شى جىنپىڭنىڭ ئوخشىمىغان تۇغۇت سىياسىتىگە يوشۇرۇنغان سىياسىي مەقسەتلەر
2023.11.03
خىتايدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى 40يىل داۋام قىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى 2020-يىلى خىتايدا تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي نوپۇسىنىڭ جىددىي ئازلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن شى جىنپىڭ خىتاي ئاياللىرىنى تۇغۇشقا چاقىرىق قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىدا 30-ئۆكتەبىر كۈنى بېرىلگەن «شى جىنپىڭ، خىتاي ئاياللىرى چوقۇم يېڭى ئائىلە يۈزلىنىشىنى باشلىشى كېرەك دېدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ خىتاي ئاياللىرىنى بالا تۇغۇشقا چاقىرىق قىلىپ، خىتاي نوپۇسىدا ئاياللارنىڭ ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭ سۆزىدە «بۇ دۆلەت نوپۇسنىڭ قېرىشى ئېشىۋاتقان، تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەۋاتقان مەزگىلدە، ئاياللارنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىقى» نى بىلدۈرۈپ، «ئاياللار چوقۇم ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ، يېڭى ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك» دېگەن. ئۇ يەنە، خىتاي ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش-ئاياللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىلا ئەمەس، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىتاي مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىشتۇر» دېگەن.
كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا 40 يىل داۋام قىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىن كېيىن، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئاياللىرىنى بالا تۇغۇشقا چاقىرىق قىلىشى، نۆۋەتتە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان خىتاي نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن ئازىيىشى سەۋەبىدىن ئىكەن.
شېڭ شۆ بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسى يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتى نەچچە مىليون نوپۇسنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى. كېيىنكى چاغدا خىتاينىڭ پۈتكۈل نوپۇس سانىنىڭ جىددىي ئازلاپ كېتىشى ۋە بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك، ئۇ تېخىمۇ كۆپ نوپۇسقا ئېھتىياجلىق بولماقتا. ئەمما ھازىر خىتايدا ياشلار ھەر خىل ئىقتىسادىي بېسىم ۋە سىياسىي بېسىملار سەۋەبىدىن بالىلىق بولۇشنى خالىمايدىغان ۋەزىيەت بارغانچە كۈچەيدى» .
خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 2023-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلغان نوپۇس سانى نەقىل ئېلىنىپ، «2022-يىلى پۈتۈن خىتايدىكى نوپۇس 1 مىليارد 411 مىليون 750 مىڭ بولۇپ، 2021-يىلدىكىدىن 850 مىڭ ئادەم ئازايغان» دېيىلگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 2022-يىلى يۈز بەرگەن نوپۇس سانىدىكى جىددىي ئازىيىش، 60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن نوپۇستىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا دېيىلگەن.
شېڭ شۆ خانىم سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى 40 يىل يولغا قويغان پىلانلىق تۇغۇت نامىدىكى نوپۇس تىزگىنلەش سىياسىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى بويىچە خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر رايونىدا پەرقلىق ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتى پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەتتە يۈرگۈزۈلدى. يەنى خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئېھتىياجى بويىچە ئىجرا قىلىندى. يەنى پىلانلىق تۇغۇت دەسلەپ يولغا قويۇلغان مەزگىللەردە، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بۇ سىياسەتنى قاتتىق ئىجرا قىلغان مەزگىللەردە، ئۇ موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت رايونلىرىدا بۇ سىياسەتنى كېچىكتۈردى، ياكى نىسبەتەن بوش ئىجرا قىلدى. ئەمما كېيىنكى مەزگىللەردە بۇ سىياسەت بۇ رايونلاردا تۇيۇقسىز قاتتىق ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىغا چېن چۈەنگو ھۆكۈمرانلىق قىلغان 2017-2018-يىللاردا ۋە 2021-يىلغا كەلگەندە بۇ رايوندىكى نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى 2016-يىلدىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا جىددىي ئازىيىپ كەتتى. بۇ زور پەرق نېمىدىن كەلگەن؟ بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. يەنى 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇ بۇ رايوندا ئىرقىي ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. خىتاي كومپارتىيەسى لاگېرلارنى قۇرۇش ئارقىلىق باستۇرۇش ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى پارچىلاپ، ئەر-ئاياللارنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىدى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى. ئۇنىڭ بۇ باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ جىددىي ئازىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى».
ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ئاياللىرىنى بالا تۇغۇپ خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشكە چاقىرىق قىلىۋاتقان شارائىتنىڭ ئۆزىدە، بۇنىڭغا سېلىشتۇرما ھالدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش سىياسىتى ئەڭ قاتتىق ھەتتا قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجرا قىلىشى يېقىنقى يىللاردا ئەۋجىگە چىققانىدى.
ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلى ئەۋجىگە چىققان نەچچە مىليون ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش دولقۇنىدا «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ كۆپ پەرزەنتلىك بولغان» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەنلىكى دۇنياغا ئاشكارىلانغانىدى. بۇ مەزگىللەردىكى خەۋەرلەردە تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بوۋاقلارنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەر ئۇيغۇر نوپۇسىدا جىددىي تۆۋەنلەش پەيدا قىلغانلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىن چەتئەللەردە قېچىپ چىققان لاگېر شاھىتلىرى ۋە خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مەخپىي ھۆججەتلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغانىدى. بۇ، ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئازلىتىپ يوق قىلىپ، خىتايلارنى كۆپەيتىشتەك ئەشەددىي مىللەتچىلىكىنىڭ تىپىك ئىپادىسى» دەپ ئەيىبلەنگەن.
گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز تەرىپىدىن 2020-يىلى 29-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان «ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى» ناملىق 28 بەتلىك ھۆججەتلىك دوكلاتتا، تۇنجى قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى» گە ئائىت رەسمىي ھۆججەتلىرىدىكى مەزمۇنلار ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان پىلانلار ئاشكارىلانغان.
ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر 2019-يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەتتە تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنىڭ كەم دېگەندە %80 ئىنى تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان. 2018-يىلىدىكى ستاتىستىكىغا قارىغاندا، بارلىق يېڭى تۇغۇتتىن ساقلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنىڭ %80 پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ 1.8 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن پىلانلىق تۇغۇت نامىدىكى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش سىياسىتى يەنە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.
2020-يىل 30-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرىنى «قىرغىنچىلىققا باراۋەر» دەپ كۆرسەتتى. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ زور بىر قىسمى «كۆپ پەرزەنتلىك بولغان» دېگەن ئەيىب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇغماس قىلىۋېتىش تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىسىدە 2019-يىلى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تۇغۇت نىسبىتى 24 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەن. يەنە كېلىپ 500 مىڭچە گۆدەكنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن جۇدا بولۇپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دارىلئېتاملارغا مەھكۇم بولۇشى ھەمدە بۇ جايدا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە تىل-يېزىقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ھەققىدە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئەنگلىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوتى» ، 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارغاندا، ئۇيغۇر ئۇچرىغان مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش قىلمىشلىرىنى، جىنايى قىلمىش دەپ بېكىتىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پاكىتلىرى دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى.
زۇبەيرە خانىم سۆزىدە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش جىنايى قىلمىشلىرى خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەشكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش سىياسىتىنى ئاقلايدىغان خەۋەرلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى» دە بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىنىپ، «ئاياللار خىزمەت پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، تۇغۇش ماشىنىسى بولۇشتىن ئازاد قىلىندى» دېيىلگەنلىكىنى، بۇ خەۋەرنىڭ ئەينى چاغدا خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سۈي تىيەنكەينىڭ تۋىتتېر سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەنلىكىنى نەقىل ئېلىپ ئۆتتى.
خەلقئارا تاراتقۇلاردىكى خەۋەرلەرگە كۆرە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققان 10 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىغا ياردەم نامىدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. زۇبەيرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدىكى ئاز سانلىقلارغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، مەھەللىۋى تۇرمۇش ئادىتىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە بىرلىكىنى بۇزۇپ، تۇغۇت يېشىدىكى ئەر-ئاياللارنى ئايرىپ تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قاماش، ئەرزان ئەمگەك كۈچى شەكلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ تارقاقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە مەجبۇرىي خىتايچە مائارىپتا تەربىيەلەش، مەنىۋى جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، تىل-مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى بارلىق مىللىي خاسلىقلىرىنى يوقىتىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.