خىتاينىڭ «چاڭچىلىسى»: بىر تەرەپتىن قىرغىن قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇسسۇلغا سېلىش
2024.10.31

يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «جىڭجۈ» تىياتىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىغا ئېلىپ كىرىش، «چاڭچىلە» تىياتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇتۇش پىلانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەتتا مەخسۇس «جىڭجۈ» تىياتىر كەسپىنى سەنئەت ئىنستىتۇتلىرىدا تەسىس قىلىش قاتارلىق رايوندا ئېلىپ بارغان سىستېمىلىق خىزمەتلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشنى كۈچەيتىش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن بىلدۈرۈلمەكتە.
دەرۋەقە يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالە ئولتۇراق مەھەللىلىرىدە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئۆگىنىش» شوئارى ئاستىدا «ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە قوشنا-قۇلۇملارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىنى كۈچەيتىش» ئۈچۈن چاڭچىلە تىياتىر ئويۇنىنى كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى دەل ئۇلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈش ھەرىكەت دولقۇنىدىكى ئەڭ تىپىك ئۆرنەكلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
29-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى «چاڭچىلە تىياتىر ئۆمىكى» دىكىلەر 28-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدىكى ھەرقايسى ئاھالە ئولتۇراق مەھەللىلىرىدە بىر يۈرۈش چاڭچىلە ئويۇنى كۆرسەتكەن. خەۋەردە يەنە، بۇ قېتىملىق ئويۇن كۆرسىتىش پائالىيىتىنىڭ نەچچە يۈزلىگەن ھەر مىللەت «چاڭچىلە تىياتىر» مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنلىكى، چاڭچىلە تىياتىر ئارتىسلىرىنىڭ ئويۇن كۆرسىتىش تالانتلىرىغا ھەيران قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن چەكسىز ھۇزۇر ئېلىپ، «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى» نىڭ جەلپكارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقى داۋراڭ سېلىنغان. ئۇنداقتا بۇنىڭغا قارىتا كۆزەتكۈچىلەر نېمە دەيدۇ؟ ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن خىتاي چاڭچىلەلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ ھەيران قالامدۇ؟
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بەرگەن ئىنكاسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ چاڭچىلەلىرىنى چۈشەنمەيدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلمايدىغانلىقى ھەم ھۇزۇرلانمايدىغانلىقى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ناخشا-ئۇسسۇل ۋە تىياتىرچىلىقى بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ تۈگىتىش ۋە ئۇلارنى تولۇق خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە ئىككى خىل ئوخشىمىغان سىياسىي ھىيلە قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى.
مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىگە خاس بارلىق ئېلېمېنتلارنى ھۇجۇم ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى بۇزۇش، شالغۇتلاشتۇرۇش، ۋەيران قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتىدىكى «چاڭچىلە تىياتىر» ىغا ئوخشاش خىتايلار ئارىسىدىمۇ ئومۇملاشمىغان ئەنئەنىۋى سەنئىتىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە ئىدى. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ئۇنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ داۋراڭ قىلىپ، تاشقى دۇنياغا بۇ ھەرىكەتنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى ئۆگىنىش» دەپ پەردازلىماقتا ئىدى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى يوقىتىش بىلەن تەڭ ئۇلارغا چاڭچىلە تىياتىرىنى ئېيتىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇنى خەلق ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ساياھەت تەشۋىقاتلىرىدا ۋە خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرىنى كوزىر قىلىپ، تاشقى دۇنيانىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.
دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش پىلانى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىۋاتقان يەنە بىر ھىيلىسى، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى خەلقئاراغا تەشۋىق قىلىشتۇر. ئۇلارنىڭ بۇ تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئۈرۈمچىدىكى «خەلقئارا چوڭ بازار»، قەشقەر قەدىمى شەھىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساياھەت رايونلىرىدا ئۇسسۇل ئوينىتىش، چاغان بايرىمىدا ئۇيغۇرلارنى ناخشا-ئۇسسۇلغا تەشكىللەش ۋە چەت ئەللەرگە مەخسۇس ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇل سەنئەتچىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى كوزىر قىلىپ قوللىنىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.
گېرمانىيەدىكى مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى پەنلىرى دوكتورى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى رۇنې سىتېنبېرگ (Rune Stenberg) نىڭ قارىشىچە، «پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھەرقانداق بىر باشقا مىللەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆگىنىش شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر ياخشى ۋاسىتە بولۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى يوقىتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرۈشكە مەجبۇرلىشى ئوچۇق-ئاشكارا بىر مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى.
«دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى شېڭ شۆ خانىم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەزەلدىن نۇرغۇن مەسىلىلەردە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قارىتا ئىككى يۈرۈش سىياسەت قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىش ۋە ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىدە قوللىنىۋاتقان ئىككى بىسلىق سىياسىتى ماھىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ سىياسەتلىرى قۇل قىلىنغان، كونترول قىلىنغان، ھۆكۈمرانلىق ئاستىدا قالغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلەرنى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاشتۇر. بۇ پەقەت كىشىلىك ھوقۇققا زىيانكەشلىك قىلىش مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئىنسان روھى، پىسخىكا ساغلاملىقى، پىكىر، كۆز قاراش، ھەتتا ئىنسان تەبىئىتى قاتارلىق نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملارنى بۇرمىلاش ۋە ئۆزگەرتىش جەريانىدۇر. شۇڭا ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلەرنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت تېررورلۇقى ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، ئۇيغۇر يېمەكلىكلىرى ۋە ساياھەتچىلىكنى تاشقى دۇنياغا نامايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي بىرقانچە يىلدىن بۇيان رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇشال، خاتىرجەم، بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ بۇ ساھەدە ناھايىتى ئۇتۇق قازاندى. ئەمما خىتاينىڭ بۇ خىل كۈچلۈك مېڭە يۇيۇش، قاتتىق كونترول قىلىش، تەربىيەلەش ۋە قورقىتىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال پىلانى ئۆز نۆۋىتىدە ھازىر كىشىلەرنى رايوندىكى ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.»
يۇقىرىدا پىكىر بايان قىلغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، ئوز تىلىدىكى مائارىپتىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلانغانلىقى، خىتاي تىلى، مەدەنىيىتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى نامىدىكى خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت رېئاللىقنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى خىتاينىڭ يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىستراتېگىيەسى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياغا قوللىنىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتى دۇنيانىڭ كۆزىنى بويالمايدىكەن.