دوكتور ئەركىن ئەكرەم: تۈركىيەنىڭ بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ سىگنال بېرىدۇ

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.02.21
خىتاينىڭ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى «خىتاي ساقچى ئارخىپلىرى» نىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى 26-ماي، تۈركىيە.
RFA/Arslan

20-فېۋرال سەھەر بامدات ۋاقتى بىلەن ئىستانبۇل تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى ئىستانبۇلدا ئوخشاش ۋاقىتتا ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغان 6 نەپەر گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغان ۋە يەنە بىر گۇماندارنى ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغان.

«دېمىرئۆرەن خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ 20-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MIT) تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ساقچى باشقارمىسى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشتە، خىتاي ئىستىخبارات ئۇنسۇرلىرى بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى شۇنداقلا جامائەت ئەربابلىرى ھەققىدە توپلىغان ئۇچۇرلارنى خىتاي ئىستىخباراتى ئۇنسۇرلىرىغا يەتكۈزگەن 7 نەپەر گۇماندار ئېنىقلاپ چىقىلغان.

ئۇچۇر ۋە ھۆججەتلەرنى توپلاپ خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا يەتكۈزگەنلىكى ئېنىقلانغان 6 نەپەر گۇماندارنى تۇتۇپ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن بۇ 6 گۇماندار تۇتقۇن قىلىنغان.

بۇ ھەقتە تارقالغان خەۋەرلەردە، تۇتقۇن قىلىنغان 6 نەپەر گۇماندار ۋە ئىز-دېرىكى قىلىنىۋاتقان يەنە بىر گۇماندارنىڭ ئىسمى ۋە كىملىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

بىز بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقەدىن شۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇكى، خىتاي بەزى ئۇيغۇرلارنى ئىشپىيونلۇققا سالىدۇ، بىراق بەزى ئۇيغۇرلار تەھدىتكە ئۇچراپ، بۇنىڭغا مەجبۇر بولىدۇ، بەزىلىرى پۇلنىڭ كۈچى بىلەن ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغان بولۇشى مۇمكىن، خىتاي پۈتۈن چەت ئەللەردىكى تەشكىلاتلارغا ۋە ئۇيغۇرلار كۆپ ياشايدىغان دۆلەتلەرگىمۇ بۇ خىل ئىنسانلارنى ئەۋەتىۋاتىدۇ، ياكى ياشاۋاتقان ئورنىدا ئۇلارغا تەھدىت سېلىش، زورلاش، پۇل بېرىش ۋە ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن قولغا چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشى بىلەن خەلقئارادا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش، خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان ھاكىمىيەت دەپ تەنقىدلەش مەسىلىسىدە، خىتاي بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن. تۈركىيەنىڭ بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ئىشپىيونلۇق قىلىۋاتقانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەرگەندەك خىتاي ھۆكۈمىتىگىمۇ بىر سىگنال بەرگەن».

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، بۇنى «ياخشى بىر ھەرىكەت» دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خوش بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ ھەرىكەتنى ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرىكەتكە ئىككى نۇقتىدىن قاراشقا بولىدۇ، بىرىنچىسى، بىزنىڭ دەۋايىمىزنى، خەلقىمىزنى ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلەرنىڭ زىيان-زەخمەتلىرىدىن قوغداپ قېلىش دەپ قارايمىز، ئىككىنچىسى، تۈركىيەنىڭ خىتايغا ئىشلەۋاتقان كىشىلەرگە بىۋاسىتە قول سالغانلىقى ۋە بۇنى خەلقئارا ئاخباراتلاردا ئېلان قىلىشىنى، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە سوغۇققانلىقىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى ھەم خىتايغا بىر سىگنال بەرگەنلىكى دەپ قارايمىز».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇزۇن يىللىق ھاياتىمىزدا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا قارشى خىتايغا ئىشلەۋاتقان ۋە ياكى شۇنداق خىزمەت قىلىپ بايقالغان ئادەملەرگە قارىتا ئالاھىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى چوڭ بىر ئۆزگىرىشتۇر».

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە تۈركىيەدە ئۇ 6 نەپەردىن باشقا يەنە خىتايغا ئىشلەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلار ئۈستىدىنمۇ تازىلاش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە يالغۇز ئۇ 6 نەپەر ئەمەس، خەلقىمىزنىڭ كۆپىنچىسى بىلىدىغان ياكى گۇمان قىلىدىغان خىتايغا ئىشلەيدىغانلىقى توغرىسىدا دىققىتىمىز مەركەزلەشكەن نۇرغۇن ئىنسانلار بار. تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيان سېلىۋاتقان، خىتايغا ئىشلەۋاتقان، مىللىتىمىز ئارىسىغا تەپرىقىچىلىق سېلىۋاتقان، يالغۇز ئۇچۇر-مەلۇمات يەتكۈزۈشلا ئەمەس، ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، جېدەلگە سېلىش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى قارىلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قارشى تۇرۇۋاتقان، خىتايغا ئىشلەيدىغان ئاخبارات ئورگانلىرى، رادىيو-تېلېۋىزىيەلەر، سىياسىي تەشكىلات ۋە ئورگانلار مەۋجۇت. ئۇيغۇرلار ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا خىيانەت قىلىپ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىۋاتقانلارنىڭ جەمئىيىتىمىزدىن پۈتۈنلەي تازىلىنىشىنى، تۈركىيەنىڭ بۇلارغىمۇ قارشى جىددىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى ئارزۇ قىلىمىز».

دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەرىكەتتە تۇتۇلغانلار توغرىسىدا تېخى ئېنىق مەلۇمات يوقلۇقىنى، ھازىر تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئاندىن بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسى رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن نەپرەتلەندۇق، غەزەپلەندۇق، ئەلۋەتتە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بولسۇن، مەيلى نورمال ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بولسۇن ھەممىسى خىتاي ئىستىخبارات ئادەملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جامائىتى، شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىدا مەۋجۇتلۇقىنى تەخمىن قىلىپ كېلىۋاتقانىدى، ياۋروپادا بىر قىسىم خىتاي جاسۇسلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ جازالانغان ئەھۋاللار بولدى. تۈركىيەدىمۇ بۇ خىل ئىنسانلارنىڭ بارلىقىنى ھەممە كىشى بىلەتتى. لېكىن بىزنىڭ جەمئىيەت ۋە شەخس بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنى كونكرېت ئېنىقلاپ چىقىش ئىمكانىيىتىمىز يوق، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرى بۇنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنداق بىر قارارغا كېلىپ بۇلارنى تۇتقۇن قىلغان بولسا، دېمەك بۇلارنىڭ قولىدا چوقۇم پاكىت بار دېگەن گەپ».

ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈم قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە ئەمدى سوتقا يوللىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئىش، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلار توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىۋەتسەك توغرا بولماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بىز، قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان، خىتاي بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئۇ يەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىپ، دىنىمىزنى، تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، تارىخىمىزنى، ھەممىسى يوق قىلىپ بۇ جاينى ئەبەدىي ئۇزىنىڭ بىر پارچىسى قىلىۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دەپ خەلقئارادا دەۋا قىلىۋاتقان پەيتلىرىمىزدە ئىچىمىزدىن چىققان بۇنداق كىشىلەرنىڭ خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن بۇ يەردىكى مەيلى تەشكىلات بولسۇن ياكى تەشكىلاتنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق كىشىلەر بولسۇن، مەيلى جامائەت ئەربابلىرى بولسۇن بۇلار توغرىسىدا ئۇچۇر توپلاپ خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا بېرىشى ھەقىقەتەن تىل بىلەن ئىپادىلەش تەس بىر ئەھۋال».

تۇتۇلغان كىشىلەر كىم؟ ئۇلار قايسى تەشكىلات ۋە كىملەر توغرىسىدا مەلۇمات توپلاپ خىتاي ئىستىخباراتىغا مەلۇمات بەردى؟ بۇ ھەقتە جاۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىز ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغان بولساقمۇ تېلېفون ئېلىنمىدى.

بىز يەنە خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، بىراق كونسۇلخانا خادىملىرى تېلېفوننى ئالمىدى.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئېنىق بولۇشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.