خىتايدا قايتا يامرىغان نەپەس يوللىرى ۋە ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەندىشە قوزغىدى
2023.12.03
2023-يىل 11-ئاي كىرىشى بىلەن خىتايدىكى بالىلار ۋە ياشانغانلار ئارىسىدا تارقالغان يۇقۇملۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئۆلكىلىرىدە شىددەت بىلەن تارقىلىشى خىتاي ۋە خەلقئارادا يەنە بىر قېتىملىق يۇقۇم تەھدىتى پەيدا قىلغانلىقى نۆۋەتتە تاراتقۇلاردا مۇھىم تېما بولماقتا.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي تەلىپى بىلەن خىتاي سەھىيە تەشكىلاتى 23-، 24-نويابىر كۈنلىرى بايانات بېرىپ، نۆۋەتتە تارقىلىۋاتقان ئۆپكە ياللۇغى ۋە نەپەس يوللىرى يۇقۇمىنىڭ كوۋىد يۇقۇمى يامرىغان چاغدىكىدەك شىددەتلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما يۇقۇمنىڭ مەنبەسى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن بايانات بېرىپ، بۇ قېتىم خىتايدا تارقالغان نەپەس يوللىرى يۇقۇمىنىڭ، 2023-يىلى 10-ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ شىمالىدىكى بېيجىڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردىكى بالىلار ۋە ياشانغانلار ئارىسىدا تارقالغاندىن كېيىن، تېزلىكتە يامرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا يەنە بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ، بۇرۇن، گال، ئۆپكە قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئامېرىكىدىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ مەنبەسى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ھازىرچە بۇ قېتىمقى يۇقۇم ھەققىدە ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىش قىيىن ئىكەن. ئەمما تېببىي مۇتەخەسسىسلەر يۇقۇمنىڭ قايتا يامراش سەۋەبىنى ئالدىنقى 3 يىللىق يۇقۇم مەزگىلىدە، خىتايدا يولغا قويۇلغان قاتتىق قامال تەدبىرى بوشىتىلغاندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز كىشىلەر ئارىسىدا يۇقۇمنىڭ ئەۋج ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.
خىتاينىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىغا ئوخشاش ھۆكۈمەت ئورگانلىرى يۇقۇمنىڭ مەنبەسى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىشنى كېچىكتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاراتقۇلىرىدا يۇقۇم ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكىدىن تارقالغانلىقىنى ئىما قىلىدىغان خەۋەرلەر ئوتتۇرىغا چىققان.
30-نويابىر كۈنى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جېنىۋىر زېڭ تەرىپىدىن X كە يەنى تىۋىتتېرغا يوللانغان بىر ئۇچۇردا، خىتايدىكى مەنبەسى ئېنىق بولمىغان سىنلىق تاراتقۇلاردا كېسەل ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكىدىن ئەۋەتىلگەن تېز يوللانما ئارقىلىق كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. سىنلىق خەۋەردە ئامېرىكىنى ئەيىبلىگەن ئەر دىكتور «ئامېرىكا بىزگە يەنە بىر قېتىم ۋىرۇس يوللىدى» دېگەندەك ھۇجۇم خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.
تېببىي پەنلەر دوكتورى مەمەت ئىمىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، 2019-يىل ئاخىرى باشلانغان ئۈچ يىللىق كوۋىد ۋاباسى مەزگىلىدىمۇ، يۇقۇمنى ئامېرىكىدىن كەلدى دېگەندەك يالغان ئۇچۇرلارنى كۆپلەپ تارقاتقان بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن، دۆلەت ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ نىشانىنى بۇراش ۋە خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان، قىلچىمۇ ئىلمىي ئاساسى بولمىغان سىياسىي مەقسەتتىكى تەشۋىقات تاكتىكىسى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتايدا يېڭىدىن تارقىلىۋاتقان نەپەس يوللىرى ۋە ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى، ئەڭ دەسلەپ تەدبىر ئېلىشنى يولغا قويغان رايون ئىكەن. «تەيبېي ئاگېنتلىقى» نىڭ 27-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن سەھىيە مىنىستىرلىقى 27-نويابىر بايانات بېرىپ، خىتايدا نۆۋەتتە تارقىلىۋاتقان نەپەس يوللىرى يۇقۇمىنىڭ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولغان بالىلار ۋە ياشانغانلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان يەتتە خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدە يۇقۇمنىڭ ئەۋجىگە چىقىش خەۋپى بولغانلىقى ئۈچۈن، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي تەدبىر ئېلىشىنى تەكىتلەپ، خىتاي قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان ھاۋا قاتناش ئالاقىسىنى جىددىي توختىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق يۇقۇم، خىتايدا 2020-يىلدىن باشلاپ داۋام قىلغان «كوۋىد يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» قامالى بۇ يىل 1-ئايدا بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، يۈز بەرگەن يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك يۇقۇملىنىش ھادىسىسى ئىكەن. نۆۋەتتە بۇ قېتىم خىتايدا تارقالغان يۇقۇمنىڭ دۇنياۋى خاراكتېرلىك يۇقۇمغا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى خەلقئارالىق ئەندىشىنى كۈچەيتمەكتىكەن.
ئۈچ يىل ئىلگىرى خىتايدىن تارقىلىپ پۈتۈن دۇنياغا يامرىغان كوۋىد يۇقۇمى ۋاباسىدا، دۇنيا بويىچە 25 مىليونغا يېقىن ئىنساننىڭ ئۆلگەنلىكى تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنغانىدى.
بەزى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا تارقىلىۋاتقان نەپەس يوللىرى ۋە ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى باشقا دۆلەتلەردىمۇ كۆرۈلمەكتىكەن. ئامېرىكىدىمۇ بۇ يىل قىش پەسلى كىرىشى بىلەن كوۋىد يۇقۇمىنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىدە يۇقۇملانغۇچىلار كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە بەزى يۇقۇمدارلارنىڭ ئەھۋالى خىتايدا تارقالغان نەپەس يوللىرى ۋە ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئوخشايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئامېرىكىىڭ بوستۇن شەھىرىدىكى ماساچۇستېت تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور مايسەم مۇتەللىپ خانىم، ئىلگىرىكى كوۋىد ۋاباسىغا قارشى ۋاكسىنا تەتقىقاتىدا بولغان ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ بىرى. مايسەم خانىمنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا تارقىلىۋاتقان نەپەس يوللىرى ۋە ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما تېببىي مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ھاۋا بۇلغىنىشىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن. مايسەم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر تېببىي ئالىملار بۇ قېتىمقى يۇقۇم بىمارلىرىنىڭ ئۆرنىكىگە ئېرىشسە، يۇقۇمنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ۋە خاراكتېرىنى تېزلىكتە بېكىتىپ چىقالايدىكەن.
مايسەم خانىم يەنە نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى چوقۇم يۇقۇمنىڭ مەنبەسى ۋە خاراكتېرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئىلگىرى تارقالغان كوۋىد يۇقۇمىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولسا، ئۇنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك دورا ۋە ۋاكسىنىلارنى ئىشلەپچىقىرىش تامامەن مۇمكىن ئىكەن. ئەمما بۇ يۇقۇمنى تېخى بايقالمىغان يېڭى بىر ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك يۇقۇم ئاپىتىگە ئايلانسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭغا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەش ئۈچۈن يەنە بىر يىلغا قەدەر ۋاقىت كېتىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.