ئادرېئان زېنز: «خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس يۆتكەش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنى كونترول قىلماقتا»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.04.24
بىڭتۇەن دائىرىلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا كېتىدىغان خىتاي ئىشلەمچىلىرىگە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى 2-كۈتۈش زالىدىكى يولۇچىلار، 2019-يىلى 9-ئاپرېل، ئۈرۈمچى
Xinhua

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىش پۇرسىتى ئىزدەش باھانىسىدە ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ يەرلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىقتىساد تۆۋەنلەپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى بىلەن ئىش پۇرسىتى ئىزدەپ ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىن ھەسسىلەپ كۆپىيىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا يەنە ئاتالمىش خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەشەببۇسلىرى تارقالماقتا.

بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ بىرى، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خىتاي مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق قوش ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پەن يۆدۇر. ئۇ، «50 مىليون خىتاينىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭغا كەڭ كۆلەمدە كۆچۈرۈلۈشى، خىتاي بىرلا ۋاقىتتا دۇچ كېلىۋاتقان نوپۇسنىڭ كۆپلۈكى، بايلىق ئېھتىياجى، مىللەت ۋە دىن پەرقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مەسىلىنى ھەل قىلالايدۇ» دېگەنلەرنى كۆتۈرۈپ چىققان.

مەلۇم بولۇشىچە، پەن يۆ 2022-يىلدىن باشلاپ خىتاي مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان. ئۇنىڭ 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيەسىدە ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نەزەرىيەسى، خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىلمىي ژۇرناللىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قايتا-قايتا بازارغا سېلىنغان. 2024-يىلى 2-ئايدا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ نوپۇسىنى 50 مىليونغا يەتكۈزۈش ئىشەنچى نەدىن كەلدى؟ » ناملىق بىر تور مۇنازىرىسىدە، پەن يۆ «كەلگۈسى 5 يىل ئىچىدە شىنجاڭ نوپۇسىنى 30 مىليونغا، ھەتتا 50 مىليونغا يەتكۈزۈش، ئۈرۈمچى نوپۇسىنى ئون مىليونغا يەتكۈزۈش» نى ئوتتۇرىغا قويغان. پەن يۆنىڭ بۇ نەزەرىيەسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى نوپۇسنىڭ زىچلىقى، خىتايدا كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي بېسىم، ئىشسىزلىق مەسىلىسى، بايلىق ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي ۋە دىنىي پەرقلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى» سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئادرېئان زېنز قاتارلىق چەت ئەللەردىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونى نوپۇسىنىڭ كەلگۈسىدىكى 5 يىلدا 50 مىليونغا يېتىشى توغرىسىدىكى بۇ سان گۇمانلىق بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە يەنە بىر قېتىملىق كۆچمەن يۆتكەش دولقۇنى قوزغىغان، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس يۆتكەش تاكتىكىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىنى تولۇق كونترول قىلىشنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرېئان زېنز ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرى ۋە 2017-يىلىدىن بۇيان ئېغىر دەرىجىدىكى نوپۇس كونتروللۇقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن يېزىپ چىققان تەتقىقات دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك خەلقلەرگە مەجبۇرىي تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، رايوندىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئادرىئان زېنز ئەپەندى دوكلاتىدا، 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە رايون نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 84 پىرسەنت تۆۋەنلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا يۈرگۈزگەن مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى. ئادرىئان زېنز ئەپەندى ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ مەجبۇرىي يۈرگۈزۈلگەن «20 يىللىق پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى سەۋەبىدىن، شىنجاڭدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ 3 مىليون 700 مىڭ ئادەم قىسقارغان» لىقىنى تىلغا ئالغان.

ئادرېئان زېنز ئەپەندىمۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس يۆتكەش تاكتىكىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىكى مەقسەت، رايوننى كونترول قىلىۋاتقان خىتايلارنى كۆپ سانلىق نوپۇسىغا ئىگە قىلىشتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس ئىستراتېگىيەسىدىن پايدىلىنىپ كونتروللۇقنى ئاشۇرۇپ، خىتايلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇنداق، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر ئاسسىمىلياتسىيە يولى. ئۇنىڭدىكى مەقسەت رايوندىكى مىللىي پەرقنى تۈگىتىش، ھەممەيلەننى خىتاي، يەنى خىتاي پۇقراسى قىلىش، ۋە كومپارتىيەگە سادىق قىلىشتۇر. بۇ ئۇنىڭ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش تاكتىكىسى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ‹ئۇيغۇرلار پەقەت ئاز سانلىق مىللەت› دېيىشى ئۈچۈن، خىتايلار نوپۇسىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئارقىلىق، ‹مىللىي نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش› نامىدىكى نوپۇس ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتمەكتە» .

ئادرېئان زېنز، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا كۆچمەن يۆتكەش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى كونترول قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار تۇغۇت چەكلەش ۋە تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلار نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونترول قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى 0 پىرسەنتكە چۈشۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ رايونغا كۆچۈش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش. »

خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پىروگراممىلىرى بىلەن تونۇلغان ئانالىزچى چېن پوكۇڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈرۈش سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە «بىر پاي ئوق ئاتماي شىنجاڭنى ئىگىلەش» دەپ تەرىپلىنىدىغان مۇستەملىكە سىياسىتى ئىكەن.

