خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى
2024.03.24

شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكى چوڭ دۆلەت غايىسى، يەنى خىتاي چۈشى بىلەن باغلانغان بولۇپ، خەلقئارادا ئۇ خىتاينىڭ «چىل بۆرە دىپلوماتىيەسى» شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقسا، خىتاينىڭ ئىچىدە باشقا مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش، دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش شەكلىدە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ دەپ قارالماقتا. چەت ئەل تاراتقۇلىرىمۇ شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكى ئىدىيەسىگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە، خىتاينىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى ھەققىدە خىلمۇ خىل مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
يېقىندا «ئەلجەزىرە» تورىدا ئېلان قىلىنغان «پۇل، ھوقۇق ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ خەتىرى» ناملىق ماقالىدە، ھازىر خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىپ يۇقىرى دەرىجىگە بارغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭمۇ ئۇنى قوللاۋاتقانلىقى، ئەمما خىتايغا زىيانلىق ۋەزىيەت كۆرۈلگەندە ئۇنى كونترول قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى بايان قىلىنغان. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈم سۈرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە ئىقتىسادى داۋاملىق يۈكسەلگەن خىتايدا خىتاي مىللەتچىلىكى باش كۆتۈرگەن؛ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن رىقابەتلىشىش، ھەتتا ئامېرىكاغا شىلتىڭ ئېتىش جاسارىتى كۈچەيگەن؛ تاشقى مۇناسىۋەتتە «چىل بۆرە دىپلوماتىيەسى» قوللانغان؛ دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە شى جىنپىڭ ئىدىيەسى، ئۇنىڭ مىللەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك شوئارى داۋاملىق تەشۋىق قىلىنغان؛ ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادى تۆۋەنلەپ، ئامېرىكا بىلەن يارىشىش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا خىتاي تاراتقۇلىرى پەسكويغا چۈشكەن، ئامېرىكاغا قارشى سادالار پەسەيگەن. مەسىلەن، 2023-يىل 11-ئايدا شى جىنپىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن سان-فرانسىسكودا كۆرۈشۈشنىڭ ئالدىدا، خىتاي تاراتقۇلىرى ئامېرىكاغا قارشى تەشۋىقاتلىرىنى ۋاقىتلىق ئازايتقان.
«ئەلجەزىرە» تورىدىكى بۇ ماقالىدە، بىر خىتاي بىلوگېرنىڭ قىزىل يۇمىلاق بەلگىنى ياپون بايرىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قاراپ، نەنجىڭدىكى سودا دۇكانلىرى ئەينىكىگە چاپلانغان «2024-يىلىغا مۇبارەك» دېگەن قىزىل قەغەزنى سۆكۈپ تاشلاش كېرەكلىكى ھەققىدە داۋراڭ سېلىشلىرى، ياپونچە كىيىنىپ رەسىمگە چۈشكەن بىر خىتاي ئايالنىڭ ساقچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، خىتايچە كىيىنىشكە مەجبۇرلىنىشى مىسال كەلتۈرۈلگەن. بۇ مىساللار شى جىنپىڭ دەۋرىدە باش كۆتۈرگەن خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ خېلىلا ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى 2000 -يىللاردىن باشلاپلا «بۈيۈك خىتاي» تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا مۇقەررەر ھالدا بىر تۈركۈم خىتاي مىللەتچىلىرى يېتىشىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاڭ سەۋىيەسى تۆۋەن خىتايلار بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىدۇ ۋە چاقىرىقلىرىغا ئەگىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسى ھازىر ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشتىلا ئەمەس، باشقا مىللەتلەرنىڭ زېمىنىنى بۇلاش، ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈش، مەدەنىيىتىنى يوقىتىشتىمۇ خىتاي مىللەتچىلىكىدىن پايدىلانماقتا. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلىش، ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشتە خىتاي مىللەتچىلىكى رول ئوينىدى، ھەتتا خىتاي بۇنى قانداقتۇر ‹جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى› دەپ ئاتىدى».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ خىتايدىنمۇ ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي مىللەتچىلىكى پەقەت خىتاي بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇرۇن خىتايدىلا مەۋجۇت دەپ قارالغان بۇ خىتاي مىللەتچىلىكى ھازىر كېڭىيىپ جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىك شەكلىنى ئالماقتا. ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىغا كېڭەيگەن خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنلارنى يوقىتىش، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يوقىتىش شەكلىدە داۋام قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاخىر بېرىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز».
