خىتاي «شىنجاڭ پاختىسى» نى بايقۇت قىلغان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە تەھدىت سالغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.09.26
Calvin-Klein-AP نيۇ-يورك مودا كىيىم ھەپتىلىكىدىكى كالۋىن كلېين 2019-يىللىق ئەتىيازلىق مودا كىيىم كۆرگەزمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مودېللار مېڭىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2028-يىلى 11-سېنتەبىر، نيۇ-يورك
AP/Diane Bondareff

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ PVH گۇرۇھى ئىگىدارچىلىقىدىكى كالۋىن كلايىن (Calvin Klein) ۋە تومى خىلفىگېر (Tommy Hilfiger) شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن مال سېتىۋېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلاتقان. مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا رىئايە قىلىپ، شۇ بويىچە ئىش قىلغان شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈپ ئۆچ ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ (The Global Times) 24 سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى PVH ئىگىدارچىلىقىدىكى كالۋىن كلايىن ۋە تومى خىلفىگېرنىڭ شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈش باشلاتقان. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكىنىڭ PVH گۇرۇھى نورمال بازار سودا پىرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلىش، ئالاقىدار خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىگە زىيان سېلىش، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى ھەم تەرەققىيات مەنپەئەتىگە خەتەر يەتكۈزۈش گۇمانى پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ تەدبىرلەر ئېلىندى».

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارغا مۇناسىۋەتلىك نورمال بازار سودا پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى گۇمانى بىلەن ئامېرىكا PVH شىركىتىنى «ئىشەنچسىز شىركەتلەر تىزىملىكى» ئاستىدا تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، PVH گۇرۇھىنىڭ «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى سېتىۋېلىشتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئىشلارنى قىلمىغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى خىتاي سودا مىنىستىرلىقىغا 30 كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

PVH نىڭ تاشقى ئالاقە مۇئاۋىن رەئىسى ئەلىسىن راپپاپورت (Alison Rappaport) خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرىقى باياناتىغا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: «شىركەت سىياسىتىگە ئاساسەن، بىز تىجارەت قىلىۋاتقان بارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى بارلىق قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىۋاتىمىز. بىز خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىمىز».

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور (Anders Corr) خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازاسىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا رىئايە قىلىۋاتقان شىركەتلەرگە جازا يۈرگۈزۈپ ئۆچ ئالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق قىلىش خىتايغىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ پايدىسىز. ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا يۈرگۈزگەن جازاسى دېموكراتىيە ئۈچۈن پايدىلىق. كالۋىن كلايىنغا ئوخشاش بىر شىركەت ماللىرىنى ئاساسەن خىتايدا ئىشلەپچىقارسىمۇ، خېرىدارلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە بار. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى چەت ئەل شىركەتلىرىنى خىتايغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىشتىن ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. خىتاينىڭ خالىغانچە ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ياۋروپانىڭ قىممەت قارىشىغا زىت. خىتاي دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ ۋە پۈتۈن دۈنياغا بۇ سىگنالنى بېرىۋاتىدۇ. كالۋىن كلايىن شىركىتىنىڭ مەركىزى نيۇ-يوركتا. كالۋىن كلايىندىن بىزنىڭ (ئامېرىكىنىڭ) قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلماي خىتاينىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) خىتاي سودا مىنىستىرلىقنىڭ PVH شىركىتىگە باشلىغان تەكشۈرۈشىنى خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭ رايونىغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي جازاسىغا قارشى ئېلىنغان تەدبىر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەبىھ سىياسەتلىرىنى قوغداش ھەم ئاقلاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە بۇ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرگە، شىنجاڭدا تىجارىتى بار شىركەتلەرگە يۈرگۈزۈلگەن جازا ۋە باشقا چەكلىمىلەرگە بوي سۇنماسلىق توغرىسىدا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال. ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ سىياسەتلىرىنى قوغداش ۋە ئاقلاش، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بازار كۈچىگە تولغان مەبلەغ سېلىش ۋە ئوچۇق سودا رايونى ئىكەنلىكنى نامايان قىلىش. بۇ ناھايىتى كۈلكىلىك ئەھۋال. بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت چوڭ شىركەتلەرنىڭ بۇ رايوندا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە باشلىغانىدى. تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر ئېلىدە پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغانلىقىغا ئائىت كۆپلىگەن پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتايدا چىقىدىغان پاختىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2021-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق دەپ ئېنىقلانغان مەھسۇلاتلارنى قارا تىزىملىككە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىپ بازارغا سېلىنىشىنى توسقان ئىدى. ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 16-مايدىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاينىڭ پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 26 شىركىتى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ خىتايغا بەرگەن جازاسىغا ئەمەل قىلىپ، شىنجاڭدىن كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىسە، ئۇلارنىڭ خىتايدىكى تىجارىتى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر سىز خىتايدا تىجارەت قىلماقچى بولسىڭىز، باشقا جايلارنىڭ قائىدىسىگە ئەمەس، خىتاينىڭ قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ خىل ئەھۋال تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ يوچۇقلارغا يول ئاچىدۇ. ئەلۋەتتە، سودا توغرىسىدىكى بەزى ئەخلاقى مەسىلىلەردە مۇرەسسە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر خىتايدا تىجارەت قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە بىر قارارغا كېلىشى كېرەك».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.