا خىتاينىڭ گىئو-سىياسىي مەنپەئەتى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خىتايلاردىن باشقا مىللەتلەرنى كونترول قىلالماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئەندىشىلىرى ئۇنىڭ ھازىرقى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەيدىغان قاراشلار مەۋجۇت. لېكىن يەنە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇنداق قاراشنىڭ مەسىلىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، بەلكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئەتراپلىق شەرھلەشنى كۆرسەتمەكتە.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار بۇ مەسىلىنى ئانالىز قىلغاندا، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ بايلىقى، يەر-زېمىنى، ئۇلارنىڭ خىتايدىن كۆپ پەرقلىق بولغان كىملىكى شۇنىڭدەك خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ۋە خىتاينىڭ مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈمى قاتارلىق ئامىللارنىمۇ دىققەتكە ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۆتكەن ئون يىلدا، خەلقئارا تاراتقۇلار، تەشكىلاتلار ۋە قۇرۇلۇشلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى رەھىمسىز سىياسەتلىرىنى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاتالمىش «ئاز سانلىق مىللەتلەر» نى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار تەدبىرلىرىنى ئاشكارىلىدى. مۇتەخەسسىسلەر خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، يەنى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىدە جىددىيلىك پەيدا قىلغانلىقىنى ھەمدە خىتاي رەھبەرلىرىنى دائىم ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئەنە شۇ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە رەھبەرلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەنلىكى كۆز قارىشىنى پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تەتقىق مەركىزى ۋە ۋىلسۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئارون گلاسسېرمان (Aaron Glasserman) خىتاي بولمىغان مىللەتلەر نېمىشقا خىتاينى جىددىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ؟ » دېگەن تەتقىقات ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ نېمىشقا خىتاينى جىددىيلەشتۈرۈۋاتقانلىقى مەسىلىسىنى خىتاينىڭ زېمىن كونترول قىلىش ئەندىشىسى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى ۋە خىتاينىڭ بىيۇروكراتلىق سىياسىتى قاتارلىق ئامىللار ئارقىلىق ئانالىز قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن:

 «خىتاينىڭ گىئو-سىياسىتى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنى كونترول قىلالماسلىق ئەندىشىسى ھازىرقى ئۇنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېيىش يېتەرلىك سەۋەب ئەمەس. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسى-خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈمى خىتايدا قورقۇنچ پەيدا قىلىپ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارشى سىياسەتنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ يۈرگۈزۈشكە سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ» .

مەلۇمكى، خىتايدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى خىتايلاردىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، قالغان 10 پىرسەنت، يەنى 125 مىليون نوپۇسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان 55 مىللەتتىن تەشكىل قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئۇلار مەدەنىيەت، تىل، نوپۇس جەھەتتە ئۆزئارا ۋە خىتايلاردىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار ھەم پەرقلىق جۇغراپىيەلىك رايونلارغا جايلاشقان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ قىسىم زېمىنغا ئىگە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، تۇڭگانلار، جۇاڭلارنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە يەنە باشقا مىللەتلەرگىمۇ ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيە قاتارلىق يەرلىك ھوقۇقلارنى بەرگەن. يەر كۆلىمى جەھەتتىن خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئىگىلىگەن يەرلىرى ناھايىتى كۆپتۇر.

ئۇنداقتا بۇ مىللەتلەر نوپۇس جەھەتتىن خىتايلاردىن شۇنچە ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار نېمىشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ھەر خىل شەرھلىنىدىغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) بۇ ھەقتە كۆز قارشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە بىخەتەر ئەمەس. شۇڭا ئۇ ئۆزىگە تولۇق ئىتائەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي خەلقى ئارىسىدا ھېچقانداق بۆلۈنۈش بولماسلىقى كېرەك دەپ قارايدۇ. چۈنكى دىن ۋە مىللىي كىملىك كوم پارتىيەنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئىتتىپاقلىقنى بۇزىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ، ھالقىلىق تەھدىت دەپ قارىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى دەۋاتقان بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق، كۈچ، يەنى ھاكىمىيەتنى قولدا تۇتۇپ تۇرۇش ۋە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنى داۋامى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت» .

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاينىڭ گىئو-سىياسىي مەنپەئەتى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى كونترول قىلالماسلىق ئەندىشىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتايغا رەقىب دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە بولغان قىزىقىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنى جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئارون گلاسسېرمان ئۆز ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن:

 «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاقلاش، يەنى قانۇنلۇق قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن بارغانسېرى خىتاي ئەنئەنىسىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن خىتايدا مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقى مەسىلە ۋە تەھدىتكە ئايلىنىپ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېخىمۇ تەخىرسىز ۋە جىددىي ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. 2021-يىلى، شى جىنپىڭ مىللىي خىزمەتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ ‹جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈش› ئىكەنلىكىنى بەلگىلەپ، بۇ مەقسەتنىڭ بارلىق مىللەتلەرنىڭ ‹ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشى› نى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى».

 لېكىن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) دوكتور ئارون گلاسسېرماننىڭ ماقالىسىدە ئىنتايىن ھالقىلىق ئامىللارنى تىلغا ئېلىشقا سەل قارىغانلىقىنى ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەر نېمىشقا خىتاينى جىددىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ دېگەن مەسىلىنى ئانالىز قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىقى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ۋە تۈرك كىملىكىنىڭ رولىنى دىققەتكە ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى:

 «خىتاي بولمىغان مىللەتلەر نېمىشقا خىتاينى جىددىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ دېگەن مەسىلىنى ئانالىز قىلغاندا بىز دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغان باشقا ناھايىتى مۇھىم ئامىللارمۇ بار. بۇ ئامىللار بۇ ماقالىدە دىققەتكە ئېلىنىپ ئانالىز قىلىنمىغان ۋە بۇ ئامىللار ئۈستىدە يېتەرلىك ئىزدىنىلمىگەن. بۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئىسلامنىڭ ۋە تۈرك كىملىكىنىڭ رولى. بۇ ئىككى كىملىك ئامىلى ئۇيغۇرلارنى تاشقى دۇنيا بىلەن باغلايدۇ. يەنى تۈركىي خەلقلىرى ۋە ئىسلام ئۈممىتى بىلەن باغلايدۇ ۋە ئۇلار بىلەن يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي ۋە ئىسلام كىملىكى ئۇنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭكىگە ماس كەلمەيدىغان تېخىمۇ كەڭ پەلسەپە ياكى ھايات شەكلى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركچىلىك ئىدىيەۋى كىملىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئائىلىسىدىن پەرقلىق بولغان ئوخشىمايدىغان كۆز قاراش بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇڭا بۇلار خىتايغا تەھدىت. مېنىڭچە ئاپتور ماقالىسىدە بۇ خىل ئىنتايىن ھالقىلىق ئامىللارنى تىلغا ئېلىشقا سەل قارىغان».

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەر خىتاي رەھبەرلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، مانا شۇ خىل ئەندىشە تۈپەيلىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر خىتاي مىللىتى يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي بولمىغان مىللەتلەردىن ئەندىشە قىلىدۇ. خىتاي بولمىغان مىللەتلەر خىتاي رەھبەرلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ پەرقلىق تەرەپلىرىنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدىن تارىتىپ دىنىغىچە ھەممىسىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلارنى خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىنى ئىنكار قىلىپ شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەسىنى دىن سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، خىتايدىكى خىرىستىيان چېركاۋلىرىنىڭ بەزىلىرىگە شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى كىرېست قويۇلىدىغان ئورۇنغا قويدى. مېنىڭچە خىتاي كومپارتىيەسى بۇ پىكىرنى ياقتۇرىدۇ. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسى نوپۇسنىڭ بىرلىشىشىنى، يەنى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ بىرلا خىتاي مىللىتى قىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى خىتايدا ھەممە كىشىنىڭ خىتايچە سۆزلەيدىغان بىر پارتىيە، يەنى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى، بىر دىن، بىر مىللەت ۋە بىر دۆلەت بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.