خىتاينىڭ «شىنجاڭ گۈللىرىنىڭ تويلۇقى ئەرزان» ئېلانلىرىنى ھۆكۈمەت قوللىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2025.01.17
xitay-toy-qilish-xitaylashturush-nikah-uyghur-1920 يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان، خىتاينىڭ «دوۋيىن» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا تېگىشىدە مىللەت پەرقىنىڭ ھېچبىر توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋىدىيولار كەڭ تارقالماقتا.
Photo: RFA

ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا داۋاملىشىۋاتقان، ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت، ھۆكۈمەت قوللىغان «نىكاھ» مەسىلىسى، خەلقئارادىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە كۈچلۈك تەنقىدىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2022-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تويلاشتۇرۇلۇشى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللەتلەر ئارا تويلاشتۇرۇش سىياسىتى» ناملىق دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توپلاشتۇرۇش سىياسىتىنى «خىتاينىڭ دۆلەت سىياسىتى سۈپىتىدە سىستېمىلىق ئىجرا قىلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈۋېتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تاكتىكا»، دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

خىتاي ئەرلەرنى جەلپ قىلىش ئېلانى: «ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تويلۇقى ئەرزان»

خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسەت، تەشۋىقات ۋە ھەر جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن تويلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھەر خىل شەكىل ھەر خىل ئىسىملاردا يېزا-كەنتلەرگىچە، مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلۇۋاتقان ئاتالمىش لايىق تونۇشتۇرۇش شىركەتلىرى، نۆۋەتتە ئاشكارا ھالدا، ئۇيغۇر قىزلىرىنى «چىرايلىق» دەپ بازارغا سېلىشتىن ئېشىپ، ئۇلارنى «تويلۇقى ئەرزان»، «ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بىر خوتۇن ئالغان تويلۇققا، ئۇيغۇر قىزىدىن ئىككىنى ئالغىلى بولىدۇ»، «ئۇيغۇر قىزلىرى خىتاي ئەرلىرىنىڭ كۆيۈمچانلىقىغا ئامراق» دېگەندەك بولمىغۇر سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ ئېلان بېرىدىغان ھالغا يەتكەن.

بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي بېسىم، ئېغىر تويلۇق، جىنسى تەڭپۇڭسىزلىق قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن بويتاق قېلىۋاتقان مىليونلارچە خىتاي ئەرلىرى ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت يارىتىلماقتىكەن.

«ئېلان: ئۇيغۇر گۈلىگە ئۆيلەنمەكچى بولسىڭىز نەرقى 30 مىڭ يۈەن، 10-20 كۈندە ئىشىڭىز پۈتىدۇ»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ئەندىشىلىك غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان شۇنداق بىر ئېلاننى مىسال ئېلىش مۇمكىن. يەنى «شىنجاڭ سۈي يۈەن لايىق تونۇشتۇرۇش شىركىتى» يېقىندا ئۆزىنىڭ دوۋيىن ۋە ئۈندىدار سۇپىسىدا ھەتتا مۇنداق بىر ئېلان تارقاتقان. ئۇنىڭدا «‹ئۇيغۇر گۈلى› گە ئۆيلىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان خىتاي ئەرلەر 30 مىڭ يۈەن پۇل قويسىلا، شىركىتىمىز ئۇنىڭ يول ۋە ياتاق چىقىملىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، رازى بولغۇدەك قىزنى تونۇشتۇرۇپ 10 كۈندىن 20 كۈن ئىچىدىلا، توي خېتى بېجىرىپ بېرىمىز» دېيىلگەن.

ئۇلارنىڭ 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىمىز دېگەن ئېلانلىرىغا ئاساسەن، خوتەننىڭ ۋاقتى بويىچە يېرىم كېچە 12 بولۇپ قالغىنىغا قارىماي تېلېفون ئۇرۇپ سىناپ كۆردۇق.

