ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنى چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.12.14
Rep-Mike-Gallagher گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى، ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى، خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېر(Mike Gallagher) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2023-يىلى 13-دېكابىر، ۋاشىنگتون.
Select Committee on CCP

13-دېكابىر كۈنى كەچتە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە قارىتا قانات يايدۇرۇۋاتقان چېگرا سىرتىدىكى باستۇرۇشى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭنىڭ باستۇرۇشىغا قارىتا زۆرۈر تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىشقا چاقىردى.

يىغىندا بەزىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى بۇ كىشىلەرنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا كۈچلۈك قانۇنى تەدبىرلەرنى ئېلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى قوغداش ئۈچۈنمۇ كۈچلۈك دىپلوماتىك چارىلارنى ئىشقا سېلىشى كېرەك ئىكەن. گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى، ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى، خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايك گاللاگېرنىڭ يىغىندا تەكىتلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىنى ئۇنىڭ چېگرا سىردىكى خىتاي پۇقرالىرىنى نىشان قىلغاندەك كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي مۇددىئاسى پۈتۈن دۇنيادىكى خىتاينى تەنقىد قىلغۇچىلارنى كونترول قىلىش ئىكەن.

بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلگە قارىتا «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» نى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى «قىرغىنچىلىق» نى پاش قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا چاقىرىلغان. يىغىندا مايك گاللاگېر مۇنداق دەيدۇ: «چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى شۇنى كۆرسەتمەكتە، خىتاي پۇقرالىرىنى كونترول قىلىش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نوقۇل مۇددىئاسى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇددىئاسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقلەرنى نازارەت قىلىش، تەسىر كۆرسىتىش، جازالاش ۋە بېسىم قىلىشتۇر. ئۇلار خىتاي چېگراسى سىرتىدىكى ئۆزلىرىنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى جىمىقتۇرۇش، سىياسەتنى كونترول قىلىش ۋە ساقچىلارنىڭ پىكىرىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا».

مايك گاللاگېرنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ غەرەزى ناھايىتى چوڭ بىر مەسىلىگە ئايلانغان بولۇپ، ھەتتا ئامېرىكادىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىمۇ خىتايدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە ئاشكارا سۆزلەشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇرماقتىكەن.

مايك گاللاگېر مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يامان غەرىزىنىڭ خاراكتېرى ناھايىتى چوڭ مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما بۇنى سۆزلەشتىن ئەندىشە قىلىدىغان بولدۇق. ھوللىۋۇدنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلىرى بېيجىڭغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن فىلىملىرىنى سېنزۇرىلاۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىۋاتىدۇ. تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىزگە بېيجىڭنىڭ نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا سۆزلەشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا. بىز يەنە بانكا مەسئۇللىرىدىن بېيجىڭنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئادەملەر بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كومپارتىيەسىنى خاپا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئاشكارا سۆزلىمەيۋاتىدۇ».

ئاۋام پالاتا ئەزاسى، خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ مەسئۇل ئەزاسى كرىشنامورتىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇشتا قانۇنىي ئىجرائاتىنى كۈچەيتىشى، بۇ خىل تەھدىتكە ئۇچرىغۇچىلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىشى كېرەك ئىكەن.

كرىشنامورتى مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم، بەزىلەر نېمە قىلىش كېرەك، دەپ سورىشى مۇمكىن. بىرىنچى قەدەمدە قانۇنلىرىمىزنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارىتا سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى كۆزدىن قاچۇرماسلىق كېرەك. ئىككىنچىسى، خەلقنى بۇنىڭ تەسىرىگە قارىتا ھوشيار بولۇپ، ھۇجۇمنىڭ نەدىن كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار قىلىش. ئەگەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى بولسىڭىز، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىشىڭىز كېرەك».

كرىشنامورتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۈچىنچى قەدەمدە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ «ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوينىغا ئېلىشى كېرەك» ئىكەن. پالاتا ئەزاسى كرىشنامورتى گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە يەنە خىتاينى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى پاراكەندە قىلىشنى توختىتىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

كرىشنامورتى مۇنداق دېدى: «شۇڭا، مەن خىتاي كومپارتىيەسىگە شۇنى دەيمەنكى، توختاپ قال، ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى قوللانغان كىشىلەرنى قورقىتىش ۋە باستۇرۇشنى توختات. ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى نىشان قىلىشنى، كىشىلىك ھوقۇققا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە ئۇنىڭغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىشنى توختات! . چۈنكى، بىزنىڭ بۇ كومىتېتىمىز ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ. بىز بارلىق كۈچىمىزنى ئىشلىتىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، ئۇنىڭ ئامېرىكادا سۆز ئەرلىكىنى بۇزماقچى بولۇشىنى جاۋابكارلىققا تارتىمىز».

«خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى: ئۇنىڭ چەتئەلدىكى تەنقىدچىلەرنى جىمىقتۇرۇشى ۋە زورلىشى» ناملىق يىغىندا، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بويىچە سابىق دىرېكتورى، دوكتور سوفىي رىچارتسون، خوڭكوڭ دېموكراتىيە كېڭىشىنىڭ دىرېكتورى ئاننا كۋوك، جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ئوقۇغۇچىسى جاڭ جىنرۈي قاتارلىق گۇۋاھلىق بەردى. دوكتور سوفىي رىچارتسوننىڭ يىغىندا ئېيتىشىچە، ئامېرىكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق بىر دېموكراتىك ھۆكۈمەت خىتاينىڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارشى يېتەرلىك سېلىنما ئاجراتقان ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ خىتاينى تېخىمۇ يۈرەكلەندۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سوفىي رىچارتسون: «مەيلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسۇن، ھەرقانداق بىر دېموكراتىك ھۆكۈمەت يېتەرلىك سېلىنما ئاجرىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە رىقابەت ئېلان قىلىپ باقمىدى. بۇ، بېيجىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇش، چەتئەلدە كىشىلىك ھوقۇققا ھەم ئاچقۇچلۇق خەلقئارا ئاپپاراتلارغا تەھدىت سېلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش شۇنداقلا بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى» دەپ كۆرسەتتى.

سوفىي رىچارتسوننىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا تۆت نۇقتىغا قارىتا سېلىنمىنى كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن.

سوفىي رىچارتسون، بۇنىڭ خىتاينىڭ چېگرا سىرتىدىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوفىي رىچارتسون مۇنداق دەيدۇ: «دىققەتنى مەركەزلەشتۈرىدىغان تۆت نۇقتا بار. بۇنىڭ بىرىنچىسى، دۆلەت مەجلىسى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ۋە باشقا ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈش ھەم جازالاش ئېلىپ بېرىشىنى زۆرۈر بولغان سېلىنما بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بۇ، چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا كاپالەت بېرىپلا قالماي، بەلكى بېيجىڭغىمۇ بۇنداق قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇش دەۋرى ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەنە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىدا خىتاي، گۇاڭدۇڭ، تىبەت ۋە ئۇيغۇر تىللىرىنىڭ قىزىق لىنىيە ئالاقە تورلىرىنى قۇرۇشنىڭ ۋاقتى. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە قانۇن چىقىرىپ، بۇ خەلقلەرنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىنى تېزلىتىشكىمۇ، ئۇلارنى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشتىن قوغداشقىمۇ ياردىمى بولىدۇ».

سوفىي رىچارتسوننىڭ يىغىندا تەكىتلىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ قەبىھ جىنايىتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتمىسا، بۇ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرىلەپ خورلىشىغا يول ئاچىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق دۈشمەنلىكى ئىنتايىن چوڭقۇر. دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۆزلىرىنى ‹بېيجىڭ بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق رىقابىتىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش› دېگەنگە تاشلاپ بېرىشىغا بولمايدۇ. ئۇلار بۇ رىقابەتتە يېڭىشكە ئىشەنچ باغلىشى كېرەك. ئۇلار ھۆكۈمىتىنىڭ قەبىھ جىنايىتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا، بېيجىڭنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىغا كاشىلا قىلىشىغا قارشى تۇرۇشتا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغۇچىلارنى باستۇرۇشىغا خاتىمە بېرىشتە زۆرۈر بولغان دىپلوماتىك، مالىيە ۋە سىياسىي سېلىنمىنى ئايىماسلىقى كېرەك. بولمىسا، دەپسەندىچىلىك تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.»

يىغىندا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىشنامورتى، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشىدا ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىنىمۇ نىشان قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇنغا يۇرتىدىكى ئاكىسى ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭغا شاھىتلىقتىن يېنىۋېلىش ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. كرىشنامورتى مۇنداق دەيدۇ: «مېھرىگۈل تۇرسۇن ئامېرىكىغا قېچىپ كېلىپ خىتاي كومپارتىيەسىنى تەنقىد قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال. لېكىن ھازىر خىتاي كومپارتىيەسى ئۇنىڭ خىتايدىكى ئائىلىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا بېسىم قىلماقتا. ئۆزۈڭلارنى ئۇنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ ئۇنىڭغا مەجبۇرىي ئەۋەتكەن سۆزىنى ئاڭلاپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ سۆزىدە ‹سەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى توغرىلىق سۆزلىگەن بارلىق سۆزلىرىڭنى ئىنكار قىل، بولمىسا نەگە يوشۇرۇنساڭ يوشۇرۇن خىتاي سېنى تاپىدۇ› دېيىلگەن. ئەپسۇسكى، مېھرىگۈل تۇرسۇن بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان يالغۇز كىشى ئەمەس.»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ چەتئەللەرگە قارىتا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە بولغانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنى «ھېچقانداق ئاساسى يوق» دەپ ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلسىمۇ، ئامما ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ يىل 4-ئايدا نيۇ-يورك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىككى خىتاينى قولغا ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ كىشىلەرنى نيۇ-يوركتىكى «خىتاي شەھەرچىسى» نىڭ ئەتراپىدا خىتاينىڭ «مەخپىي ساقچى پونكىتى قۇرۇپ، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ئامېرىكادىكى خىتاي ئۆكتىچىلىرىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.