خىتاينىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ۋە ئېشەككە مىنگەن «نەسرىدىن ئەپەندى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىغان
2025.02.05
nesridin-ependi-eshek-chaghan-senet-1024 ئېشەككە مىنگەن «نەسرىدىن ئەپەندى» بۇ يىل قەشقەر كوناشەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن «چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى» دە «يارقىن نۇقتىلار» نىڭ بىرىگە ئايلاندى دەپ تەشۋىق قىلىنغان
Douyin/screenshot

تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە يۇمۇرىستىك خاراكتېرىنىڭ سىمۋولى بولغان نەسرىدىن ئەپەندى بۇ يىل قەشقەر كونا شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن 2025-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ھەجۋىيلەشتۈرۈلگەن.

خىتاينىڭ «خەلق تورى» ۋە «خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، ئېشەككە مىنگەن «نەسرىدىن ئەپەندى» بۇ يىل قەشقەر كوناشەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن «چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى» دە «يارقىن نۇقتىلار» نىڭ بىرىگە ئايلاندى دەپ تەشۋىق قىلىنغان.

ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيان خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك تەشۋىقات پىروگراممىسى بولۇپ كەلگەن «چاغان سەنئەت كېچىلىكى» نىڭ بىر قىسىم نەق مەيدان نومۇرلىرى ئۆتكەن يىلى قەشقەردە كۆرسىتىلگەنىدى. جۈملىدىن، داڭلىق ئۇيغۇر كىنو ئارتىسى دىلرەبا دىلمۇرات باش بولۇپ ئوينىغان ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرى بۇ سەنئەت كېچىلىكىنىڭ «جەلپكار نۇقتىسى» بولغانىدى.

بۇ يىللىق چاغان سەنئەت كېچىلىكىدە ئېشەك مىنگەن «نەسرىدىن ئەپەندى» نىڭ كۆرسىتىلىشى خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر خەلق مەدەنىيىتىدىكى ئوبرازلارنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۆزگەرتىش ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشى دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پېڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «نەسرىدىن ئەپەندى» نىڭ كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان سىمۋوللۇق خاراكتېرى پۈتۈنلەي بۇرمىلانغان. ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئۇيغۇرلار ھەققىدە پاراڭ بولغاندا، كىشىلەر نەسرىدىن ئەپەندىنى تىلغا ئالماي قالمايدۇ. چۈنكى خىتايلار ئارىسىدىمۇ ئۇ سەمىمىيەت، ئادالەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ نامايەندىسى دەپ تونۇلغان. نەسرىدىن ئەپەندىنى بۇ قەدەر تونۇتقان نەرسە ئۇنىڭ داڭلىق لەتىپىلىرى ۋە ئۆتكۈر چاقچاقلىرىلا ئەمەس، ئۇنىڭدىكى باتۇرلۇق، ھەققانىيەتچىلىك ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش روھىدۇر. شۇڭا، ئەگەر بۇ سەھنىدە نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ رولىنى جانلاندۇرۇش توغرا كەلسە، ئۇنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنىمۇ ئىپادىلەش كېرەك. ئۇنى پەقەت كىشىلەرنى كۈلدۈرىدىغان ھەزىلكەش قىلىپلا كۆرسەتمەسلىك كېرەك. بۇنداق قىلىش ئۇنىڭ مەدەنىيلىك قىممىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.»

ئامېرىكادىكى «چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چاغانلىق كېچىلىكنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئارىلىشىش، ئۇنى كەمسىتىش، بۇرمىلاش، ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىدۇر. ئۇ بۇ خىل مەدەنىيەت سۇيىئىستېمالچىلىقى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى شەرھلەپ مۇنداق دېدى:

 «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئىنتايىن ناچار. شۇڭا، بۇ يەردە ئۇلارنىڭ نەسرىدىن ئەپەندى ئوبرازىنى چاغانلىق سەھنىگە ئېلىپ چىقىشى پۈتۈنلەي مەدەنىيەتنى بۇرمىلاپ ئۆزلەشتۈرۈشتۇر. چۈنكى، ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى قالاق، مەدەنىيەتسىز قىلىپ كۆرسەتكەن. ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى كۆپلىگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەرخىللىرى ۋە زىيالىيلىرىنى سىستېمىلىق شەكىلدە ۋەيران قىلدى، نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى ۋە سەنئەتكارلىرىنى تۈرمىگە تاشلىدى، بەزىلىرىنى ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋوللىرىنى يوقىتىپ، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ياكى مىللىي ئىناقلىق دېگەندەك ساختىلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقتى. بۇنداق ساختا تەشۋىقات ۋە ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش ماھىيەتتە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى يوشۇرۇش قىلمىشىدۇر.»

بۇ يىللىق چاغان بايرىمىنىڭ ئالدى كەينىدە چاغان گويا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىغا ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايچە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىيىنىپ بىرلىكتە «بايرام تەنتەنىسى» قىلىشقانلىرى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغانىدى. قەشقەر كونا شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە ئېشەك يېتىلىگەن «نەسرىدىن ئەپەندى» نىڭ قاتناشتۇرۇلۇشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدىمۇ ئىنكاس قوزغىغان. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان شائىرە راھىلە كامال خانىم «نەسرىدىن ئەپەندى» ئوبرازى ھەققىدە ئىزاھات بەردى ھەمدە خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ ئۇنى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە ئېلىپ چىقىشتىكى مەقسەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلەردىن قارىغاندا خوتەن، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى بۇ يىللىق چاغان سەنئەت كېچىلىكىدە «نەسرىدىن ئەپەندى» ئوبرازىنى يارىتىش ئېقىمى يارىتىلغان بولۇپ، ھەممىسىدە پەقەتلا يۇمۇرلۇق، قىزىقچى ئوبرازى بىلەن سەنئەت كېچىلىكىنىڭ «كۈلدۈرگۈچىسى» سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە پىكىر قاتناشتۇرغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئەقىل-پاراسىتىنىڭ ۋەكىلى بولغان نەسىردىن ئەپەندى ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدىغان، ئۆتكۈر لەتىپىلىرى بىلەن زالىملارنى قامچىلاپ ئاۋام خەلقنى كۈلدۈرىدىغان شەخس بولۇپ، خىتاينىڭ چاغانلىق سەنئەت سەھنىلىرىدە ئۇ پەقەت ئېشەككە مىنىپ ھەييارلىق قىلىدىغان ھەزىلكەش قىلىپ كۆرسىتىلگەن. خىتاينىڭ بۇ ئوبرازنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىشى ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇر تارىخىي ئوبرازلىرىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى تاشقى دۇنياغا مەدەنىيەتسىز ۋە قالاق قىلىپ كۆرسىتىش، شۇنداقلا قانداقتۇر «كۈلكە ئىچىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى» كارتىنىسىنى يارىتىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەتتۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.