خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا سودا ئۇرۇشى باشلانسا، بۇ ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2024.04.18
yawropa-ittipaqi-xitay-bayraq-hojjet-AP 2015-يىلى 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىكى دىياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروپا يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىساد ۋە سودا سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، ۋەكىللەر ھۆججەت ئالماشتۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 28-سېنتەبىر، بېيجىڭ
AP

«فىرانسىيە ئاۋازى رادىيوسى» 17-ئاپرېل ئېلان قىلغان «ئاگاھلاندۇرۇش: خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك سودا ئۇرۇشى خەۋپى مەۋجۇت» ناملىق خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇبادا خىتاي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى دەرھال بىر ئارىغا كېلىپ زىددىيەتلەرنى ھەل قىلمىسا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك سودا ئۇرۇشى باشلىنىپ كېتىدىكەن. بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق ئوت پىلتىسى، خىتاينىڭ پاكىز ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا بازارلىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىشىدىن ئىبارەت ئىكەن. ئوخشاش مەسىلە نۆۋەتتە ئامېرىكادىمۇ يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا يۇقىرى تاموژنا بېجى قويۇش ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تولۇقلىما مەبلىغى بىلەن تۆكمە قىلىنىپ سېتىلىۋاتقان خىتاي ماللىرىنى چەكلەش، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدىكەن

مەلۇم بولغىنىدەك، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن ئېتىبارەن خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ياۋروپا بازارلىرىغا تۆكمە قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا، خىتاينىڭ كۈنتاختىلىرى ياۋروپا بازارلىرىنى قاپلاپ بولغانىدى. ئېغىر دەرىجىدىكى باراۋەرسىز رىقابەت پەيدا قىلغان بۇ ۋەزىيەت ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن چوڭ باش ئاغرىقىغا ئايلانغانىدى. مىسال ئۈچۈن: گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتى بولغان ۋولكىسۋاگېن ئىشلەپچىقارغان توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ بازاردىكى باھاسى 39990 ياۋرو بولغان بولسا، ئوخشاش سۈپەتتىكى خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىلىنىڭ باھاسى 29999 ياۋرو ئىدى. ئوتتۇرىدىكى 10000 ياۋرو پەرق گېرمانىيە ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىستىقبالىغا ئېغىر خىرىس پەيدا قىلغانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆز ۋاقتىدا خىتاينىڭ بۇ مەھسۇلاتلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ قان-تەرى سىڭگەنلىكى سەۋەبلىك ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئەرزان تاۋارلىرىنىڭ ياۋروپا ئىقتىسادىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر زىيانلىرى سەۋەبىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە بېرىۋاتقان تولۇقلىما ياردەملىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئادالەتسىز سودا رىقابىتىگە خاتىمە بېرىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قارارنى دەرھال ئىجرا قىلالمىغانىدى.

4-ئاينىڭ 15-كۈنىگە كەلگەندە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ تەكشۈرۈشنىڭ يالغۇز خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى، بۇنىڭغا يەنە خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى ۋە شامال كۈچى تۇرۇبىنىسىنىڭمۇ قوشۇلۇپ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئايان بولدى. بۇ تەكشۈرۈشكە خىتاي ھاكىمىيىتى ئىزچىل ھالدا قاتتىق قارشى تۇرۇپ كەلگەنىدى. گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولىزنىڭ خىتاي زىيارىتى دەل مۇشۇ مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى بىر مۇقەررەرلىككە ئايلىنىپ قالغان بولسا كېرەك.

ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا راستتىنلا سودا ئۇرۇشى باشلانسا، بۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرى بولۇشى مۇمكىن؟

تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى تار ياكى كەڭ دائىرىدە بولۇپ، ئىككى شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر بۇ سودا ئۇرۇشى باشلانسا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ پايدىلىق بىر ئىمكانىيەتلەر بارلىققا كېلىدىكەن.

«فىرانسىيە ئاۋازى رادىيوسى» نىڭ مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك «ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھۆكۈمەت تولۇقلىمىسىغا قارشى تەكشۈرۈشنى باشلىدى» ناملىق يەنە بىر خەۋىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان سودا ئۇرۇشىغا دائىر مەلۇماتلارغا تېخىمۇ كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. خەۋەردە «خەلقئارادا مۇھىتنى قوغداش تەشەببۇسى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ھەم ئەرزان، ھەم پاكىز ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىغا غەرب ئەللىرى نېمە ئۈچۈن قارشى چىقىدۇ؟ » دېگەن بىر سوئال ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ سوئالغا ياۋروپا ئاقىللار ئامبىرى ۋە ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى گىئو-ئىقتىساد تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ئاگات دېمارىي (Agathe demarais) ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ رىقابەت ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مارگارېت ۋېستاگېر (Margaret Vestager) نىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىپ جاۋاب بەرگەن. ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاز دېگەندە تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

بىرى، ھازىر دۇنيادىكى توكلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ باتارېيەسىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى، قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسىنىڭ 80 پىرسەنتى، شامال كۈچى ئېنېرگىيەسىنىڭ 40 پىرسەنتىنى ئىشلەپچىقىرىش خىتاينىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئوخشاش ساھەدىكى قۇرۇلۇشلىرى تەھدىت ئاستىدا قالغان. ئەگەر ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئەرزان باھادىكى بۇ پاكىز ئېنېرگىيەسىگە تايىنىشنى داۋاملاشتۇرسا، خىتايغا بولغان باغلىنىشى تېخىمۇ كۈچىيىپ، خىتايسىز ئۆرە تۇرالمايدىغان ۋەزىيەت كېلىپ چىقىدىكەن.

ئىككىنچىسى، خىتاي دۆلىتىنىڭ تولۇقلىما مەبلىغى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان پاكىز ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى ئېھتىياجدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەرزان مەھسۇلاتلار ياۋروپانىڭ ئۆزىدە ئىشلىنىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ بازىرىنى ئۆلتۈرمەكتىكەن. بۇنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ياۋروپا سانائىتىنى خاراب قىلىش، خىتايغا بولغان بېقىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش، ياۋروپالىقلار خىتاينىڭ سىزغان سىزىقىدا مېڭىشقا مەجبۇر قېلىشتىن ئىبارەت زور خەتەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئۈچىنچىسى، خىتاينىڭ پاكىز ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىش خەۋپى زور ئىكەن. يەنى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا، مەسىلەن خىتايدا ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللارغا كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلايدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئورنىتىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. كىشىلىك ئەركىنلىكنى قوغداشقا بارغانسېرى كۆپ ئېنېرگىيە سەرپ قىلىۋاتقان ياۋروپا ئۈچۈن بۇ چوڭ خەتەر ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە ياۋروپا مىقياسىدا بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلار داۋام قىلماقتىكەن.

نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇرۇشنى «سودا ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغاندىن، «ئەخلاق ئۇرۇشى» دەپ ئاتىغان مۇۋاپىق ئىكەن. چۈنكى، خىتاينىڭ پاكىز ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى ئەمەلىيەتتە ئىنسانىي ئەخلاققا ياتمايدىغان قۇل ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.