مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي كەلگۈسىدە نوپۇستىكى چۆكۈشتىن ھەرگىز قۇتۇلالمايدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2023.08.23
pilanliq-tughut-ikki-perzentlik.jpg خىتاي ئانىنىڭ قوشكېزەك بالىلىرىنى باغچىدا ئوينىتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2015-يىلى 30-ئۆكتەبىر.
AFP

خىتايدىكى «خەلق تورى» ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاۋغۇستىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى تۇغۇت نىسبىتى 2022-يىلى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ، 1.09 پىرسەنتلىك كۆپىيىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان.

خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي نوپۇس ۋە تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان بۇ سان، 100 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە دۆلەتلەر ئارىسىدا تۇغۇش نىسبىتىدىكى ئەڭ تۆۋەن كۆرسەتكۈچنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدا، 2022-يىلدىكى 23 ئۆلكىنىڭ تۇغۇلۇش، ئۆلۈش ۋە نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش نىسبىتى كۆرسىتىلگەن. «خىتاي سودا خەۋەرلىرى» دە ئېلان قىلىنغان خىتاي نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا، 16 ئۆلكىنىڭ تەبىئىي نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ پاسسىپ ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خىتاينىڭ 2022-يىللىق نوپۇس ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا تەبىئىي كۆپەيگەن ئومۇمىي نوپۇس سانى 9 مىليون 560 مىڭ بولۇپ، بۇ خىتايدا 1950-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يىللىق تەبىئىي كۆپەيگەن نوپۇسىنىڭ 10 مىليوندىن تۆۋەن نىسبەتكە چۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە خېنەن ئۆلكىلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، 2021-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، 2022-يىلى بۇ ئۆلكىدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىدە 60 مىڭ كىشى ئاز تۇغۇلغان، يەنى تۇغۇلۇش نىسبىتى ھەر مىڭ نۇقتىدا 0.58 تۆۋەنلىگەن. تەبىئىي نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 62 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مەنپىي كۆرسەتكۈچتە بولغان.

خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، تۇغۇلۇش نىسبىتى جەھەتتە خىتايدىكى 23 ئۆلكىنىڭ ئىچىدە پەقەت غەربىي-شىمالدىكى ئىككى ئۆلكە 1 پىرسەنتتىن يۇقىرى بولغاندىن باشقا، خىتاي نوپۇسى ئەڭ زىچ بولغان خېنەن، جياڭشى، ئەنخۇي ۋە فۇجيەن قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە شەرقىي دېڭىز رايونلىرىدىكى ئۆلكىلەرنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى ئالدىنقى يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 2022-يىلى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىگەن، تەبىئىي نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى تۆۋەنلەۋاتقان ئۆلكىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغان جايلار، ئاساسلىقى شەھەرلىشىش ۋە سانائەتلىشىش تولۇق ئىشقا ئاشقان جايلار ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2022-يىلى ئېلان قىلغان 23 ئۆلكىنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى، ئۆلۈش نىسبىتى ۋە نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش نىسبىتىدە كۆرۈلگەن 62 يىلدىن بۇيانقى نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشىدىكى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن سانلار، خەلقئارادىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

 «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 21-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «خىتاي شەرقىي ئاسىيا نوپۇس تېمىغا ئۇرۇلدى» ناملىق ئانالىز ماقالىسىدە، خىتاي 1980-يىلى ماقۇللانغان ۋە 2016-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرغان «بىر پەرزەنت سىياسىتى» ، نۆۋەتتە خىتاي جەمئىيىتىدىكى قېرىلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ماقالىدە دېيىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ نوپۇسى 2011-يىلى، كورېيەنىڭ 2020-يىلى ئازىيىشقا باشلىغان بولسا، خىتاينىڭ نوپۇسى 2022-يىلى 60 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق نوپۇسنىڭ ئازىيىش رېكورتىنى كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈۋاتقان نوپۇسنىڭ ئازىيىش ۋە تېز قېرىلىشىش ھادىسىسىدىن ئەنسىرەپ، پۇقرالارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش ۋە بالا بېقىش شارائىتلىرىنى ياخشىلاش قاتارلىق بىر يۈرۈش جىددىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا باشلىغان.

ھالبۇكى، «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئانالىز ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلىرىنىڭ ئىشقا يارىشى ناتايىن ئىكەن. ئۇنىڭدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر تۇغۇلۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ كەچۈرمىشلىرى بۇنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ نوپۇس ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلىشىشى مۇمكىن، چۈنكى خىزمەت تاپالمايدىغان ياكى تۇرالغۇ سېتىۋالالمايدىغان ياشلارنىڭ ئائىلە قۇرۇش ئېھتىماللىقىمۇ تۆۋەن» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە خىتايدىكى نوپۇس چۆكۈشنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكى، خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى، خىتاي نوپۇسىنىڭ تۆۋەنگە سىيرىلىشى شەرقىي ئاسىيادىكى باشقا قوشنىلىرىغا قارىغاندا ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تۆۋەن ھالەتتە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاينىڭ نوپۇس كۆپىيىشىگە ئالاقىدار باشقا خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئانالىزلاردا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ئاللىقاچان كورېيە، تەيۋەن، خوڭكوڭ ۋە سىنگاپور قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بىللە دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەن.

