گوردون چاڭ: «شى جىنپىڭ خىتاينىڭ مەسىلىلىرىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ»
2025.02.05

ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى جەڭگە قوماندانلىق قىلىش مەركىزىنى قۇرۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باش شىتابى (بەش بۇرجەكلىك بىناسى) دىن ئون ھەسسە چوڭ ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا باھا بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ مەسىلىلىرىنى نورمال ھەل قىلىش يولى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يېڭى ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 20 ئىنگلىز مىل (32 كىلومېتىر) كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان. سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەرگە قارىغاندا، بۇ جاينىڭ يەر كۆلىمى تەخمىنەن 9000 مو كېلىدىكەن. بۇ ھەربىي بازىنىڭ يەر ئاستى قۇرۇلۇش كۆلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر بۇنى كەلگۈسىدە يادرو ئۇرۇشى پارتلىغان تەقدىردە خىتاي قوماندانلىرىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ دەپ قارىغان. «بېيجىڭ ھەربىي شەھەرچىسى» دەپ ئاتالغان بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈپ چىقسا، ئامېرىكىنىڭ بەش بۇرجەكلىك بىناسى، يەنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىشتابىدىن ئون ھەسسە چوڭ بولغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەربىي خىزمەت ئورنى بولىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى (RAND Corporation) ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى دوكتور رايموند كو (Raymond Kuo) خىتاينىڭ بۇ يېڭى ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ خىتاينىڭ زامانىۋى ھەربىي قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىشنىڭ بىر قىسمى. خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ بۇنداق بىر قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بولۇشى ئورۇنلۇق. بۇ مەركەزنىڭ خىتاينىڭ غوللۇق رەھبەرلىرىگە، بولۇپمۇ شى جىنپىڭغا يېقىن بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ. ئەلۋەتتە، بۇ ھەربىي قوماندانلىق مەركىزىنىڭ چوڭلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭ زادى قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. بەشبۇرجەكلىك بىنادىن ئون ھەسسە چوڭ ئىكەنلىكى سۆزلىنىۋاتىدۇ. بەلكىم شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز ھەربىي قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئويلىسىڭىز، بۇنداق قاتتىق مۇداپىئە قىلىنغان يەر ئاستى ھەربى ئەسلىھەنىڭ بولۇشى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. يەنە سىز ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ھۆكۈمەت مەركەزلىرىدىن ئىنسانلارنى بىخەتەر ھالدا ھەربىي ئەسلىھەلەرگە ئېلىپ كىرەلەيسىز».
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇش 2024-يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشلانغان بولۇپ، 2027-يىلى، يەنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلىنىدىغان يىلى پۈتىدىكەن. ئامېرىكا ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ 2027-يىلغىچە تەيۋەننى قوشۇۋېلىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.
مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن، شى جىنپىڭنىڭ ھازىر تەيۋەننى يۇتۇۋېلىش ئۈچۈنلا تەييارلىق قىلماستىن، بەلكى ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنى بويسۇندۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇنداقتا خىتاينىڭ بۇ يېڭى ھەربىي قوماندانلىق مەركىزىنىڭ تەيۋەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
بۇ قۇرۇلۇش شى جىنپىڭنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا كۈچ ئىشلىتىپ 2027-يىلى تەيۋەن بىلەن بىرلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بىر مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرىدىغان تەيۋەننىڭ ئامېرىكا بىلەن دۆلەت مۇداپىئە كېلىشىمى بار. ئامېرىكىدا ئېلېكتىرون ساھەسىدە ئىشلىتىدىغان مىكرو ئۆزەكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەيۋەندىن كېلىدىغانلىقى مەلۇم شۇڭا، شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەننى يۇتۇۋالماقچى بولۇشى، تەيۋەننىڭ مىكرو ئۆزەك (چىپ) لىرىگە تايىنىپ قالغان ئامېرىكا ئۈچۈن چوڭ تەھدىت ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ ئىقتىسادى كاساتلاشقان ۋە شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك مەغلۇپ بولغان ئەھۋالدا خىتاي ئارمىيەسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاكۇپنى، يەنى ھەربىي قوماندانلىق مەركىزىنى سېلىۋاتىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش بىزگە شى جىنپىڭ خىتاينىڭ مەسىلىلىرىنى (نورمال يول بىلەن) ھەل قىلماستىن، بەلكى ئۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر، نۇرغۇن سىگناللار شۇ يۆنىلىشنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىگە تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشنى باشلاش ئۈچۈن ۋاقىت بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىز ھەر ۋاقىت ۋە ھەر قانداق جايدا ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇشقاق ۋە دۈشمەنچە ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر كونترولدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى بېيجىڭدا پەقەت ئەڭ دۈشمەنچە پىكىر ۋە جاۋابلارلا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇ (شى جىنپىڭ) قارارىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. ئاپەت بەك يېقىندا يۈز بېرىدىغاندەك تۇرىدۇ».
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى ۋە ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئانالىزچىلىرى، بۇ ھەربىي ئەسلىھەنىڭ خىتاينىڭ ئىلغار يادرو ئۇرۇشى ئۇرۇش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇددىئاسىنىڭ سىگنالىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرىچە، خىتاي 2035-يىلغا بارغاندا 1500 دانە يادرو قورالىغا ئىگە بولۇپ، خىتاي بۇ جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ كۈچى بىلەن تەڭلىشىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەننى قوشۇۋېلىش ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئۈستۈنلۈكىگە جەڭ ئېلان قىلىش يۆلىنىشىدىكى بۇ ھەربىي ھازىرلىقلىرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا جېڭى ۋە باشقا زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىۋاتقان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ يېڭى خىرىس ۋە تەھدىتلىرى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، كەلگۈسى دۇنيادا تىنچلىقنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا.