خىتاي ساياھەتچىلىرىدىكى يېڭى مەستانىلىق-«ئۇيغۇر» چە ياسىنىپ سۈرەتكە چۈشۈش نېمىنىڭ ئىپادىسى؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.08.19
qeshqer-sayahet-suret-kiyim ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە سۈرەتكە چۈشۈۋاتىدۇ. 2024-يىلى 4-ماي، قەشقەر
chinanews.com

ياز پەسلى ئۇيغۇر ئېلى ساياھەتچىلىكىنىڭ «ئەڭ قىزىغان» مەزگىلى بولۇپ، ئۈرۈمچى چوڭ بازىرى پىيادىلەر كوچىسى، قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوچىلىرى، تۇرپان كارىز باغچىسى قاتارلىق داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ توختاۋسىز كېلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلەر ئارقىلىق ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۇچۇر تارقىتىۋاتقان خىتاي ۋىلوگچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ساياھەتكە بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ تور ئارقىلىق ئايلار بۇرۇن ئۆچرەت تۇرۇپ ئاران قولغا كەلتۈرگەن «شىنجاڭچە ساياھەت سۈرەتچىلىكى» نىڭ «مەھسۇلى» بولغان سۈرەت ۋە ۋىدىيولۇق ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەۋاتقانلىقىنى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن كۆپلەپ كۆرەلەيمىز.

 بۇ جايغا كېلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلەردە قوزغالغان بۇ خىل «ئۇيغۇرچە ياسىنىش مەستانىلىقى» بارغانسېرى بىر مودا ئېقىمىغا ئايلانغان بولۇپ، بەزى خىتاي ساياھەتچىلەر تارقاتقان ئۇچۇرلاردا ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى فوتو-سۈرەت دۇكانلىرىنىڭ ئىنتايىن ئالدىراشلىقىنى، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ قېنىق گىرىم ۋە رەڭگا-رەڭ «شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مىللىي كىيىملىرى» بىلەن جابدۇنغانچە قولاشمىغان ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق سۈرەتلەرگە چۈشۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدىغان بىر ھالەت شەكىللەنگەن.

ئۇيغۇرلار پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا، بۇ جايغا كېلىۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلەردە قوزغالغان بۇ خىل «ئۇيغۇرچە ياسىنىش مەستانىلىقى» نىڭ خىتايلار ئارىسىدا زور ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن يېڭى بىر مودا ئېقىمغا ئايلانغانلىقى ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا.

خىتاينىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فېي شىڭچاۋنىڭ مۇشۇ خىلدىكى سۈرەتلىك ئۇچۇرنى ئالقىشلاپ ھەمبەھىرلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقان «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

ھالبۇكى X تە بۇنىڭغا چۈشكەن ئىنكاسلاردا ئابونتلار خىتايلاردىكى بۇ خىل «ئۇيغۇرلۇق مەستانىلىقى» نى غەلىتىلىك ۋە بىمەنىلىك دەپ مەسخىرە قىلىشقان. يەنە بەزىلەر بولسا بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقنى يېپىش ئويۇنىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ «بۇ ساياھەتچىلەر جازا لاگېرلىرىنى زىيارەت قىلىپ رەسىمگە چۈشەلەمدىغاندۇ؟» دەپمۇ كىنايىلىك ئىنكاسلارنى قالدۇرغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى، ھەتتا ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيگەنلىكى ئۈچۈنلا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە سولىنىپ تۈرلۈك زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقاندا خىتاي قىز-چوكانلىرىنىڭ ئۇيغۇر دوپپىلىرى، چەكلەنگەن ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە چۈمبەللەرنى ئارتىشقانچە «ئۇيغۇر» بولۇپ سۈرەتكە چۈشۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ئەرلىرى ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر تۈرمە جازالىرىغا ئۇچراۋاتقاندا خىتاي ئەرلەرنىڭ يالغان ئۇزۇن ساقاللارنى تاقاپ، بەقەسەم تون ۋە سەللىلەر بىلەن «نەسىردىن ئەپەندى» ياكى «ئۇيغۇر بەگزادە» بولۇشۇپ رەسىمگە چۈشۈۋاتقانلىقى دائىملىق بىر مەنزىرىگە ئايلانغان.

فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلنۇر رەيھان رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق بىلەن تەڭ داۋام قىلىۋاتقان بۇ ھالنى «مۇستەملىكە ساياھەتچىلىكى ۋە مۇستەملىكە مەدەنىيەت ئوغرىلىقى» دەپ ئاتايدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭدا پايدا ئېلىۋاتقانلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭمۇ بىردەك خىتايلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

خىتايلارنىڭ «ئۇيغۇرچە ياسىنىش مەستانىلىقى» قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن-2024 يىللىق خىتاي چاغان بايرىمى تېلېۋىزىيە كېچىلىكىدە يۇقىرى پەللىگە چىققان. ئەينى ۋاقىتتا «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتىدا ئاكتىپ رول ئېلىۋاتقان داڭلىق كىنو ئارتىسى دىلرەبا دىلمۇرات «خىتايلاشتۇرۇلغان ئەبجەش كىيىم» بىلەن سەھنىدە نومۇر ئورۇنلاپ خىتايلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى. شۇنداقلا خىتاي تاراتقۇلىرى «دىلرەبا» چە كىيىنىشنىڭ خىتايلار ئۈچۈن مودا ئېقىمغا ئايلانغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يېڭى ساياھەت دولقۇنى ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقانىدى.

 خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» ، «جۇڭخۇا مىللىتى ۋە مەدەنىيىتى ئېڭىنى كۈچەيتىش» دېگەندەك شوئارلار ئاستىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىلىرىنى يوق قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى خىتايچە كىيىنىپ، خىتاي ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قىستاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە خۇددى ھېچنېمە بولمىغاندەك ئازادە ساياھەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى دوراپ ئۇسۇل ئوينىشى ۋە ئۇيغۇرچە كىيىنىشلىرى ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان غەربلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.

 ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلاردىن دوكتور ھېنرىك شاجېسكى (Henryk Szadziewski) نىڭ قارىشىچە، خىتايلاردىكى «ئۇيغۇرچە ياسىنىپ سۈرەتكە چۈشۈش» خىتاي جەمئىيىتىگە نىسبەتەن قىسمەن ھادىسە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بۇنىڭدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

 «خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتىكى كىيىملەرنى كىيىشىپ سۈرەتكە چۈشۈشى ماھىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇللىرىغا ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتى كونتروللۇقىدىكى «ئۇيغۇرلۇق» تەشۋىقاتىنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشى. ئۇيغۇر دوپپىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىۋالغان خىتايلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئۇيغۇرلارنى راھەتسىز قىلىدىغىنى ئېنىق. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلىق ئىرقى قىرغىنچىلىقنى يېپىش تەشۋىقاتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ‹شىنجاڭ ساياھىتى› گە جەلپ قىلىشتا مەيدانغا كەلتۈرگەن ھەمدە مودا ئېقىمغا ئايلاندۇرۇۋاتقان تەشۋىقاتىنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتىدۇر.»

مەلۇم بولۇشىچە، ساياھەت سۈرەتلىرىگە چۈشۈشنى تاللىغان خېرىدارلار ئاساسلىقى خىتاي ياشلار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرچە كىيىنىپ سۈرەتكە چۈشۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئۇلار يەنە مۇشۇ كىيىملەر بىلەن ھېكايە فىلىملىرى ۋە قىسقا سىنلارنى زاكاز قىلىپ، خىتايدىكى «دوۋيىن»، «شياۋخوڭشۇ» ۋە باشقا سۇپىلارغا يوللاپ تارقىتىش قىزىق دولقۇنى ھاسىل قىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىۋاتقان نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن ئەنگلىيەدىكى دوكتور راچېل خارىس (Rachel Harris) خانىم خىتاي ساياھەتچىلەردە قوزغالغان بۇ خىل «ئۇيغۇرچە ياسىنىش مەستانىلىقى» غا كەسپىي نۇقتىدىن باھا بېرىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتايلاردىكى بۇ بىمەنىلىك تارىختا باشقا مىللەتلەرنى مۇستەملىكە قىلغان ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلغان مىللەتلەردە تەكرارلانغان دائىملىق ھادىسە. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

 «ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىيىملىرىمنىڭ ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ خىتايلار ئارىسىدا بۇنچە قارشى ئېلىنىپ مودىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بولغان بۇ قەدەر مەستانىلىقىنى كۆرۈش ئاجايىپ بىر غەلىتىلىك. بۇلار ئادەمنى ‹بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئەجەبا بۇلار ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىدىن بىخەۋەرمىدۇ؟› دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بەلكىم بىر قانچە يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن بەزىلەرنىڭ تولۇق خەۋىرى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، ئەمما بۇ ھال تارىخچىلار ۋە ئىنتورگافلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بىز ھازىر بۇنىڭ تارىختىكى تەكرارلىنىشىنى كۆرمەكتىمىز. ئەينى ۋاقىتتا مۇستەملىكىچىلىك تارىخىدىكى بۇ خىل ھالەتكە ‹ئىمپېرىيە سېغىنچى› (Imperial Nostalgia) دېگەن مەخسۇس ئاتالغۇ قوللىنىلغان.»

راچېل خانىم مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تارىختا بىرىتانىيە ئىمپېرىيە ئارمىيەسى ھىندىستاننى مۇستەملىكە قىلغاندا ھەمدە يەرلىك مىللەتلەرگە ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلغاندا ئاق تەنلىك ئەنگلىيەلىكلەر ھىندىلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىملىرىنى كىيىش ۋە ھىندىچە ناخشىلارنى ئېيتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھىندىستان مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەن. بۇ ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ بىر قىسمى بولغان. بۇ خىل غەيرىي ئەھۋال ئامېرىكا تارىخىدىمۇ يۈز بەرگەن: 19-ئەسىردە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى يەرلىك ئىندىيان قەبىلىلىرى قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، ئارقىدىنلا ئىندىيانلارچە كىيىنىش ئاق تەنلىكلەر ئۈچۈن ئەڭ مودا پاسونغا ئايلانغان. بۇلاردىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خىتايلاردىكى ئۇيغۇرسىمان بولۇش مەستانىلىقى يېڭى ئىش ئەمەس، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى خالاس.»

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ساياھەتچىلەرنى «ئۇيغۇر» قىلىپ ياساپ سۈرەتكە تارتىشنى كەسىپ قىلغان فوتو سۈرەت دۇكانلىرى، كىيىم-كېچەك ئىجارىگە بېرىش، گىرىم قىلىش دۇكانلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، «شىنجاڭ ئۇسلۇبىدىكى سۈرەتچىلىك» دەپ ئاتالغان بۇ يېڭى كەسىپ تازا بازار تېپىشقا باشلىغان. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2020-يىلى قەشقەردە ئاران ئىككى جايدا ساياھەت سۈرەتچىلىكى دۇكىنى ئېچىلغان، ھازىر بولسا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە خىتايدىن كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئېچىلغان ساياھەت سۈرەتچىلىك دۇكىنى 160 تىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ جايلاردا خىتاي بولغان ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ساياھەت سۈرەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.