خىتاي ئەلچىخانىسى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلىگۈچىلەرنى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلىدى
2024.02.06
5-فېۋرال خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەپ ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان شەخس ۋە تەشكىلاتلارنى «يالغانچىلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەققىدە پىكىر بىلدۈرگۈچىلەر بىردەك بۇ باياناتىنىڭ بىر «سەپسەتە» ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مەزكۇر باياناتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەپ خىتاي خىتايغا قارشى نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرغان، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ زور كۆلەملىك يىغىلىش ۋە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى پاش قالىغان كۈنىگە توغرا كەلدى.
خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتىدا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ «ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستانلىق بۆلگۈنچىلەر پىلانلىغان ئۇرۇپ-چېقىش، بۇلاڭچىلىق قالايمىقانچىلىق ۋەقەسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ مەزكۇر باياناتى ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ خىتاي ئېيتقاندەك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان تىنچ يوسۇندىكى نامايىشى قانلىق باستۇرۇلغان بىر كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «غۇلجا ۋەقەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتتا دېگەندەك قانداقدۇر چەتئەلدىكى مىللىي بۆلگۈنچى تېررورچى كۈچلەر تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قاتىللىق قاتارلىق جىنايەت بىلەن تولغان بىر ۋەقە ئەمەسلىكىنى پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىمۇ بىلىدۇ. بۇ كۈن، خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىك، بولۇپمۇ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نامايىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان پاجىئەلىك بىر كۈندۇر.»
خىتاي ئەلچىخانىسى باياناتىدا يەنە، ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىشقا قاتناشقان تۈركلەرنى «خىتايغا قارشى كۈچلەر» دەپ ئاتاپ تەنقىد قىلدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ تەنقىدى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۈرك سىياسىيونلارنى قايىل قىلالمىدى.
خىتاينىڭ بۇ باياناتىنى «قۇرۇق سەپسەتە» دەپ ئەيلىگەن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى، «ئىيى» پارتىيەسىدىن بولغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىمۇ بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 27 يىل بۇرۇن غۇلجىدىكى ياشلار ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغاندا، خىتاي ساقچىلىرى كۆپ ساندىكى نامايىشچى ۋە بىگۇناھ ئادەملەرنى قىرىۋەتكەن. دېموكراتىيە بىلەن ئىدارە قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەردە نامايىش قىلىش، ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇش جىنايەت ھېسابلانمايدۇ. ئەپسۇسكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئەقەللىي تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەممە ئادەمنى ‹تېررورچى› دەپ قالپاق كىيدۈرۈپ جازالاۋاتىدۇ. نۆۋەتتە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى، دىنىي بەرباپ، يازغۇچى، شائىر ۋە زىيالىيلار ‹تېررورچىلىق› بىلەن ئەيىبلىنىپ لاگېرلارغا تاشلاندى ۋە تۈرمىلەرگە قامالدى. مەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان بۇ سەپسەتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن.»
تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى تۈركلەرگە قارىتىلغان ئەيىبلەش باياناتى ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلۇپ بىر كۈندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
4-فېۋرال ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش نامايىشىغا ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى تۈركلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان ئىدى.
«خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» ئىستانبۇلدىكى نامايىشنى تەشكىللىگەن ئاساسلىق تەشكىلات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى خىتاينىڭ باياناتىغا رەددىيە بەردى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىنىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت ئېتىراپ قىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» نى يوشۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇندىن 27 يىل بۇرۇن خىتاي غۇلجىدا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ‹5-فېۋرال ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى› نى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان تەشكىلاتلارنى ‹يالغانچى› دەپ ئەيىبلىگەن. دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ ئېتىراپ قىلدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتاي ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان بۇ سەپسەتىسىنى رەت قىلىمىز. خىتاينى تېررورچى دۆلەت دەپ ئاتايمىز. شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق تۈپەيلى خىتاينى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز. مەزكۇر سوتتا سوتلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانۇنىي يوللارنى ئىزدەۋاتىمىز. »
1997-يىلى 5-فېۋرال خىتاي قوراللىق قىسىملىرى دىنىي ئەركىنلىك، يىغىلىش ئەركىنلىكى قاتارلىق ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىپ تىنچ يوسۇندا كوچىغا چىققان غۇلجا ياشلىرىنى قانلىق باستۇرغان. باستۇرۇشتا زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھازىرغىچە بىر سىر بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر ۋەقەگە شاھىت بولغان ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى باستۇرۇشتا تۇتۇپ يوقىتىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇ.
شۇندىن بۇيان مەزكۇر ۋەقە «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى تۈرك تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن خاتىرىلەنمەكتە.