شى جىنپىڭ 2023-يىل 6-ئايدا، «ۋەتەننى سۆيۈش دېگىنىمىز دۆلەتنى سۆيۈش بىلەن بىرگە، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە سوتسىيالىزمنى سۆيۈش دېمەكتۇر» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1-ئايدا يېڭىدىن «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى قانۇنى» نى يولغا قويغان بولۇپ، خىتاي پۇقرالىرىغا دۆلەتنى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى سۆيۈش ئىدىيەسىنى سىڭدۈرۈشنى ئېنىق نىشان قىلغان.
دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، مىللەتچىلىك، جۈملىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك يامان ئىش ئەمەس، ئەمما ئۇ توغرا نىشانغا مېڭىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكادىمۇ مىللەتچىلىك بار، بىز ئۆز دۆلىتىمىزنى قوغدايمىز، ۋەتەنپەرۋەرلىكمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، بىز دېموكراتىيەگە ئىشىنىمىز. ئەمما بىر دۆلەتتىكى مىللەتچىلىك شۇ دۆلەتتىكى كۆپ خىللىقنى يوقىتىدىغان ياكى سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ باشقا مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىدىغان بولسا، مەسىلەن خىتاينىڭ قىلغىنىدەك ھەممىنى خىتايچىلاشتۇرىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ خىل مىللەتچىلىك خەتەرلىك مەسىلىگە ئايلىنىدۇ».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكادەك دۆلەتلەردە مىللەتچىلىك بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىككى خىل ئۇقۇم بولسىمۇ، خىتايدا ئۇلار بىرلىشىپ كەتكەن؛ چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتاي مىللەتچىلىكىدىن پايدىلىنىپ كەلمەكتە.
2022-يىل 10-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا «ئەلجەزىرە» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىىڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىممۇتلەق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شى جىنپىڭ 20-قۇرۇلتايدا خىتاينىڭ ئۆمۈرلۈك ھۆكۈمرانى بولۇشقا يول ھازىرلىغاندىن كېيىن، دەرۋەقە مىللەتچىلىك ۋە سىياسىي كونتروللۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىككىنچى پىلانغا ئالغان.
«پۇل، ھوقۇق ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ خەتىرى» ناملىق ماقالىدە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھامىيلىقىدىكى تور بەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا «ۋەتەنپەرۋەرلىك» ۋە خىتاي مىللەتچىلىكىنى بازارغا سېلىپ، ئەگەشكۈچىلەرنى توپلاپ پۇل تېپىۋاتقانلارنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتى يول قويغان دائىرىدە ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقى، ئەگەر ياپون مېلىنى بايقۇت قىلىمىز دەپ «تويوتا» ماركىلىق ماشىنىلارنى چېقىپ تاشلايدىغان، ياكى ئامېرىكاغا قارشى نامايىش قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ قويىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلسا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى چەكلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كېتىشىدىن، ھەتتا شى جىنپىڭغا قارشى توپىلاڭغا ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. شۇڭا شى جىنپىڭ ئاستىرتتىن يەل بېرىۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىكى ئوتقا ئوخشاش خەتەرلىك نەرسە بولۇپ، شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئويناشسا ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ قويۇش ئېھتىمالىمۇ بار ئىكەن.
سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ خىتاي پۇقرالىرى ئۈچۈن ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، ھالبۇكى شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىقتا، دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ئوينىغان رولى چوڭ.
ما جۈ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي مىللەتچىلىكى باشقا مىللەتلەرنى ئەرزىمەس ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنى ھامان خىتايغا قوشۇۋېتىدىغان سىياسەتتە روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ بۇنىڭ تارىختا كۆرۈلگەن فاشىزملىق مىللەتچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر مىللەتنى ئاساسلىق مىللەت، قالغانلىرىنى بېقىندى مىللەت دېيىش قۇللۇق جەمئىيەتتىن قالغان نەرسە بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيەنىڭ فاشىزملىق مىللەتچىلىكىدە بۇنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۈگۈنكى خىتايمۇ دەل مىللەتچى ۋە فاشىست بىر دۆلەتتۇر».