خىتاي ئەلچىسىنىڭ«قايتا تەربىيەلەش» مەۋقەسى قوزغىغان ئىنكاسلار ۋە غۇلغۇلىلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.08.16
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
خىتاي كېلىچەكتە تەيۋەندىمۇ جازا لاگېرلىرىنى قۇرامدۇ؟ خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايې فىرانسىيەنىڭ BFM تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كۆرۈنۈش.
Xitayning Fransiyediki bash elchixanisining torbéti

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالدىنقى ھەپتە تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايې «تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، تەيۋەنلىكلەرنى قايتا تەربىيەلەيمىز»دېگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

«فىرانسىيە ئاۋازى»نىڭ ئالدىنقى كۈنلىرى ئېلان قىلغان «ھەربىي مانېۋىر تەيۋەن كرىزىسىنى پەيدا قىلدى ھەمدە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىلىرىگە ئاسان قۇتۇلالمايدىغان بىر ئورا كولاپ بەردى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا سىياسىيونلىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، دىپلوماتلىرى ۋە مەتبۇئاتلىرى خىتاي باش ئەلچىسى لۇ شايېنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىنى ئۇنتۇيالمىغان.  بولۇپمۇ فىرانسىيەدە بۇ سۆز زور غولغۇلىلارغا سەۋەب بولغان.

فىرانسىيە دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىلى فرېدېرىك پېتىت بۇ ھەقتە: «خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرى ھەرگىزمۇ مۇشۇنداقلا ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. بۇ سۆزلەر كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ چۆچۈتىدۇ ۋە خەلقنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدۇ. بىز خەلقلەر ئۈستىدىن ‹قايتا تەربىيەلەش› نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زوراۋانلىقلارنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى بىلىمىز، بۇ ئۇنىڭ (يەنى لۇ شايېنىڭ) كۆڭلىگە ئايان» دېگەن.

فىرانسىيە سولچىللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئەزاسى ئەلېنورې بېز مۇنداق دېگەن: «خىتاي باش ئەلچىسى تەمكىن ھالدا تەيۋەنلىكلەرنى كەلگۈسىدە قايتا تەربىيەلەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. خىتايدا قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى ‹ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش› دەپ ئاتىلىدۇ. خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشلار بىلەن تولغان جازا لاگېرلىرىدىكى قايتا تەربىيەلەشتە يۈزمىڭلىغان ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلدى، لېكىن بۇ گەپكە (يەنى لۇ شايېنىڭ سۆزىگە) ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئادەملەرنىڭ تايىنى بولمىدى».

بىراق، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لۇ شايېنىڭ سۆزلىرىگە نۇرغۇن مەتبۇئاتلار دىققىتىنى بەرگەن. يالغۇز فىرانسىيەدىلا ئەمەس، گېرمانىيەدىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ سۆزنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىرادىسى سۈپىتىدە مۇھىم تېما قاتارىدا مۇلاھىزە قىلغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى فىرانسىيە شۆبىسىنىڭ رەئىسى پىررې ھاسكى «خىتاي بىلەن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك پەرقى» ناملىق ئوبزورىدا مۇنداق يازغان: «لۇ شايېنىڭ فىرانسۇزچىنى خېلىلا ياخشىكەن، بىراق مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇ ‹قايتا تەربىيەلەش› دېگەن بۇ سۆزنىڭ غەرب جامائىتىگە بېرىدىغان زەربىسىنى ياخشى ئاڭقىرالمىغان. بۇ ئىنتايىن ۋەھشىي، ئاپەت خاراكتېرلىك باياندۇر».

خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايېنىڭ «بىز تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، قايتا تەربىيەلەش ئېلىپ بارىمىز» دېگەن بۇ سۆزى خىتاينىڭ ‹قايتا تەربىيەلەش› نامىدىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان مۇھاجىرەتتىكى لاگېر شاھىدلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. فىرانسىيەدە ياشايدىغان لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

«ھەربىي مانېۋىر تەيۋەن كرىزىسىنى پەيدا قىلدى ھەمدە خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئەلچىلىرىگە ئاسان قۇتۇلالمايدىغان بىر ئورا كولاپ بەردى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، فىرانسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى مارك جۇلىننې تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «بۇ بايانلار يالغۇز بىرقىسىم فىرانسىيەلىكلەرگە خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان غەرىزىنى ئاشكارىلاپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ بەلكىم خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە خىتاينىڭ ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلەش يولىدىكى ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقى بولۇشىمۇ مۇمكىن». «بۇ ‹قايتا تەربىيەلەش› دېگەن گەپ كىشىلەرگە 2 - دۇنيا ئۇرۇشى، سوۋېتلار ئىتتىپاقى ۋە ماۋزېدوڭ دەۋرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئازابلىق بىر تارىخنى ئەسلىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ‹قايتا تەربىيەلەش› بولسا، خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ‹قايتا تەربىيەلەش› لىرىدۇر. خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش ‹تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۆزگەرتىش› نى ئاشكارا تەرغىب قىلماقتا. خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ ‹تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەيۋەنلىكلەر ئۈستىدىن قايتا تەربىيەلەش ئېلىپ بارساق، ئۇلار ۋەتەنپەرۋەرلەرگە ئۆزگىرىدۇ› دېگەن سۆزى، بەلكىم ئۇنىڭ ئەڭ ناچار سۆزى بولۇشى مۇمكىن. بۇ سۆز فىرانسىيە جامائىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن شۈركۈنەرلىك بىر بايانات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ زورلۇق ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆرگەرتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يالغۇز ھاكىممۇتلەقلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە مۇستەبىتلىكتۇر».

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دىپلوماتى لۇ شايېنىڭ سۆزلىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھازىرمۇ قىزىق نۇقتا تەرىقىسىدە تارقىلىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا جامائىتى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ بۇ بايانلىرىدىن خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتىنى يەنىمۇ چۇڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن.

خەۋەردە تەسۋىرلىنىشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ناتالى لويزېيا ئۆزىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا مۇنداق يازغان: «پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىدىن نەپرەتلەنگۈچىلەرگە مېنىڭ بېرىدىغان تەكلىپىم، ئۇلار بۇ نەپرەتلىرىنى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ بىمەنە سۆزلىرى ئۈچۈن ساقلاپ قويسۇن، ئۇ تەيۋەن خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە قارىماي تەيۋەننى زورلۇق بىلەن بىرلىككە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنى قايتا تەربىيەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئىنساننىڭ ھەقىقەتەنمۇ نەپرىتىنى قوزغايدۇ.

بېلگىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزاسى گۇي فېرخوفشىتات مۇنداق دېگەن: «مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەر خەلقنىڭ ئەركىنلىك قوينىدا ياشىشىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، ھەتتا تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدۇ، ئۇلار باستۇرۇشقا ۋە مېڭە يۇيۇشقا ئۇرۇنىدۇ. تەيۋەن، ئۇكرائىنا، ياۋروپا ئاگاھ بولۇشلىرى لازىم».

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەسلىھەتچىسى پائۇل ماسسارو بولسا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق، قايتا تەربىيەلەش، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشلەر مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ يېڭى ئەسىرىدە پۈتۈنلەي نورمال ھادىسىلەرگە ئايلىنىپ قالدى» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.