ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى «خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى باشلىغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-08-21
Share

ئۇيغۇر ياشلىرى ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش»، «خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش» چاقىرىقلىرىدا بولغان.

19-ئاۋغۇست ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇر ياش ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ھەر خىل تەشۋىقات تاختىلىرىنى كۆتۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئاۋات سودا مەركىزىدە نامايىش قىلىۋاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇلار كۆتۈرۈۋالغان تاختايلارغا «مادە ئىن چىنا-مەجبۇرىي ئەمگەك»، «3 مىليون ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىدا»، «خىتاي، ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەندەك شوارلار يېزىلغان بولۇپ، ئۇلار ئەتراپتىكى يولۇچىلارغا گېرمانچە، ئەڭىلىزچە تىللاردا نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى. سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، شەھەرنىڭ سودا مەركىزىدە خىتاينىڭ توقۇلما بۇيۇملىرىنى ۋە ئېلېكتورونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋاتقان ئوخشاش بولمىغان ماركىلاردىكى دۇكانلارنىڭ ئالدىدا ئىككىدىن، ئۈچتىن بولۇپ نامايىش قىلىۋاتقان بۇ ياشلارنىڭ ھەرىكىتى دىققەت قوزغىدى.

خىتاينىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» سىياسىتىگە قارشى سادالار دۇنيا مىقياسىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر چاغدا خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي مۇناسىۋەتنى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتقان، جازا لاگېرلىرىغا قارىتا تۈزۈك ئۈنىنى چىقارمايۋاتقان دېموكراتىك گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنىڭ ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشى تەبىئىي ئىدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئاخبارات ساھەسى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان سىياسىتىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا، گېرمانىيە سودا گۇرۇھلىرىنى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي ئالاقىلاردا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك «مەجبۇرىي ئەمگەك» كە سەل قارىماسلىققا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى. گېرمانىيەدىكى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ مەسىلىنى ھەتتا پارلامېنتقا قەدەر ئېلىپ كىرگەن ئىدى.

بىز سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى نامايىشنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر بۆلۈك ئۇيغۇر ياشلارنىڭ د ئۇ ق نىڭ مەسلىھەتىنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىگەنلىكىنى بىلدۇق. بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان ياشلاردىن ئىلىيار سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ساداسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خىتاي بىلەن سودا ئالاقىسى بولغان گېرمانىيە شىركەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىش، خىتاينىڭ تۈرلۈك ماللىرىنى سېتىۋاتقان دۇكانلارنى «مەجبۇرىي ئەمگەك» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئىكەن.

بۇ نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ياش قىزلاردىن د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەت ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش يەرلىك ئاھالىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا، ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن.

ميۇنخېن ياشلىرى 19-ئاۋغۇست بۇ نامايىشنى باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نەق مەيدانغا بېرىپ، ئۇلارغا ئىلھام بەرگەن، ياشلارنىڭ بۇ جاسارەتلىك قوزغىلىشىنى قىزغىن قوللايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان، بۇ ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان ياشلارنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇلارنىڭ خىتايغا قارشى بۇ پائالىيەتلىرى ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى كېڭىيىدىكەن. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يەنە گېرمانىيەدىكى خىتاي بىلەن تىجارىي ئالاقىسى بولغان چوڭ سودا گۇرۇھلىرىنىڭ خىزمەت بىنالىرىنىڭ ئالدىدىمۇ نامايىشلار تەشكىللەيدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت