ماگنۇس فىسكەسيۆ: «خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ئۇيغۇرلارنى ۋەيران قىلىشتا ناتسىستلارنىڭ يولىنى تۇتتى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.01.09
تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئاشكارىلانغان رەسىملىرى
Yettesu

ياۋروپا مەدەنىيەت تېلېۋىزىيەسى (ARTE) يېقىندا «خىتاينىڭ مۇستەملىكە تەشۋىقاتچىلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك ۋىدىيو تارقاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈپ بارغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تور تەشۋىقاتلىرىنى باش تېما قىلغان. بۇ ۋىدىيودا كوممۇنىست خىتاينىڭ بىڭتۈەندىن پايدىلىنىپ قانداق مۇستەملىكىچىلىك ۋە زوراۋانلىق ئېلىپ بارغانلىقى،  ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرغا سولاپ، ئۇلارنىڭ يەر-زېمىنى، ئۆيلىرى ۋە ئىش ئورنىغا ئىچكىرى خىتايدىن كەلگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولسا ئىچكىرى خىتايغا مەجبۇرىي ئەمگەك قۇللىرى بولۇشقا ماڭدۇرغانلىقى پاكىتلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن. 

ۋىدىيودا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا خىتايلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىشكە قىزىقتۇرىدىغان خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەن خىتايلار ئېرىشىدىغان ئېتىبار سىياسەتلەر ۋە كەڭ ئىمكانىيەتلەرنى تونۇشتۇرغان. يەر، ئۆي-مۈلۈك، باغ-ۋاران، سىياسەتتىكى غەمخورلۇقلارنى ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلەشكەن بۇ خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ نەق مەيدان سۆزلىرىدە، بىڭتۈەن دائىرىلىرىنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە داچا شەكىللىك ئۆيلەرنى سېلىپ بەرگەنلىكى، 58 مىڭ سومغا ئىككى ئېغىزلىق بىر سالونلۇق ئۆي سېتىپ بەرگەنلىكى تەشۋىق قىلىنغان، بۇنىڭغا  ئاقسۇ 1-دىۋىزىيە ئارال شەھىرى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.  بۇ توغرۇلۇق مەخسۇس ۋىدىيو قانىلى ئاچقان شەندۇڭلۇق بىر خىتاي «بۇ يەر ناھايىتى تىنچ، بىخەتەر، نۇرغۇن دوستلار خىزمەت ۋە بالىلىرىنى دەپ بۇ يەرگە كېلىپ ياشاۋاتىدۇ» دېگەن. «چىلۇ سېمىزەكنىڭ غەربنى ئايلىنىشى» ناملىق بۇ قانالنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، بەزى خىتايلارنىڭ بۇ قانالدىكى تەشۋىقاتنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىغا كەلگەنلىكى بىلىنمەكتە. 

«خىتاي رەقەملىك دەۋرى» (China Digital Time) تاراتقۇسىنىڭ تەھرىرى ئارتۇر كوفمان (Arthur Kaufman)  بۇ ھۆججەتلىك ۋىدىيو ھەققىدە يازغان ئوبزورىدا، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ يەرلىك ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇستەملىكىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ رادىيومىزغا يوللىغان يازما ئىنكاسىدا، خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ، بىڭتۈەن ئورۇنلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنى شەندۇڭلۇق تەشۋىقاتچىنىڭ سۆزلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خىتاي سۆزىدە ۋىدىيو ئارقىلىق ئارال شەھىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، يۇرتداشلىرىنىڭ بۇ يەردىن ئىش تېپىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، شەندۇڭدىن بىر دوستىنىڭ ئۇ چىقارغان ۋىدىيولارنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇدۇل شىنجاڭغا كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ.

ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن بۇنداق خىتايلارنىڭ «سىياسىي كۆچمەنلەر» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ياۋروپا مەدەنىيەت تېلېۋىزىيەسى تارقاتقان بۇ ۋىدىيودا يەنە،  6-دىۋىزىيە ۋۇجياچۈ شەھىرى 50-تۈەننىڭ ئېتىبار سىياسىتى ھەققىدىكى ھۆججەت خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا يېڭى كەلگەن ھەر بىر خىتاي كۆچمەنگە 2 مودىن ئۆيلۈك جاي، 35 مودىن يەر تەقسىملىنىدىغانلىقى، ئىجارە ئۆيگە 4 يىل ئىجارە ھەققى تۆلىمەيدىغانلىقى، ئىجارە ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئۆينى داۋاملىق ئىجارىگە ئالسا ياكى سېتىۋالسا بولىدىغانلىقى، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارغا ھەر نوپۇسقا 40 مىڭ يۈەن ياردەم، ئايدا 400 يۈەندىن 1000 يۈەنگىچە تۇرمۇش راسخوتى بېرىلىدىغانلىقى، ھەقسىز داۋالىنىش ۋە ھەقسىز سۇغۇرتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقى، 60 ياشقا توشقاندا پېنسىيە پۇلى ئالالايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

ئامېرىكا كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، خىتايدا كۆپ مەزگىل تۇرغان شىۋېتسىيەلىك ئانتروپولوگ ماگنۇس فىسكەسيۆ (Magnus FisckscjÖ) ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا بۇ ھۆججەتلىك ۋىدىيوغا يۇقىرى باھا بەرگەن  ھەمدە مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ، ناتسىستلارنىڭ ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن ئىرقىي كەمسىتىش تۈپەيلىدىن يەرلىك ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىدۇ، ئۇلارنى لاگېرلارغا سولاپ قۇل قىلىدۇ، ئارقىدىن ئۆيلىرىنى تارتىۋالىدۇ».

