كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى داۋام قىلماقتا»
2025.01.16

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان ۋە ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 100 دىن ئوشۇق دۆلەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان 2025-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ يىللىق دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئائىت مەخسۇس قىسمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ‹زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى› دەپ ئاتالغان ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارشى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى داۋام قىلدى. بۇ جىنايەتلەر كەڭ كۆلەمدىكى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەدەنىيەت ۋە دىنىي جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىش ۋە ئائىلىلەرنى پارچىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2024-يىلى 1-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى قەرەللىك باھالاش يىغىنىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە خىتايغا بېرىلگەن تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرمەيلا قالماي، بەلكى يەنە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىلدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك دوكلاتىنىمۇ رەت قىلغان ۋە بۇ دوكلاتنى «قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز» دەپ جار سالغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مايا ۋاڭ بۈگۈن بۇ يىللىق دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىتنى ئىنكار قىلسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدە ھېلىھەم ئاز دېگەندە يېرىم مىليون ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرى بىلەن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئالاھازەل يېرىم مىليون ئادەمنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازالىرى سەۋەبىدىن تۈرمىلەردە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندىكى زۇلۇم سىياسەتلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يېڭى دەلىللەر ئۇ يەردىكى كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن، كەڭ كۆلەملىك نازارەت، مىللىي ۋە دىنىي ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئىپادىلىنىشىنىڭ چەكلىنىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.»
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان راھىلە داۋۇت، گۈلشەن ئابباس، پەرھات تۇرسۇن، ئادىل تۇنياز، يالقۇن روزى، ئەكبەر ئەسەت ۋە ھەمدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېرىم مىليون كىشىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇق» جىنايىتى بىلەن قارىلايدىغان كەمسىتىش ھەرىكىتى داۋاملاشقان. مەسىلەن، 2024-يىلى 5-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى چېن ۋېنچىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان تۇيۇقسىز زىيارىتىدە «تېررورلۇق» قا زەربە بېرىشنى «دائىملاشتۇرۇش» ۋە «نورماللاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان.
ئۆتكەن يىلى 2-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي سورۇنلارنىڭ كۆرۈنۈشى، سانى، ئورنى ۋە كۆلىمىنى كونترول قىلىشنى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە بولغان كونترول ۋە چەكلىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.
مايا ۋاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك نورمال ھەرىكەتلىرىنى «قانۇنسىز» قىلىشنى كۈچەيتىۋاتقان بىر شارائىتتا، رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشى ھازىرقى جىددىي رىقابەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن: «بىلگىنىڭىزدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك نورمال ھەرىكەتلىرىنى جىنايەتلەشتۈرۈۋاتىدۇ، مەسىلەن، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقە قىلىشىدەك ئاددىي ئىشلار تۈپەيلىدىن جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان دۈشمەنلەرچە سىياسەتلىرى پەقەتلا خىتاي ئىچى بىلەن چەكلەنمەيدۇ. ھازىر تايلاندتىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە چەت ئەللەردە رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ نورماللاشقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، يېرىم مىليون ئادەم قاماقتا تۇرسىمۇ لاگېرلارنىڭ تاقالغانلىقىغا دائىر تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر خىتاي ئۈستىدىكى بېسىمنى ھەرگىز بوشاشتۇرماسلىقى كېرەك.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىنىشىچە، «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئون يىلدىن بۇيانقى ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋەتكەن. خىتايدىكى مۇستەقىل تەشكىلاتلار بىتچىت قىلىنغان، كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، ئۇيۇشۇش، يىغىلىش ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان. دىنىي ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ۋە ھەمدە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن تەھدىت، دەپ قاراپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئۈستىدىكى باستۇرۇش قاتتىق كۈچەيگەن. ئۇيغۇر ئېلىدە رايوندا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ھېلىھەم تۈرمىلەردە. خوڭكوڭدا پۇقرالار ئەركىنلىكى ۋەيران قىلىنغان.»
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى گەرچە دۇنيادا كەڭ ئېتىراپ قىلىنسىمۇ، بىراق ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماسلىقى بۇنداق دەپسەندىچىلىكلەرنىڭ جازاسىز قېلىشىغا سەۋەب بولماقتىكەن. شۇڭا مەزكۇر ئورگان بۇ يىللىق دوكلاتىدا، دۇنيا مىقياسىدا چوڭقۇرلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنى ئاياغلاشتۇرۇشتا ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىلىرىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.