خىتايدىكى نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى بىلەن تەڭ، تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى، يېقىنقى ئالتە يىلدىن بۇيان تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك گەۋدىلىنىشكە باشلىغان. شى جىنپىڭ يۈزلىنىۋاتقان بۇ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر پەرزەنت سىياسىتى» نى بىكار قىلىپ، ئىككى ھەتتا 3 بالىلىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويغان. خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلىرى خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولالامدۇ؟

ئامېرىكىدىكى خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلاردىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ئەپەندى بۇ مەسىلىگە قارىتا ئانالىزلىرىنى ئاڭلىغۇچىلار ئورتاقلاشتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خېلى يىللار ئىلگىرىلا مەن بۇ ھەقتە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن مەخسۇس مۇھاكىمىگە قاتناشقاندا، ئۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. خىتاي ھۆكۈمىتى نوپۇس ئىستاتىستىكىسىدا ساختىلىق قىلىۋاتقانلىقى يېڭى مەسىلە ئەمەس. خىتاي نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، تەبىئەتنىڭ قانۇنىغا، نوپۇسنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش قانۇنىيىتىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بولغان، شۇنداقلا كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلارغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈپ كەلگەن بىر مەسىلە ئىدى. خىتاي جەمئىيىتىدە ھازىرقىدەك نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، كىشىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ بالىلىق بولۇش، يەنى پەرزەنتلىرىنى بېقىپ كېتىشكە يار بەرمەيۋاتقانلىقىدىندۇر. شۇ سەۋەبتىن ياشلار توي قىلمايدىغان، قىلسىمۇ بالىلىق بولمايدىغان بولغان. ئىقتىسادىي تۇراقسىزلىقتىن باشقا يەنە ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشى، ساقلىق مەسىلىسى، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىستىكىنى ئۆزگەرتمەكتە ۋە چەكلىمەكتە. بۇ مەسىلىلەر ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ئەر-ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئىقتىدارىنىمۇ تۆۋەنلىتىپ بارماقتا.»

تېڭ بياۋ ئەپەندى يەنە خىتايدىكى نوپۇس كىرىزىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «خىتاي ئارزۇسى» نى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىدىن بېشارەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ‹خىتاي ئارزۇسى› ، قانداقتۇر ‹ئامېرىكا چۈشى› گە ئوخشاش خەلق ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە تىلىكى بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان بىر ئارزۇ بولماستىن، بەلكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ رايىغا باقمايدىغان، پەقەت ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى نىشان قىلغان بىر ئارزۇدۇر. خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپلۈكى ئارقىلىق بۇ چۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي نوپۇسنىڭ چۆكۈشىنى ئەسلا كونترول قىلالمايدۇ. مۇشۇ پېتى تەرەققىي قىلغاندا، خۇددى ھىندىستاننىڭ نوپۇسى خىتايدىن ئېشىپ كەتكەندەك، ئامېرىكا ۋە باشقا دۇنيادىكى نوپۇسى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى خىتايدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. كومپارتىيەنىڭ ‹خىتاي ئارزۇسى› چوقۇم بەربات بولىدۇ. يېقىندا يۈز بەرگەن خىتايدىكى كوۋېد يۇقۇمىدا نۇرغۇن نوپۇسنىڭ كېمىيىشىگە قوشۇلۇپ، تۇغۇلۇش نىسبىتىدىكى تېز سۈرئەتلىك تۆۋەنلەش، خىتايدىكى قېرىلىشىش ۋە ئەر-ئاياللار نىسبىتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقلار بىۋاسىتە ھالدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادتىكى كىرىزىس ئېنىقكى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .»