 دەرۋەقە تېلېفوننى بىر ئۇيغۇر ئايال ئالدى، ئەمما ئارقىدىنلا ئۇنىڭ سۆزىنى بىر خىتاي تارتىۋالدى-دە، ئۈندىدار بىلەن ئالاقىلىشىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ تېلېفونىمىزنىڭ چەت ئەلدىن ئۇلانغانلىقىنى بايقىدى بولغاي، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمەيلا ئۇيغۇر ئايالنى: «بۇنىڭ قەستەن شىركىتىمىزنىڭ تېگىنى ئىگىلەۋاتقانلىقىنى پەرق ئەتتمىدىڭمۇ؟…» دەپ ئەيىبلىدى. ئارقىدىن ئۇ يەنە تۇرۇپكىنى قولغا ئالدىدە-: «سېنىڭ بۇ سوئاللىرىڭغا ساراڭ بولۇپ قالغان ئادەملا جاۋاب بېرىدۇ!…» دېگىنىچە تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى. بۇ تېلېفون نومۇرى قايتا ئۇلانمىدى.

خىتايلارغا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت قىزلىرىدىن لايىق ئىزدەشنى تىجارەت كەسپى قىلىۋالغان شىركەتلەرنىڭ ئاساسەن، ھۆكۈمەت قوللىشى بىلەن خىتايلارغا تېگىپ ئائىلە قۇرغان ئۇيغۇر ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ئەرلىرى تەرىپىدىن ئېچىلىپ، ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنىپ كەلمەكتە ئىدى. ھازىرقى خىتايغا تېگىش يۇقىرى دولقۇنىدا ئۇلارنىڭ رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىكەن.

«شىنجاڭ سۈي يۈەن لايىق تونۇشتۇرۇش شىركىتى» نىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئاي ئىلگىرىلا يەنى 2024-يىلى 12-ئايدا، خوتەن شەھەر گۈلباغ يولى، يۇڭئەن ئاھالىلەر رايونىدىكى مەلۇم تۇرالغۇ ئۆينىڭ ئادرېسىدا تىزىمگە ئالدۇرۇلغان شەخسى شىركەت ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

 ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن خىتاي ئەرلەر بىلەن تونۇشۇپ 3-5 كۈن ئىچىدىلا تېز سۈرئەتتە توي قىلىۋاتقانلىقىدەك ھەتتا ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ياشاشقىمۇ ماقۇل بولۇۋاتقانلىقىدەك ھەيران قالارلىق ھادىسىلەرگە ئائىت سىنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى قاپلىماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ھالنى ئىرقى قىرغىنچىلىقتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى يۈزلەنگەن يېڭى كىرىزىس ۋە ئەندىشىلىك مەسىلە سۈپىتىدە غۇلغۇلا قىلماقتا.

 بولۇپمۇ، يېقىندىن بۇيان ئاتالمىش لايىق تونۇشتۇرۇپ شىركەتلىرىنىڭ، ئۇيغۇر قىزلىرىغا قارىتا مىللىي كەمسىتىش، ھەتتا جىنسىي كەمسىتىش سۆز ئىبارىلىرىنى ئىشلىتىپ ئېلان بېرىشىدەك ئەھۋاللارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يېشىل چىراغ يېقىلىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن جايلارغا قارىتا تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسىنىڭ خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىشخانىسىنىڭ تېلېفونى ئېلىندى.

 تېلېفوننى ئالغان خىتاي ئىسمىنى دېيىشنى خالىمىدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە بېرىۋاتقان «شىنجاڭ گۈلى بىلەن توي قىلىش» ئېلانىدا، «ئۇيغۇر قىزلىرىنى كەمسىتىدىغان، ئۇلارنى سودىغا ئايلاندۇرۇۋاتقاندەك، ئىنسانىي ئەخلاققا سىغمايدىغان ئاشكارا ئېلانلارنى بېرەلىشىدە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بارمۇ يوق؟ بۇ قانۇنغا خىلاپ ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئەمما ئۇ، «نىكاھ ئەركىنلىكى» ھەققىدە خىتاي تەشۋىقات بايانلىرىنى ياغدۇردى:

«ئەلۋەتتە بۇ خىل سىنلارنىڭ كەڭرى تارقىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ، ئېنىق ئېيتالايدىغىنىمىز شۇكى ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن خىتاي ئەرلەرنىڭ ئۆز ئارا توي قىلىشىدا ھېچ قانداق مەسىلە يوق، قانۇنغىمۇ، ئىنسانىي ئەخلاققىمۇ خىلاپ ئەمەس. دۆلەت تەرەپتىن ئېيتقاندا قىزغىن قوللايدۇ، بۇ دېگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەزىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئەھۋال تۇرسا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىساد ئائىلىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ يېشىلىشىدە ھالقىلىق رول ئوينايدىغان بولغاچقا، ئىقتىساد تەرەپتىن قانچە زور كاپالەت بېرەلىسە ئەلۋەتتە توي ئىشلىرىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟!»

ئۇنىڭدىن يەنە: «بۇ خىل خىتاي ئەرگە توي قىلىدىغان ئۇيغۇر قىزلىرى نېمىشقا يېقىنقى يىللاردا پەۋقۇلئاددە كۆپەيدى؟ ئۇلارنىڭ ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كۆچۈپ بېرىپ ياشاشقا رازى بولۇشىغا نېمە تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ؟ » دەپ سورىدۇق.

ئۇ، پۇختا تەييارلىقى بار تەشۋىقات خادىمىدەك راۋان سۆزلەپ مۇنداق دېدى:

«ئاز سانلىق مىللەتنىڭ ئورتاق تىلى مائارىپى زور دەرىجىدە ئومۇملاشتى، ئېلىۋاتقان بىلىم دائىرىسى ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ سەۋىيەسىدىن قېلىشمايدۇ. قاتناشمۇ تەرەققىي قىلىپ ئۆز ئارا بېرىپ كېلىش ئاسانلاشتى. خىتايلار بۇ يەرگە كېلەلىگەندىن كېيىن بۇلارمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كىرەلەيدۇ دېگەندەك، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە جەمئىيەتنىڭمۇ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشى ئاسانلىشىدۇ-، دە» .

خىتاي كادىر: «ئۇلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ياشىغاندا، جەمئىيەت ۋە ئائىلە بېسىمىغا ئۇچراشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ»

ئۇنىڭدىن يەنە: «ھۆكۈمەت قوللايدۇ دېدىڭىز، ئۇنداقتا، بۇ خىل نىكاھ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندا ھۆكۈمەت خىزمىتى قىلىۋاتقانلار بېرىپ ئۇلارغا خىزمەت ئىشلەمسىلەر؟ توسالغۇلارنى قانداق ھەل قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدۇق.

خىتاي كادىر مۇنداق دېدى: «راستىنى ئېيتسام، بۇ جەھەتتە بىز خېلى ياخشى خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلدۇق. ھەقىقەتەن توسالغۇلارمۇ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بۇنى ياخشىلاش پۇرسىتىمۇ بار ئەمەلىيەتتە. ئادەتتە خىتاي ئائىلىلىرى بالىلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن توي قىلىشىغا قارشى چىقىپ كەتمەيدۇ. پەقەت شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاتا-ئانىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى تەسرەك، ھەقىقەتەن جىق. ئۇلارغا ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر ئائىلە تەرەپتىن بۇنداق توسالغۇغا ياكى دىنىي ئۆرپ-ئادەت، ۋە ياكى باشقا توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ بېرىپ ياشىغاندا، ئائىلە ياكى جەمئىيەتنىڭ بۇنداق بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ قالالايدۇ.»

ئۇ، ئاخىرىدا بىزنىڭ «ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۇيغۇر-خىتاي نىكاھلىشىشىنى مەلۇم سانغا يەتكۈزۈشتەك پىلانى بارمۇ؟ » دەپ سورىشىمىزغىلا، دەرھال سەزگۈرلۈك بىلەن تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى.

بۇ يەنىلا «مەجبۇرىي نىكاھ»!

