خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ئامېرىكانىڭ نىشاننى مالىيە ساھەسىگە كېڭەيتىشى تەلەپ قىلىنماقتا
2024.11.25
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى 19-نويابىر ئامېرىكانىڭ X ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، بەزى داڭلىق ئامېرىكا مەبلەغ فوندى ۋە مالىيە كۆرسەتكۈچى شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كارخانىلىرىغا يۈز مىليونلىغان دوللارلىق مەبلەغ سالغانلىقى، ھالبۇكى بۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن 20 يىل مابەينىدە خىتاينى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ئامېرىكا مالىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىچىدە GGV, Walden, Qualcomm, Sequoia نىڭ «خىتاي كاپىتالى» تارمىقى قاتارلىق شىركەتلەر بۇنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرى ئىكەن. ئامېرىكا مالىيە فوندلىرى خىتايدىكى كۇاڭشى تېخنولوگىيە شىركىتى (Megvii)، شاڭتاڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى (Sense Time)، يۈنتيەن لىفېي تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى (Intellifusion)، گېلىڭ شېنتوڭ (Deepglint) تېخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغان.
ھالبۇكى، خىتايدىكى بۇ شىركەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب-نازارەت قىلىشى، يۈز تونۇش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىشى، ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي ج خ تارماقلىرىنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشىشى سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر ئىكەن.
ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز، 22-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، «مېنىڭچە بۇ ئۇچۇر بىزگە ئامېرىكا مەبلىغىنىڭ بۇ خىل شىركەتلەرگە ئېقىشىغا قارىتا كۆپ خىل تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېدى. ئادرىيان زېنزنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ خىل شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارى كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك» ئىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل مەبلەغ سېلىش ئىنتايىن نامۇۋاپىق ھەرىكەت. بۇ خىل مەبلەغ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە، بۇ يەردىكى چوڭ ئاجىزلىق ئامېرىكانىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىغا يارىشا كونكرېت تەدبىرلەرنى ئالماسلىقىدۇر» . ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا 1948-يىلى ماقۇللانغان. ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە بېكىتىش مەجبۇرىيىتى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىمۇ بار ئىكەن.
بۇ مەسىلە، ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلىسىمۇ، ئەمما مەبلەغ جەھەتتىكى ئېمبارگونىڭ پەقەت يۇقىرى تېخنىكىلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى مەنئى قىلىش بىلەن چەكلىنىشى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ساھەلەر ئۈچۈن چوڭ يوچۇق پەيدا قىلغانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. 20-نويابىر ئامېرىكانىڭ «تۆپىلىك» گېزىتىدە (The Hill) ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدا، «بۇ ئامىل بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگىلا ئەمەس، بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزغىمۇ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئامېرىكا كاپىتالى ئامېرىكادا ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئازىيىشىغا يول ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، (خىتاينىڭ) نازارەت ۋە باستۇرۇشىغا شېرىك بولۇۋاتقان شىركەتلىرىنى قوللىماقتا» دېيىلگەن.
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» دىكى «ھەممىگە ئادالەت» ناملىق ئامېرىكا مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ ئالاقە ئىشلار دىرېكتورى ھانا زۇبەرى خانىم، ئامېرىكا سەرمايە شىركەتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ «ئېغىر ئەخلاقىي قىلمىش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ھانا زۇبەرى 22-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا كاپىتال سەرمايە شىركەتلىرىنىڭ يۈز مىليونلىغان دوللارلىق مەبلەغنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە ئېقىتىشىدەك بۇ ھەرىكىتى ئېغىر ئەخلاقىي قىلمىشتۇر».
«ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتى» ئىلگىرى ئامېرىكا «ماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى» نىڭ خىتاي «شاڭتاڭ تېخنولوگىيە گۇرۇھى» بىلەن ئورناتقان سۈنئىي ئەقىل تەتقىقاتى ھەمكارلىق تۈرىگە قارشى ھەرىكەت قوزغىغانىدى. ھانا زۇبەرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشنى مەبلەغ ساھەسىگىمۇ كېڭەيتىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىمەكتە. ھانا زۇبەرى مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇنى توختىتىش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىش زۆرۈر. بىزنىڭ ئېكسپورتنى نازارەت قىلىدىغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» مىز بار. بىراق بۇنى كېڭەيتىش كېرەك. ئامېرىكا تېخنولوگىيەسى ھازىرقى بۇ ئاكتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلمەسلىكى، شۇنىڭدەك ئامېرىكا مەبلىغى بۇ خىل شىركەتلەرگە ئاقماسلىقى كېرەك».
ھالبۇكى، دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بەلگىلىمە چىقىرىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ياردەملىشىۋاتقان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىشنى قانۇنسىز دەپ بېكىتىشى كېرەك ئىكەن. ئادرىيان زېنز مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا چەت ئەلگە سېلىنىدىغان مەبلەغنى كونترول قىلىپ، ئامېرىكا مەبلىغىنى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ياردەملىشىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىگە سېلىشنى قانۇنسىز دەپ بېكىتىشى، بۇ ئارقىلىق تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ باستۇرۇلۇشىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى قويۇشى كېرەك».
ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى بەزى ئامېرىكا مەبلەغ فوندلىرىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالغانلىقى بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش تىزىملىكىنى يەنە كېڭەيتكەن. «ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» نىڭ بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى 22-نويابىر كۈنى يەنە 29 خىتاي شىركىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدى ئېلىش قانۇنى» قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ 100 گە يېتىپ بارغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. بۇ ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ھازىرغا قەدەر بىر قېتىمدا ئەڭ كۆپ خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشىدۇر.