خىتاي تور تەشۋىقاتىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكانىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.10.15
Xi-jinping-dengiz-armiye-herbiy-AP خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 12-ئاپرېل
AP

يېقىندا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا يالغان ھېساب ئېچىپ، ئامېرىكادىكى سايلىغۇچىلار ئارىسىدا پىكىر بۆلگۈنچىلىكى پەيدا قىلىش، يەھۇدىزىمغا قارشى سۆزلەرنى تارقىتىش، سىياسەتچىلەرگە ئائىت سۇيىقەست نەزەرىيەسىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ 2024-يىلدىكى سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» X تا تارقىلىپ يۈرگەن نەچچە مىڭ ئۇچۇرنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىنى نىشانغا ئېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، خىتاينىڭ X تىكى بىر ھېسابىدا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى باررى مور (Barry Moore) غا مۇناسىۋەتلىك 75 ئۇچۇر تارقالغان بولۇپ، ئۇ «يەھۇدىيلارنىڭ ئىتى» دەپ ھاقارەتلەنگەن ھەمدە ئۇنىڭ قايتىدىن دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بولۇپ سايلىنىشى «يەھۇدىي مالىيە گۇرۇھىنىڭ ياردىمىدىن بولغان» دېيىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، باررى مور يېقىندىن بېرى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا چەكلىمىسى قويۇشنى قوللىغان سىياسەتچى بولۇپ، ئۇ يەھۇدىي ئەمەسكەن. ئۇ خىتاينىڭ تور دۇنياسىدىمۇ ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ئۆزىنىڭ قورال-ياراق ئامبىرىدىكى بارلىق قوراللارنى، جۈملىدىن تور قورالىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىيەنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان ئاشكارىلىدى» دېگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى دوكتور ئاندېرس كور بۇ ھەقتە يوللىغان يازمىچە ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلاردا ئۈستۈنلۈك تالىشىش توقۇنۇشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا يۇمشاق قوللۇق قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بارغانسېرى قىزىقماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى خىتايغا بوش كەلمەسلىكتە چىڭ تۇرغان سىياسەتچىلەرنى، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن تارتىپ شەھەر باشلىقلىرىغىچە ھەممىسىنى نىشانغا ئېلىپ، توردا ئۇلارغا قارا چاپلايدىغان، نامىنى بۇلغايدىغان، زىيانكەشلىك قىلىدىغان گەپلەرنى تارقىتىپ، سايلامدا ھوقۇقتىن چۈشۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا. بۇ ئۇسۇل كانادادا ئۈنۈم بەرگەن بولۇپ، ئەمدى ئامېرىكادىمۇ ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن».

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى، دوكتور رايموند كو خىتاينىڭ ئىنتېرنېتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكانىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئۇنچە بىۋاسىتە ۋە كۈچلۈك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار قارىماققا بىخەتەر دەپ قارىغان جايدىن ئامېرىكانىڭ سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنسىمۇ، ئۇنىڭ چوڭ ئەھمىيىتى يوق. ئۇلار پەقەت توردا خاتا ۋە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئارقىلىق ئامېرىكادىكى سايلىغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى ئامېرىكانىڭ سايلام ئورگانلىرىغا ئىشەندۈرمەسلىككە ئۇرۇنماقچى. يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاينىڭ بۇ يەردە ‹بويىغا قاراپ كىيىم پىچىش›، يەنى ئادەمگە قاراپ سىياسەت بەلگىلەش ئىستراتېگىيەسى يوقتەك، پەقەت ئۆزلىرى ياخشى كۆرمەيدىغان سىياسەتچىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ».

خىتاينىڭX قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى ھېسابلىرى خىتاي تور قوشۇنىنىڭ ئىنتېرنېتتا تەسىر قوزغاش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلگەن ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇلار ئەخلەت ئۇچۇرلارنى توپ تارقىتىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىكەن ھەمدە خەلقئارادا خىتايغا پايدىلىق پىكىر ئېقىمى ۋە سايلام نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن. يەنە بىر جەھەتتىن X نىڭ خوجايىنى ئېلان ماسك X دە سەزگۈر سىياسىي مەسىلىلەر ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى تازىلايدىغان خىزمەتچىلەرنى كۆپ مىقداردا قىسقارتقاندىن كېيىن، خىتاينىڭ X دىكى تەشۋىقات ھەرىكىتى مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچىيىپ كەتكەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ خىتاينىڭ ئامېرىكادا خىتايغا پايدىلىق بىر سىياسىي مۇھىت يارىتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھازىر ئامېرىكاغا، بولۇپمۇ ئۆز ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك موھتاج، بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكادا چوقۇم خىتايغا پايدىلىق بىر پىرېزىدېنت ۋە دۆلەت مەجلىسى بولۇشى لازىم. شۇڭا خىتاي بۇ قېتىملىق سايلام مەزگىلىدە ئامېرىكانىڭ تۆۋەن قاتلامدىكى سايلام رىقابىتىگە، ھەتتا يەرلىك ھۆكۈمەت سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنماقتا».