مۇتەخەسسىسلەر ئىزچىل ھالدا، خىتاي مەيلى قانداق پەردازلىمىسۇن، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە مەيدانغا كېلىۋاتقان بۇ خىل ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرىگە نىكاھلىنىش ھادىسىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ يوقىتىش، پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ھۆكۈمەت قوللىشىدىكى «مەجبۇرىي نىكاھ» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ئۈستىدە ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس، دوكتور دەررېن بايلېر (Darren Byler) ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خىتاي تويلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېقىندىن بۇيان كەڭ تارقالغان ئېلان ۋە تەشۋىقاتلارغا قارىتا مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

«كەڭرى تارقىلىۋاتقان بۇ خىل سىنلار خىتاي ئەرلىرىگە تېگىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىنتايىن تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىر قانچە تەرەپتىن دەپ قارايمەن. بىرى، ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات بار. خىتاي ئەرلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ، ئاجىز ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن توي قىلىشقا ئىلھاملاندۇرماقتا. ئۇلار بۇنى كەلگۈسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى نورماللىققا ئايلاندۇرماقچى. مەن يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەنلەر ئارقىلىق ئىگىلىشىمچە، بۇ خىل نىكاھنى قوبۇل قىلغۇچىلار ئىچىدە، شەھەر مۇھىتىدىكى ئائىلىلەردە ياشىغانلار كۆپرەك بولۇپ، ئۇلار خىتاي تىلىدا تېخىمۇ كۆپ تەربىيە ئالغانلار، يەنە بىرى، ئۇلار خىتاي بىلەن نىكاھلىنىشنى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن قوغدىنىش بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇرلار بۇنى خىتايلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىن ئوخشاشماسلىقنى ھۆرمەتلەش ۋە پۇل قاتارلىق شەكىللەردىكى ۋەدىلىرى ۋە ياكى ھېچ بولمىغاندا جەمئىيەتتىكى «يېڭى نورمال» لىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا قىستالماقتا. يېزىلاردىكى ئائىلىلەرنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشى نىسبەتەن قىيىن، ئۇلارنىڭ خىتاي جەمئىيىتى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشى بىر قەدەر تەسكە توختىسىمۇ، ئەمما ھازىر بۇنداق ئەھۋاللار تېخىمۇ كۆپ يېزىلاردىمۇ پەيدا بولۇشقا باشلىغاندەك قىلىدۇ.»

دوكتور دەررېن بايلېر يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە خىتايلار بىلەن تويلىشىشقا ماقۇل بولماقتىن باشقا تاللىشى يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۇ خىل نىكاھنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ بۇ تويغا قوشۇلۇشتىن باشقا تاللىشى يوق. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى، ئائىلىسى، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىغاندا، پەرزەنتلىرىنىڭ خىتايغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىغا رازى بولۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان ساداقىتىنى كۆرسىتىشكە مەجبۇر. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، گەرچە دۆلەت بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەجبۇرلاش شەكىللىرىدە تاڭمىغان تەقدىردىمۇ، باشقا تاللاش قويمىغان ئەھۋالدا، ئۇ يەنىلا ‹مەجبۇرىي نىكاھ› تىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بۇ نىكاھنى ماقۇل كۆرمىسە، تۈرمىگە كىرىشى ياكى باشقا يامان ئاقىۋەتلەرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. ئۇلار قاتتىق بېسىم ئاستىدا بۇ خىل نىكاھقا ماقۇل بولماي ئامالى يوق. ياش ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ بولسا تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش تەس ئەمەس مېنىڭچە.»

بۇنىڭ ئالدىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا مەخسۇس ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ تۇرمۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان لايىق تونۇشتۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن ۋە «دۆلەت سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىدارىسى» ھەمدە «خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى» قاتارلىقلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا مۇلازىمەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

يېقىندا يەنە قەشقەر مەكىتتىكى بىر لايىق تونۇشتۇرۇپ شىركىتىنىڭ خوجايىنى، ئۆزىگە ئوخشاش «ئۇيغۇر خىتاي تويلاشتۇرۇش» شىركەتلىرىنىڭ، 2024-يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىگىچە ئېچىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.