ئامېرىكادىكى خىتاي نوپۇس مۇتەخەسسىسى، ۋىسكونسىن-مەدىسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نوپۇسشۇناسلىق، تۇغۇت ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى تەتقىقاتچىسى، «قۇرۇق ئۇۋا بار چوڭ دۆلەت» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى يى فۇشيەن ئەپەندى، 2023 يىلى 7-ئىيۇل ئېلان قىلغان «خىتايدىكى نوپۇس ئاپىتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى» ناملىق ماقالىسىدە، خىتاينى «خىتاي نوپۇسى تېز سۈرئەتتە قېرىلىشىپ، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي داۋالغۇشقا دۇچ كەلدى. ئۇ ئېنىقكى ‹بىر پەرزەنت سىياسىتى› نىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئۇ بۇنىڭدىن 20 يىللار ئاۋۋاللا خىتاي ھۆكۈمىتىنى كۆرۈلگۈسىدىكى نوپۇس كىرىزىسىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرغان. شۇ سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى 2013-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىڭ كىتابلىرىنى خىتايدا پۈتۈنلەي چەكلىگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان يى فۇشىئەن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتايدىكى نوپۇسنىڭ ئەھۋالى توختاۋسىز چۆكۈش ھالىتىدە تۇرماقتا. يالغۇز تۇغۇلۇش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپلا قالماي، بەلى يەنە ئەۋلاد قالدۇرالايدىغان ئاياللار زور نىسبەتتە قىسقارماقتا. مەن ‹ۋاشىنگتون پوچتىسى› گېزىتى قاتارلىق تاراتقۇلارغا بىلدۈرگىنىمدەك، بۇ يىل خىتايدا يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلار 8 مىليونغا يەتمەيدۇ، بىر قانچە يىلدا بۇ سان 6 مىليونغا چۈشۈشى مۇمكىن، مۇشۇ سەۋىيەدە ماڭسا، خىتايدىكى نوپۇس كۆپىيىش سەۋىيەسى ئافرىقا دۆلەتلىرىدىنمۇ كەينىدە قالىدۇ، ھەتتا پاكىستاندىنمۇ تۆۋەن بولىدۇ. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى نوپۇس كۆپىيىشى ھىندىستاننىڭ كۆپىيىش سەۋىيەسىنىڭ 3 دىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا خىتايدا بۇ ئەھۋال داۋاملىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كىرىزىس تۇيۇقسىزلا ياكى يېقىندىلا پەيدا بولۇپ قالغان ئەمەس. خىتاي ئىلگىرىدىن تارتىپلا نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتىنى يوشۇرۇپ، يالغان ساننى ئېلان قىلىپ كەلگەن.»

ئۇ يەنە بۇ ھادىسىنىڭ خىتاي ئىچى ۋە دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە مەدەنىيىتى ۋە بالا تۇغۇش مەدەنىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ تۇغۇت ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ھازىرقى ئەھۋالدا بىر ئايال بىرنى تۇغىدۇ دەپ ھېسابلىغاندىمۇ، خىتايدىكى سان 1 گە يەتمەيدۇ. بەزى جايلاردا 0.6 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. نىكاھلىنىش نىسبىتىمۇ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەۋاتىدۇ، ئەكسىنچە قېرىلىشىش تېزلەشمەكتە. خىتاي نوپۇسىدا كۆرۈلۈۋاتقان بۇ مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە بىر زور كىرىسىز ۋە ئاپەتتۇر. تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە نوپۇسنىڭ تەبىئىي ئېشىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىمەكتە. بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى يەكۈنلىگەندە، خىتاي ئىقتىسادىدىكى تۆۋەنلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ ئاز بولۇشى، بىر قىسىم ياشلارنىڭ سىرتقا ئېقىشى قاتارلىق ئامىللار خىتايدىكى تۇغۇلۇش نىسبىتىگە زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. شەھەرلىشىش نىسبىتى داۋاملىق ئاشتى، نىكاھ ۋە تۇغۇت تەننەرخىمۇ ئاشتى، كىشىلەرنىڭ بالىلىق بولۇش ئىستىكىمۇ تەبىئىي ھالدا تۆۋەنلەۋاتىدۇ. خىتاي 1991-يىلىلا ‹بىر پەرزەنت سىياسىتى› نى بىكار قىلىشى كېرەك ئىدى، ئۇ يالغان سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈۋاتقان ئاقىۋەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. بۇ ھازىر ياپقىلى بولمايدىغان پارتلاش خاراكتېرلىك بىر ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ يالغۇز خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا، سىياسىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە دۇنيادا ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلىدۇ، پۇل پاخاللىقى قاتارلىقلار بىر مۇنچە مەسىلىلەرگىمۇ سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.»

خىتاي تۇغۇلۇش نىسبىتىدە «ئۈمىدۋار» بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، «ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ، ئۇلارنى بالا تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. ھالبۇكى، بۇ تەدبىرلەر خىتاينىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ھېچقانداق رول ئوينىيالمايلا قالماستىن، بەلكى 40 يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە خىتاي نوپۇس مەسىلىسىدە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا ھېلىھەم مائارىپ، پەن-تېخنىكىغا ئەھمىيەت بېرىپ، نوپۇس سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، «ئوتتۇراھال تۇغۇش» سەۋىيەسىنى ساقلاپ، كەلگۈسىدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلاپ كەلمەكتە. ئەپسۇسكى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىللىرىگە كۆرە، خىتاينىڭ بۇ تەدبىرلىرى خىتاي ئاھالىسىنىڭ كۆپىيىش ئىستىكى ۋە تۇغۇش ئىقتىدارىغا ھېچقانداق يېڭى ئۈمىد ئاتا قىلالمىغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، تۇغۇش نىسبىتىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەپ بېرىشى مۇقەررەر ھالدا يېقىن كەلگۈسىدە خىتايدا يەنە بىر قاتار يېڭى مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.