خىتاينىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدىكى قېزىلما بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش چارە-تەدبىرلىرى كۆپەيمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.10.05
Koktoqay-kan-mineral-serek-topa كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى 84 خىل مىنېرال ماددا بايقالغان 3-نومۇرلۇق كان قۇدۇقى، 2020-يىلى 16-سېنتەبىر، كۆكتوقاي
CGTN

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى نۇقتىلىق ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايوندا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى سانائەت توپىنى ئاكتىپلىق بىلەن شەكىللەندۈرۈش ۋە كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا «كانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قانچە تەدبىر» نى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ «خەلق تورى» 27-سېنتەبىر چىقارغان خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان «بىر قانچە تەدبىر» دە، «يېشىل ئېنېرگىيە بايقاشنى كۈچەيتىش، گېئولوگىيەلىك چارلاشقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، قېزىلما بايلىقلارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېتان گازى بايلىقىنى چارلاش ۋە ئېچىشنى تېزلىتىش، كان ھوقۇقىنى يۆتكەش سودا قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پەن-تېخنىكىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش» قاتارلىق سىياسەت-تەدبىرلەر كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە يەنە، يۇقىرىقى «تەدبىرلەر» ئارقىلىق قېزىلما بايلىقلارنى قېزىشنىڭ يېڭى باسقۇچلۇق ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا كۈچەۋاتقانلىقى، كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ھەر خىل قىممەتلىك كان بايلىقلىرىنى قېزىشنى كېڭەيتىپ، ھەر قايسى كان رايونلىرىدا خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى سانائەت توپىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

مۇتەخەسسىسلەر يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ ئاتالمىش «بىر قانچە تەدبىر» نىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشتىن باشقا يەنە، ئۇلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى، دوكتور رايموند كو بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئاستىلاش مەسىلىسىگە دۇچ كەلمەكتە. ئەمما ھازىر ئۆي-مۈلۈك ۋە قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئېغىر كىرىزىس بولغاچقا، خىتاي ئۆز نىشانىنى باشقا ساھەلەرگە قارىتىپ، ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت ئەڭ مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ئېكسپورت بازىرىغا مىنېراللار ۋە كەم ئۇچرايدىغان مېتال قاتارلىق خام ئەشيالارنى تەمىنلىشى كېرەك. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھازىر ھالقىلىق خام ئەشيالار بىز ئىشلىتىدىغان بارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان كەم ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلاردۇر. ئەگەر خىتاي بۇ ساھەدىكى بازارنى ئىگىلىيەلمىسە، ئۆز ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ».

دوكتور رايموند كو زىيارەت داۋامىدا، خىتاينىڭ ھازىر دۇنيادىكى كەم ئۇچرايدىغان مەدەنلەر، ھالقىلىق مىنېرال ماددىلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بولسا ئاشۇنداق بايلىقلار كۆپ چىقىدىغان رايون ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر شارىدا كەم ئۇچرايدىغان مەدەنلەرنىڭ قېزىلىشى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىكەن. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ مىنېرال ماددىلارنى قېزىش ئۈچۈن كىشىلەر مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىنى قوبۇل قىلىش ۋە ياكى بۇ بايلىق مەنبەلىرىنى قېزىشتىن ۋاز كېچىشتەك زىددىيەتكە دۇچ كېلىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا بۇ خىل مىنېرال ماددىلار كۆپ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇھىت ئاسراش بەلگىلىمىسى كەمچىل. شۇڭا بۇنى ئېغىر توقۇنۇش دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر بۇ ساھەدىكى نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار خىتايغا ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمدى شىنجاڭدىكى قېزىلما بايلىقلارنى قېزىشقا كەلسەك، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى تەبىئىي بايلىقلارنى تېخىمۇ كۆپ قېزىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كەڭ بازارنى ئىگىلىيەلەيدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پايدىسىغا خىزمەت قىلىدۇ، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا بولغان كونتروللۇقىنى كۈچەيتىدۇ.»

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مول قېزىلما بايلىقلىرى بۈگۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، خىتاينىڭ دۇنياغا خوجا بولۇشتەك «چۈشى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ھالقىلىق رول ئويناپ كەلمەكتە.

ياپونىيەدە تەبىئىي جۇغراپىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئالغان، ھازىر تۈركىيەدىكى ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرسىتېتى ساياھەت بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان دوكتور گۈلمىرە بەرداش خانىم، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قېزىلما بايلىقلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ قېزىلما بايلىقلارنى غايەت زور مەبلەغ كۈچى ۋە تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ تالان-تاراج قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

دوكتور گۈلمىرە بەرداشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئىستاتىستىكا مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 32 مىليون 701 مىڭ توننا، تەبىئىي گاز چىقىرىش مىقدارى 41 مىليارد 730 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، 2022-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %6 ئاشقان. ئىگىلىنىشىچە يەنە، خىتاينىڭ «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى ئىچكىرىگە توشۇش» پىلانى بويىچە ئۆتكەن يىلى 120 مىليون توننا كۆمۈر، «شىنجاڭنىڭ توكىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش» پىلانى بويىچە بويىچە 126 مىليارد 300 مىليون كىلوۋات سائەتلىك توك ئىچكىرىگە ماڭدۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا %26.7 ئاشقان ھەمدە خىتايدىكى نەچچە يۈز مىليون ئاھالىنى توك بىلەن تەمىنلىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئىشخانىسى دىرېكتورى ھېنرىي شاجىۋىسكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر رايونىدا قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە كېرەكلىك ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار بار. ھازىر بۇ كەسىپ ۋە ساھە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىسمىغا ئايلاندى. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بۇ قېزىلما بايلىقلار خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. ھازىر دۇنيا بازىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۈلۈشىنى ئىگىلەش خىتاي ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ بايلىقلارنى كونترول قىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، باشقا دۆلەتلەر بۇ ھالقىلىق مىنېرال ماددىلار ئارقىلىق قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە ئېرىشىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىتاي ئىقتىسادى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىنى كونترول قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.»

ئۇ يەنە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى جىددىي رەۋىشتە مونوپول قىلىشىنىڭ ماھىيەتتە، ئۇنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇشىدىكى سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي پىلانى ئۇيغۇر رايونىنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىغا قارىتا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرىدۇر. چۈنكى خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئېلىپ بارغان ئىشغالىيىتى، ھەربىي كۈچى، ئىقتىسادىي ۋە ئەمگەك كۈچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ بۇ زېمىنغا قارىتا ئىگىدارچىلىق قىلىشى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ بۇ رايوندىكى ناھايىتى مۇھىم بولغان مەدەنىيەت قاتلىمىنى ۋەيران قىلىشى، مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بۇ ئامىللار ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقنىڭ باستۇرۇلۇشىدىكى سەۋەبلەر بولۇپ، قېزىلما بايلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر سەۋەب دەپ قارايمەن.»

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويماقچى بولغان «چارە-تەدبىر» لىرى ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.