ماگنۇس فىسكەسيۆ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ فىلىمدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆپلىگەن خىتايلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مۇستەملىكىچىلىك قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن، ئۇ خىتايلار شىنجاڭغا مۇنداقلا كېلىپ قالغىنى يوق، قۇرۇقدالغان ئۆيلەرگە ئۆزىچىلا كىرىپ قالغىنى يوق، بەلكى ئۇ تەشكىللىك، پىلانلىق قىلىنىۋاتقان ئىش. ھۆكۈمەت ياللىغان تور تەشۋىقاتچىلىرى ئۆز يۇرتىدىكى خىتايلارنى قىزىقتۇرۇپ،  شىنجاڭغا كەلسە چوڭ ئۆيگە ئېرىشىدىغانلىقى، پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان 500 دەك ۋىدىيونى كۆرگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ھۆكۈمەت ياللىۋالغان تەشۋىقاتچىلار ئىكەنلىكى ئېنىق. ھۆكۈمەت ئۇلاردىن ۋاسىتە سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئۆزىمۇ مۇستەملىكىچىلەر ھېسابلىنىدۇ».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا «سىياسىي كۆچمەنلەر»نى يۆتكىشىنىڭ تارىختا ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قوغلاپ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى گېرمانلارغا بېرىشى، رۇسلارنىڭ قىرىم تاتارلىرىنى ئۆي-ماكانىدىن ئايرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا رۇسلارنى كۆچۈرگەنلىكىگە ئوخشاش مىللىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ  X دا يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-مۈلۈك بايلىقىنى قانداق تارتىۋالغانلىقى ۋە توردا ساتقانلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. بۇ خۇددى ناتسىستلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئوغرىلاپ ساتقىنىغا ئوخشايدۇ». ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇلار (ناتسىستلار) تۇرغان ئۆيمۇ ساقچىلار گېرمانىيەدىن قوغلاپ چىقارغان ياكى لاگېرغا ئاپىرىپ سولىغان يەھۇدىيلارنىڭ ئۆيى ئىدى. ئۇلار بۇ ئۆيلەردىن ئوغرىلاپ كەلگەن سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە باشقا بۇيۇملارنى بازارغا ئاپىرىپ ساتقان. بىز خىتاي تور بەتلىرىدە كۆرۈۋاتقان، خىتايلار بۇلاپ ئالغان بۇيۇملارمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار تۇتۇلۇپ، ئۆيلىرى قۇرۇقدالغاندىن كېيىن ئاساسەن ئۆيلىرىگە قايتىپ كېلەلمەيدۇ. كېيىن ئۇلار ئۆز بايلىقلىرىنىڭ خىتاي تور بەتلىرىدە سېتىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىشى مۇمكىن. ھازىرچە بۇنىڭغا ئائىت 55 ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى خاتىرىلەندى، بۇ بەلكىم بىز كۆرگەننىڭ مىڭدىن بىرى».  

بۇ ھۆججەتلىك ۋىدىيودا يەنە، بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدا پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىش تارىخى، ئىچكىرى خىتايدىن كېلىدىغان كۆچمەن نوپۇسنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يەرلەشتۈرۈشتە ئوينىغان ھەل قىلغۇچى رولى كۆرسىتىلگەن.  

«شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىن ئاشكارىلانغان، 2017-يىل 12-ئايدا تارقىتىلغانلىقى مەلۇم بولغان «خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى ھۆججىتى» دە «مىللەتلەرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق ئېغىر. جەنۇبىي شىنجاڭدا يەنە 300 مىڭ ئادەمنى كۆپەيتىپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدىكى نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەنىدى.

بۇ ھۆججەتلىك ۋىدىيودا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ياشلارنىڭ داۋاملىق تۈردە ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارغا مەجبۇرىي ئەمگەككە ماڭدۇرۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، 2023-يىل «باھار شامىلى» ھەرىكىتىدە قەشقەردىن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى خۇبېيغا ماڭدۇرۇلغان. 4-ئاينىڭ 6-كۈنى بىر كۈندە ماڭىدىغان ياشلارغا 102 دانە پويىز بېلىتى ئېلىنغانلىقى كۆرسىتىلگەن.   بۇ ھەرىكەتنى قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن،  ئۇزىتىش مۇراسىمىدا «ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تېزلىتىپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلايلى!»، «ئۆيدىن چىقساڭ جاھان دېگەن كەڭرى، ئىشلەپ پۇل تېپىپ ھاللىق سەۋىيەگە يەت»، «سىرتقا چىقىپ بىر يىل ئىشلىسەڭ، ئائىلەڭ پۇلدىن غەم قىلمايدۇ» دېگەن شوئار لوزۇنكىلىرى ئېسىلغان.

2023-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتايدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەندىن باشقا، «شىنجاڭدىكى ئاممىنى ئىچكىرى خىتايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش، ئىچكىرى خىتايدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە ئولتۇراقلىشىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە ياردەم بېرىش» كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەنىدى. ھۆججەتلىك ۋىدىيودا بۇ نۇقتا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

دوكتور ماگنۇس فىسكەسيۆ مۇنداق دەيدۇ: «2017-يىلدىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىنىپ ھازىرغىچە يەنىلا كۆپلىگەن ئىنسانلار  خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل ئىشلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى چۈشەنمەي كېلىۋاتىدۇ. بەزىلەر خىتايدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، خىتايدا پەقەت شۇ بىرلا مەسىلە باردەك ئويلىۋالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلمەيدۇ. مېنىڭچە، كۆپلىگەن لاگېر مەھبۇسلىرى شارائىتنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ھايات قالغانلىرى مەجبۇرىي ئىشلەشنى تاللىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ سانىنى 3 مىليونغا بارىدۇ دەپ تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ، بەلكىم ئۇلار ئاللىقاچان قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىپ بولدى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.