سانلىق مەلۇمات تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى گرافىكا (Graphika) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتتا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا تەشۋىقات قىلىش، يالغان-خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە تور ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى2017-يىلدىن باشلاپ جانلانغان بولۇپ، «Spamouflage» (ئەخلەت ئېلخەت)، «Dragonbridge» (ئەجدىھا كۆۋرۈكى) دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان 40 نەچچە تور بېكەت مەخسۇس ئاشۇنداق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا مەسئۇل ئىكەن.

گوردون چاڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ تور قوشۇنى ھازىر دۇنيادا ئىنتېرنېت ئارقىلىق تەسىر كۆرسەتكۈچى ئەڭ چوڭ مەخپىي تور قوشۇنى بولۇپ، ئۇلارنىڭ غوللۇق پائالىيەت قىلىدىغان Spamouflage ناملىق گۇرۇپپىسى ھەمىشە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىگە ھاقارەت قىلماقتا؛ 5-نويابىردىكى چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى كىشىلەرنى ئىككى قۇتۇپقا بۆلىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقاتماقتا. بۇ گۇرۇپپا تارقاتقان ئەخلەت ئېلخەتلەر ئىچىدە ئامېرىكادىكى تۇغۇت ھوقۇقى ۋە ئۆي-ماكانسىزلار مەسىلىسى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئىسرائىلىيەگە ياردەم بېرىشى قاتارلىق گىئو-پولىتىك مەسىلىلەر بار. ئومۇمەن ئېيتقاندا، خىتاي ئامېرىكالىقلار ئارقىلىق ئامېرىكانى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنماقتا».

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئەخلەت ئۇچۇر تارقىتىدىغان تور گۇرۇپپىسى خىتاينى ماختايدىغان ئۇچۇرلارنى ئازايتىپ، ئاساسلىق نىشانىنى ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتىكى سايلىمىغا قاراتقان؛ ئۇلار ساختىلىقى بىلىنمىگۈدەك دەرىجىدە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ نامىدا تور ھېسابى ئېچىپ، ئامېرىكادىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسى، ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى، ئامېرىكالىق قارا تەنلىكلەرنىڭ جېنىمۇ جان دېگەندەك قىزىق نۇقتىلارنى سۆرەپ چىققان. ئۇلار يەنە 2023-يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى خاماس ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلغاندىن باشلاپ، ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا يەھۇدىيلارغا قارشى مەزمۇنلارنى كۆپلەپ تارقاتقان. 2024-يىل 7-، 8-ئايلاردا بولسا يەھۇدىيلارغا بولغان ئۆچمەنلىك ئوتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىشقا ئۇرۇنغان.

دوكتور ئاندېرس كور خىتاينىڭ توردىكى پىتنىچىلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئىدىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «كوممۇنىست خىتاي ھازىر ئامېرىكا پۇقرالىرىنى سىياسىي جەھەتتە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈۋېتىشكە، ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە، خىتاي يەنە يەھۇدىيلار قارشى ئىرقىي ئۆچمەنلىكنى تەشەببۇس قىلماقتا. بۇ تىپىك دوست-دۈشمەن ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، خىتاي ئۆزىنىڭ دوستى ئىرانغا ھەمدەم بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرماقتا».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش تەھدىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي تەيۋەنگە ياردەم بېرىشكە تەييار تۇرۇۋاتقان ئامېرىكانىڭ بۇ نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشقىچە كۈچىمەكتە ئىكەن. خىتاي 2022-يىلىمۇ ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان نامزات ماركو روبىيونىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرىدىغان نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى X دا تارقاتقان. بۇ نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىشى خىتايغا پايدىسىز بولغان نامزاتنىڭ بېلەت سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇللارنى قوللىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

دوكتور رايموند كو مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ھەتتا پىرېزىدېنت نامزاتلىرى ئىچىدە خىتايغا قارشى كەيپىيات كۈچلۈك. خىتاي ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ سىياسەت يۈرگۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنى قانچە بۇرۇن يوق قىلالىسا، ئۆزىگە كېلىدىغان پايدىسىز ۋەزىيەتتىن، مەسىلەن، خىتايغا قارىتا قانۇن تۇرغۇزۇش، ھالقىلىق سانائەت ۋە كەسىپلەرنى كونترول قىلىش، خەۋپسىزلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلارغا دۇچ كېلىشتىن شۇنچە بۇرۇن ساقلىنالايدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت قوشۇنى نۆۋەتتە رىقابەت ئۈستىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلاردىن قايسىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارا ئىپادىلەشتىن قېچىۋاتقان بولۇپ، بۇمۇ خىتاينىڭ ھېچقايسىسىغا يامان كۆرۈنۈپ قالماسلىققا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.