خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «مەن جۇڭگولۇق» دەپ سۆزلىتىدىغان تەشۋىقات ۋىدىيولىرى كۆپلەپ تارقالماقتا
2024.11.28
خىتاينىڭ دوۋيىن، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇپىلىرىدا تارقىتىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ «مەن جۇڭگولۇق!» دەيدىغان بىر قاتار ۋىدىيولىرى نۆۋەتتە چەت ئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كەڭ تارقىلىپ دىققەت قوزغىماقتا.
يېقىندا X تا، كارل جا (CarlZha) ئىسىملىك بىر قوللانغۇچىنىڭ ھەمبەھىرلىگەن ۋىدىيوسى بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر. 20 سېكۇنت ئەتراپىدىكى بۇ ۋىدىيودا، تاشقى كۆرۈنۈشتىنلا بىر ئۇيغۇر ياش قىز ئىكەنلىكى ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدىغان، ئەمما ئۆزىنى خىتايچە ئىسىم بىلەن «روۋ روۋ» (肉肉) دەپ ئاتىغان بۇ قىز خىتاي تىلىدا، باشقىلارنىڭ كۈندە دېگۈدەك ئۆزىدىن ئەمدى «سەن چەت ئەللىكمۇ؟» دەپ سورىماسلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە، ئۆزىنىڭ «جۇڭگو شىنجاڭلىق ئۇيغۇر قىز، جۇڭگولۇق» ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، «مەن جۇڭگولۇق» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.
Uyghur woman on Douyin: "Stop asking if I'm a foreigner. I'm Chinese. I'm a Uyghur from Xinjiang" pic.twitter.com/esS1nIBhpI
— Carl Zha (@CarlZha) November 21, 2024
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋىدىيونى ھەمبەھىرلىگەن ھىندونېزىيەدە تۇرۇشلۇق X قوللانغۇچىسى كارل جانىڭ 1 مىليون 674 مىڭ ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن. دىققەت تارتىدىغان يېرى شۇكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش «تەشۋىقات ئۇرۇشى» سېپىدە يېقىندىن بۇيان ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان «چۆپقەت» لىرىدىن بىرى—خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە قانىلى (CGTN) نىڭ دائىملىق مۇخبىرى فېرناندو مۇنوز بېرنال (Fernando Munoz Bernal) بىلەن خىتاينىڭ ئاكتىپ تور تەشۋىقاتچىلىرىدىن بىرى _ «شاڭخەي گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئەندىي بورېخام (Andy Boreham) نىڭ دەل بۇ ئەگەشكۈچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى كارل جانىڭ شەخسىي ھېساباتىدىن بىلىنمەكتە.
دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ھەمدە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى نىشان قىلغان «خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان «تەشۋىقات ئۇرۇشى» دولقۇنى ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارماقتا.
ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكادىكى روس-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى تىمۇسىي گروس چەت ئەل تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلىۋاتقان رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى «مەن جۇڭگولۇق!» دەپ ئىزاھلايدىغان بۇ خىلدىكى ۋىدىيولىرىنى كۆرگەندىن كېيىنكى تەسىراتىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ يازما ئىنكاسىدا، خىتايدا قوللىنىۋاتقان «شىنجاڭلىق» ۋە «جۇڭگولۇق» تىن ئىبارەت بۇ كىملىكلەر ھەققىدىكى پىكرىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:
«كىملىك تولىمۇ قايمۇقتۇرىدىغان بىر مەسىلە. 2017-يىلىدىن بۇرۇن، مەن ياش ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ يۇرتىدا ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تەتقىقات ئېلىپ بارغىنىمدا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ھەم ئۇيغۇر ھەم جۇڭگولۇق دەپ تونۇشى غەيرىي ئەھۋال ئەمەس ئىدى. يەنى، بۇ كىملىكلەر ئۆزئارا بىر-بىرىنى چەتكە قاقمايتتى. ئەلۋەتتە، 2017-يىلدىن باشلاپ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئەمما نۇرغۇن ياش ئۇيغۇرلار بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇر ۋە جۇڭگولۇق بولۇشتەك قوش كىملىككە ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى تاپتى. مەن بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنىمۇ كىتابىمدا تىلغا ئالغان. مەن يەنە ‹شىنجاڭلىق› دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىشىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھەمدە بۇ ھەقتە ‹شىنجاڭ تائاملىرى› سەرلەۋھىلىك ماقالەمنىمۇ ئېلان قىلغانىدىم. مېنىڭچە خەلق ۋە مەدەنىيەتنى ئېتنىك يىلتىزىدىن ئۇزاقلاشتۇرىدىغان بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايونغا بولغان يەرلىك ئىگىدارچىلىق كىملىكى توغرىسىدىكى قارىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، كىشىلەرنىڭ ‹شىنجاڭلىق› دەپ ئاتىلىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنىڭ 13 مىللەتنىڭ ‹ئانا يۇرتى› ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.»
