خىتاي بىلەن تالىباننىڭ سودا ھەمكارلىقى ۋە كەلگۈسى خىرىسلار (1)

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.11.05
Afghanistan-taliban-bash-elchi-AP خىتاينىڭ ئافغانىستانغا تەيىنلىگەن يېڭى باش ئەلچىسى جاۋ شىن ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇند بىلەن كۆرۈشكەن كۆرۈنۈش. 2023-يىلى 13-سېنتەبىر، كابۇل
AP

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوممۇنىست دۆلەت خىتاي بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ رادىكال دىنىي ھاكىمىيەت بولغان تالىبانلارنىڭ دىن ۋە ئىدېئولوگىيە پەرقىنى قايرىپ قويۇپ، دىپلوماتىيە ۋە سودا جەھەتتە يېقىندىن ھەمكارلىشىشى، دۇنيانىڭ دىققىتىدە بولۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە ئورتاق دۈشمەن بولۇش خۇسۇسىيەتلىرىمۇ مۇھىم سۆز تېمىسىغا ئايلانماقتا.

پاكىستانلىق دىپلومات، گىئو-سىياسىي خەتەر ئانالىزچىسى دوكتور فارھات ئاسىف يېقىندا ئۆزىنىڭ لىنكدىن (Linkedin) ھېسابىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي بىلەن تالىباننىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە قەدەم قويغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىسى خىتاينىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستاندىن كىرگەن مالدىن تاموژنا بېجى ئالمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئافغانىستانغا قۇرۇلۇش، ئېنېرگىيە ۋە ئىستېمال ساھەلىرىدە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي باش ئەلچىسى جاۋ شىڭجو 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، «خىتاي بۇنىڭدىن كېيىن ئافغانىستانغا 100 پىرسەنت باج ئېلىنمايدىغان دۆلەت مۇئامىلىسىنى قىلىدۇ» دېگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن بېرىلگەن قارار بولۇپ، شى جىنپىڭ بۇ يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، «خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولغان ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق» بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش خىتايمۇ گەرچە ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمايدىغان تالىبان ھۆكۈمىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، كابۇلغا ئاللىقاچان ئەلچىخانىسىنى قۇرغان بولۇپ، ئافغانىستاندىكى يوشۇرۇن بايلىققا كۆز قىزارتىپ كەلگەن. ئافغانىستاننىڭ تېخى ئېچىلمىغان لىتىي، مىس، تۆمۈر بايلىقلىرى خىتاينىڭ نەپسىنى تېخىمۇ يوغىنىتىپ بارماقتا ئىكەن. يەنە كېلىپ، خەلقئارا ئىمبارگو تۈپەيلىدىن ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادى، جۈملىدىن ئافغانىستان مەركىزى بانكىسى ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، خىتاي بولسا ئۇلارنى «قۇتقۇزغۇچى» سىياقىدا ئوتتۇرىغا چۈشكەن. خىتاي گەرچە ئافغانىستاندىن تاموژنا بېجى ئالمايمىز دېگەن بىلەن، ئافغانىستاننىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىدىغان مېلى ئاساسەن قارىغاي ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئېكسپورت قىممىتى ئۆتكەن يىلى ئاران 64 مىليون دوللارغا يەتكەن. ئەمما خىتاينىڭ مەقسىتى ئافغانىستاندىن تېخىمۇ كۆپ كان مەھسۇلاتى ئېلىش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ بەش خىل مېتال گۇرۇھىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن شىركەتلىرى ئافغانىستاننىڭ كان بايلىقىنى قېزىشقا باشلىغان. بۇلار خىتاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا، يەنى كان بايلىقى مول، ئەمما ئىقتىسادى ئاجىز دۆلەتلەرنى يەم قىلىش ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن.

تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللانىڭ قارىشىچە، تالىبان ھۆكۈمىتىنى يۆلەۋاتقان خىتاي، ئافغانىستاننى ئافرىقادىكى دۆلەتلەرگە ئوخشاش يېڭىچە مۇستەملىكىسىگە، يەنى بېقىندى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

تالىبان ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭ كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول » قۇرۇلۇشىغا، بولۇپمۇ 62 مىليارد دوللارلىق «خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» تۈرىگە كىرىشكە قىزىقىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ مەقسىتى ئافغانىستاننىمۇ بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە قېتىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئىكەن.

 ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بىلەن تالىبان بىر-بىرىگە موھتاج، خىتاي ئۇ يەردىن مول تەبىئىي بايلىققا ئېرىشىدۇ. خىتاي ئافغانىستاننىمۇ ‹بىر بەلباغ بىر يول› پىلانىغا، بولۇپمۇ مەغلۇبىيەت ئۈستىدىكى ‹خىتاي-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى› قۇرۇلۇشىغا سۆرەپ كىرمەكتە. ئافغانىستان خىتايغا بېقىنىپ قالغاچقا، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئەگەر بۇ مىللەتلەر يەنە ئىش چىقارغۇدەك بولسا، تالىبانلار خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىساد جەھەتتە مۇھىم مەنپەئەتلەرنى ئالىدۇ. مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تالىباننى يېتىم قالدۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى مۇمكىن».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي بىلەن ئافغانىستاننى باغلاپ تۇرغان ئاساسلىق نۇقتىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت، ئۇنىڭدىن باشقا دىپلوماتىيە ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندا ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك قانداق سىياسىي، ھەربىي مەقسەتلىرىنىڭ بارلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىلەن تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتە پەرقلىق بولۇشىغا قارىماي، سىياسىي غايە جەھەتتە قانداق ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار پىروگراممىمىزنىڭ 2-قىسمىدا دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.