چېن پوكۇڭ ئەپەندى ئۇيغۇر رايونى نوپۇسىنىڭ نۆۋەتتە 25 مىليوندىن ئاشقانلىقى، گەرچە كەلگۈسى 5 يىلدا رايون نوپۇسىنى 50 مىليونغا يەتكۈزۈش تەشەببۇسى رېئاللىققا تازا ئۇيغۇن بولمىسىمۇ، ئەمما ھازىرقى ھۆكۈمەت رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشتە مەجبۇرلاش قاتارلىق تاكتىكىلارنى قوللىنىپ، رايون نوپۇسنى 30 مىليونغا ياكى ئۇنىڭدىن كۆپەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقى بىلدۈردى.

چېن پوكۇڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھازىرقى 25 مىليون نوپۇسىنى كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە 50 مىليونغا يەتكۈزۈش ئىشىنى قىلالىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان مۇستەبىت بىر دۆلەت. شۇڭا ئۇلار مەجبۇرلاش، سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، بۇنى قىلالايدۇ. كۆرۈنۈشتە رايون نوپۇسىنى 50 مىليونغا يەتكۈزۈش پىلانى كىشىلەردە گۇمان تۇغدۇرىدۇ، چۈنكى ھازىر خىتاي نوپۇسى تۆۋەنلىمەكتە. مۇشۇنداق شارائىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ نوپۇسىنى يەنە بىر ھەسسە كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەلۋەتتە، ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇلارغا مەجبۇرىي تۇغماسلىق سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنى بىلىمىز. پەقەت خىتايلارنى كۆچۈرۈپ كېلىش ئارقىلىق يەنە 25 مىليون ئاھالىنى كۆپەيتىش، كۆرۈنۈشتە مۇمكىن ئەمەستەك بىلىنىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ قانچىلىك كۆپەيتەلىسە، شۇنچىلىك كۆپەيتىشكە تىرىشىدۇ، بەلكىم ئۇ رايون نوپۇسىنى 30 مىليونغا يەتكۈزۈشى ياكى 30 مىليوندىن ئاشۇرۇشى مۇمكىن. »

چېن پوكۇڭ ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇس كۆپەيتىشىنىڭ مەقسەتلىك ۋە پىلانلىق بىر تاكتىكا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇ پىلاننىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە يەنە مۇنداق دېدى: «بىر تەرەپتىن ئۇ خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ياشلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلماقچى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرگە قاراتقان مۇستەملىكە سىياسىتىنى خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق تىزگىنلىمەكچى. ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى، مۇستەملىكە سىياسىتىنى قوللىنىپ رايوننى خىتايلاشتۇرۇش، رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ھەم تىل ئالاھىدىلىكىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىش. بۇ ئەمەلىيەتتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى. »

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن تۇغۇت چەكلەش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىش سەۋەبىدىن ئۆزگىرىش ياساۋاتقانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى نوپۇس قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىدا، 1953-يىلدىكى 1-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار كېيىنكى يىللاردا قايتا تىلغا ئېلىنمايدىغان بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلغان 2020-يىلدىكى 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، «شىنجاڭنىڭ شۇ يىلدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 25 مىليون 853 مىڭ، 2010-يىلدىن 4 مىليون 365 نوپۇس كۆپەيگەن. خىتايلارنىڭ نوپۇسى 10 مىليون 9201، خىتايلار رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 42.24 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 14 مىليون 922 مىڭ بولۇپ، رايوندىكى ئومومىي نوپۇسنىڭ 57.76 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 11 مىليون 624 مىڭ 257 نەپەر بولۇپ، رايوندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 44.96 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ» دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 2021-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلغان «شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ سانلىق مەلۇماتى» ۋە 2021-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدا، رايوندىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ بۇ يىللاردا نورمال ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «1953-يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 455 مىڭ ئىدى. رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر سانى نورمال تەرەققىياتقا ئېرىشتى، 2020-يىلى رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 14 مىليون 922 مىڭ ئادەمگە يەتتى» دېيىلگەن.

نيۇ-يوركتىكى خىتاي ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندى، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغان 1949-يىلدىن بۇيان، رايونغا ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، كونتروللۇقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكنىڭ بىرى، 50-يىللاردىن ھازىرغا قەدەر بولغان 70 يىل ئىچىدە نوپۇس قۇرۇلمىسىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىدۇر. خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى ئۆزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا، رايوندا ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 50-يىللارنىڭ بېشىدا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان نوپۇس تەكشۈرۈشىدىمۇ ئۇيغۇرلار نوپۇسى رايوندا ئىنتايىن زور نىسبەتنى ئىگىلەيتتى، ئەمما يېقىنقى نوپۇس تەكشۈرۈش، يەنى 2020-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى رايون ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يېرىمىغا يەتمىگەن. مانا بۇ ئەھۋال بۇ يىللاردا رايونغا كۆچۈرۈلگەن خىتايلارنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنى ئۇ يەرگە بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ يامان ئاقىۋىتى شۇكى، ھازىر ئۇ يەردىكى نوپۇسنىڭ قۇرۇلمىسى پۈتۈنلەي ئۆزگەرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىۋالغان ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئەسلىدە رايوندا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلاتتى، ئەمما ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن رايوندا خىتاي نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىشى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايون دېگەن بۇ ناممۇ بارغانچە قۇرۇق ۋىۋىسكا بولۇپ قالدى، ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چەتلەشتۈرۈلۈشى، خىزمەت تېپىش ۋە باشقا پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.