يېڭى يىلنىڭ مۇقەددىمىسىدە خىتايغا ئائىت «شۇم خەۋەرلەر» كۆپەيمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2023.01.30
يېڭى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» قانداق بولىدۇ؟ ئامېرىكا خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ 18-مارت ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا شتاتىدىكى ئانكورىج شەھىرىدە باشلانغان سۆھبەت كۆرۈنۈشى_كىرىشتۈرگەن سۈرەت
RFA/Sintash

ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتقان «شۇم خەۋەرلەر» خىتاينىڭ يېڭى يىلىنىڭ خەيىرسىز باشلانغانلىقىدىن بىشارەتلەر بەرمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر دۇنيادىكى شۇقەدەر كۆپ ئەيىبلەشلەرگە قارىماي، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈلمىسىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىدە قاچان، قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ روياپقا چىقىدىغانلىقىنىڭ يەنىلا مەۋھۇم ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان بىر چاغدا، دۇنيادا قۇتۇپلار شەكىللىنىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېغىر زۇلۇم سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقان خىتايغا مۇناسىۋەتلىك زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلمەكتىكەن. دۇنيا ئەللىرى خىتاي سىياسىتىنى يېڭىلاپ، خىتايغا بولغان تايىنىشنى ئازلىتىشقا، خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تەسىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئىنتىلمەكتىكەن.

بۇنىڭ كونكىرېت مىساللىرىنى گېرمانىيە ۋە فرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇشۇ 2-3 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلغان خەۋەر ھەم ماقالىلىرىدىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كۆرىۋېلىش مۇمكىن. بۇ خەۋەر ھەم ماقالىلەر خىتاينىڭ 2023-يىلىنىڭ تولىمۇ خەيىرسىز «شۇم خەۋەرلەر» بىلەن باشلانغانلىقىنى دەلىللىمەكتە.

گېرمانىيەنىڭ «NTV» تېلېۋىزىيە قانىلى 28-يانۋار ئېلان قىلغان «خىتاينىڭ گۈللىنىشى ئۆتمۈشكە ئايلاندى» ناملىق ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، مۇستەبىت تۈزۈم ۋە ۋىرۇس ۋاباسى خىتاي ئىقتىسادىغا ئەسلىگە كەلگۈسىز دەرىجىدە ئەجەللىك زەربىلەر بەرگەن. 2023-يىلىدىن باشلاپ خىتاينىڭ يىللىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ يۈكسىلىشى 2-3 پىرسەنتتىن ھالقىيالمايدىكەن ۋە خىتاي تەدرىجى ھالدا بۇنىڭغا كۆنۈشكە مەجبۇر قالىدىكەن. نەتىجىدە، بارغانسېرى زور كۆلەمدە ئىشسىزلىق، نامراتلىق ئەۋج ئېلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئىچكىي قىسىمدا ئېغىر تەھدىتلەرنى باشتىن كۆچۈرىدىكەن.

خاتا ئىقتىسادىي سىياسىتى ۋە «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى سەۋەبىدىن شى جىنپىڭنىڭ ئوبرازىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللەردە زور دەرىجىدە خۇنۈكلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتىخەسسىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، يېقىندىن بۇيان شى جىنپىڭ خىتايدىكى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى تەڭشەشكە باشلىغان. ئەگەر ئۇ يېقىندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى بلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىش يولىنى تۇتسا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتىكى ئورنى تۆۋەنلەيدىكەن. ئەكسىچە شى جىنپىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا زوراۋانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنىلا خەلقئارا كۈنتەرتىپتە تۇرىدىكەن.

بىراق، خىتايغا قارىتا تاشقىي جەھەتتىكى بېسىملار تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقان بولۇپ «گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 30-يانۋاردىكى «يېڭىدىن سايلانغان چېخىيە پرىزدېنتى، سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشمەكچى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، 29-يانۋار سايلامدا غەلىبە قىلغان چېخىيەنىڭ يېڭى پىرىزدېنتى پېتر پاۋېل مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ئۇكرائىنا پرىزدېنتى زېلىنىسكىي بىلەن سۆزلەشكەن ۋە بۈگۈن 30-يانۋار كۈنى تەيۋەن پرىزدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشۈپ، چېخىيەنىڭ يېڭى خىتاي سىياسىتىنى نامايەن قىلىدىكەن. بۇ ھال چېخىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدىنلا نورمال بولمىغان مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىۋېتىدىكەن. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان چېخىيەنىڭ ھەربىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بۇ يېڭى پرىزدېنتى قىممەت قاراشلىرى ئوخشاش بولغان دۆلەتلەر بىلەن ئىش بىرلىكى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان شەخس ئىكەن.

«فرانسىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 29-يانۋار ئېلان قىلغان «ناتو (NATO) نىڭ باش سېكرىتارى، جەنۇبىي كورىيەنى زىيارەت قىلىپ، ناتونىڭ جەنۇبىي كورىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ناتونىڭ باش سېكرىتارى ستولتېنبېرگ كورىيە ۋە ياپونىيەنى زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەھدىتى ھەم تەسىر كۈچىنى تازىلاش يولىدا ھەمكارلىقلار ئورنىتىش خىزمىتىنى باشلىغان. بۇ سەپەر خىتاي ئۈچۈن ئېغىر زەربە پەيدا قىلىدىغان بىر سەپەر بولىدىكەن.

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 30-يانۋاردىكى «ئامېرىكا، ياپونىيە، گوللاندىيە ئۆزارا ھەمكارلىشىپ، خىتايغا ئۆزەك ئېكىسپورت قىلىشنى بىرلىكتە چەكلەش كېلىشىمى تۈزدى» ناملىق خەۋەرگە قارىغاندا، مىكرو ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشتا ئالدىنقى قاتاردا كېتىۋاتان بۇ 3 دۆلەت، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلىرىنى ھەربىي ئەسلىھەلەر ياساشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشلىتىۋاتقان خىتاينىڭ ئۆزەك يولىنى كېسىپ تاشلاش قارارىغا كەلگەن. ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ خىتاينى مىكرو ئۆزەك بىلەن تەمىنلىشىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 30-يانۋاردىكى «فىجى، بېيجىڭ بىلەن بولغان ساقچى ھەمكارلىقىغا خاتىمە بەردى، مۇتەخەسسىسلەر بۇنى ‹خىتاينىڭ قارا نىيىتىگە بېرىلگەن زەربە› دەپ ئاتىدى» ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، چوڭ-كىچىك 300 دىن ئارتۇق ئارالدىن تەركىب تاپقان ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى فىجىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرىزدېنتى سىتىۋېنى رابۇكا خىتاي بىلەن بولغان ساقچى ھەمكارلىقىنى ئۈزۈپ، ئاۋىسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەگە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن.

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ 29-يانۋاردىكى «خەيىر-خوش خىتاي، مەرباھا تۈركىيە: ئۇگاندا خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇردى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ئۇگاندا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرى بىلەن 2015-يىلى ئىمزالىغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا ئائىت كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇ ساھەدە تۈركىيە بىلەن توختام تۈزگەن ۋە ئىش باشلىغان. تۈركىيەنىڭ 1500 شىركىتى خىتاينىڭ قەرز توزىقىغا ئىلىنىپ قېلىپ بۇرنىغا يېگەن ئافرىقا ئەللىرىگە يېڭىدىن مەبلەغ سېلىشقا باشلىغان، ئۇلار ئافرىقادىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە ئۆتكەن.

يوقۇرىقى ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى 2023-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بىرقانچە كۈندە يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يېڭى يىلى يېتەرلىك دەرىجىدىكى «شۇم خەۋەرلەر» بىلەن تولغان. گېرمانىيەدىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن غەيۇر قۇرباننىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىقتىسادىي مەنپىئەت سەۋەبلىك خىتاي بىلەن ھەمكارلىقلار ئورناتقان نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر، ئەسلىدە مەدەنىيەت ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن خىتاي بىلەن ھېچقانداق ئورتاغلىقى بولمىغان دۆلەتلەر بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى سەۋەبلىك ئوبرازىنىڭ سۇنۇشى بىلەن خىتايدىن ئاستا-ئاستا ئۆزلىرىنى تارتىشقا باشلىماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.