تىمۇسىي گروسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا جىددىي رەۋىشتە تەرغىب قىلىۋاتقان ‹جۇڭگولۇق› تىن ئىبارەت بۇ كىملىك ئاتالغۇسى تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاي مىللىتىنى مەركەز قىلغان كىملىكنى كۆرسىتىدۇ.
«ئېسىمدە قېلىشىچە، رايوندا ئېلىپ بارغان ئەمەلىي تەكشۈرۈشلىرىمدە، ئۇيغۇرلارنىڭ دائىم كەمسىتىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. چۈنكى خىتايلار ئۇلارنى باشقىلار، يەنى جۇڭگولۇق ئەمەس دەپ قارايتتى. بۇ خىل قاراش ئەلۋەتتە ‹جۇڭگولۇق› كىملىك ئېنىقلىمىسىنىڭ تار دائىرىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ‹جۇڭگولۇق› دېگەن بۇ كىملىك ئاتالغۇسى ماھىيەتتە خىتاي مىللىتىنى مەركەز قىلغان كىملىكتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇشبۇ تەخمىنلىرىدە تاشقى قىياپەت، مەدەنىيەت شەرتى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلىق بولغانلار ‹باشقىلار› بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، خىتاي كومپارتىيەسى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە بولغان چەكلىمىلەرنى كۆپەيتىش، ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ-دەرسلىكتىن چىقىرىۋېتىشتىن باشقا، ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ‹ئاساسىي ئېقىن› غا سىڭدۈرۈش ئۇرۇنۇشىنى تېزلەتتى. نەتىجىدە، ھازىر ئۇيغۇرلاردا قالغانلىرى بولسا پەقەت ئۇسسۇل ۋە ناخشا قاتارلىق ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان ئۇيغۇرچە مەدەنىيەت ئىپادىلىرىدۇر، خالاس.»
گەرچە خىتاي، بىر تەرەپتىن ئۆزىنى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت دېسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «جۇڭگولۇق» ياكى «جۇڭخۇا مىللىتى» تىن ئىبارەت خىتاي مىللىتىنى يادرو قىلغان، باشقا بارلىق مىللەتلەرنى يۇغۇرغان «تاق مىللەت دۆلىتى» بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغىنىدا، تارىختىن بۇيان سىياسىي ۋە جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ئوخشىمىغان مەنىلەرگە ئىگە بولغان خىتايچە «جۇڭگو» ئاتالغۇسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن مىللىي دۆلەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى ئىزاھلىدى. ئۇ يەنە، خىتاي ئۆز مىللىي كىملىكى بولغان «خىتاي مىللىتى» (خەنزۇ) بىلەن «جۇڭگولۇق» ياكى «جۇڭخۇا مىللىتى» كىملىكى ئۇقۇملىرىنى بىر-بىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىپ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە زوراۋانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر ياش تور چولپانلىرىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن «دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى شېڭ شۆ خانىم مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ قىلمىشلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەت ئەللەرگە قارىتىلغان تەشۋىقاتىنىڭ كونكرېت ئىستراتېگىيەسىدۇر. ئۇنىڭ چەت ئەللەرگە قارىتىلغان تەشۋىقاتى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي تەسلىم قىلىش، بۇ خىتاي ھاكىمىيىتىگە ۋە ئۇنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا پۈتۈنلەي بوي سۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىشى ماھىيەتتە، ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى ھېس قىلدۇرماسلىق، ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئۇنتۇلدۇرۇش، ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئاخىرىدا ئۇلارنى ئورتاق بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشتۇر. ھالبۇكى بۇ ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.»
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىش جەريانىدا، ئۇلاردا ئۆز مىللىتى، تىلى، دىنىي ئېتىقادىدىن نەپرەتلىنىش تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. ھالبۇكى يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىنىڭ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىش كۈچى بولىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:
«ئۇنىڭ كەڭ كۆلەملىك يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ خىلدىكى تەشۋىقات فورماتى بەزى كىشىلەرنى بەلگىلىك دەرىجىدە قايمۇقتۇرالايدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ زوراۋانلىقى ۋە مونوپوللۇقى سەپلەنگەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھېچكىم بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرەلمەيدۇ، چۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زوراۋانلىق ئۇسۇللىرى ۋە ۋاسىتىلىرى ئاستىدا، رايوندىكىلەرنىڭ ئۆز ھاياتلىقىنى ساقلىشىمۇ تەسكە توختايدىغان مەسىلە. چۈنكى مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىقادى يوق، ئۇلار ھېچقانداق مەدەنىيەت ئېتىقادقا ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا، بۇ بەك قورقۇنچلۇق تەرىپىدۇر.»
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر تور چولپانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ «مەن جۇڭگولۇق» دېگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، تاشقى دۇنيادىكىلەرگىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى «جۇڭگولۇق»، يەنى «خىتاي» دەيدىغان خاتا چۈشەنچىنى پەيدا قىلىدىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىستېمىلاشقان تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش، خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تەشۋىقاتىنى تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق كۈچەيتىشى كۆزەتكۈچىلەردە ئەندىشە قوزغىماقتا.