خىتاينىڭ رەقەملىك يۇقىرى تېخنىكىلىق سەپلىمىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىكى يوشۇرۇن رولى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.03.01
qurban-niyaz-xitay-tili-mektep-1.jpg ئۇيغۇر دىيارىدا تۇنجىلاردىن بولۇپ «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش مەكتىپى ئاچقان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىلىق قۇربان نىياز.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسىدا چىراي تونۇش تېخنىكىسىغا ئوخشاش بىر يۈرۈش يۇمتال (يۇمشاق دېتال) لىرى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقانىدى. ۋاھالەنكى، نۆۋەتتە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئېرىتىپ تۈگىتىش ھەرىكىتىدىمۇ رەقەملىك يۇقىرى تېخنىكا يۇمتاللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم يېزىسىدىكى «دۆلەت تىلى مەكتىپى» نىڭ مۇدىرى قۇربان نىياز يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشتا ئاكتىپلىق بىلەن ئۈلگە يارىتىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. يېقىندا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت-ياقا رايونلىرىدىكى يېزا-قىشلاقلىرىغىچە رەقەملىك خىتاي تىلى ئۆگىنىش يۇمتالىنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەمدە شۇ ئارقىلىق خىتاي تىلىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى يەنە بىر قېتىم خىتاي ئاخباراتىدىن كەڭ يەر ئېلىشقا باشلىدى. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 26-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رەقەملىك خىتاي تىلى ئۆگىنىش يۇمتالى 2023-يىلى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ كومپيۇتېر، پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى بىلەن قۇربان نىيازنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ۋۇجۇدقا چىققان. جۈملىدىن ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆگىنىش يۇمتالى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھازىرغىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى 870 مىڭغا يېقىن دېھقان ۋە چارۋىچى ئۇنى قوللىنىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىلىق قۇربان نىياز ئاچقان «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىلىق قۇربان نىياز ئاچقان «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى.
Social Media

شىۋېيتسارىيە دۆلەتلىك تېلېكوم شىركىتىنىڭ بۇلۇت تېخنىكا مەسلىھەتچىسى ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىتنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆگىنىش يۇمتالى كۆرۈنۈشتە خىتاي تىلى ئۆگىنىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ماھىيەتتە مەزكۇر يۇمتال يەنە ئۇنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خىتاي تىلى ئۆگىنىش رايىنى سىناش ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنىمۇ ھازىرلىغان بولۇشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يېقىن. ئۇ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ھالبۇكى مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قۇربان نىياز رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ خىتاي تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگەنگەندە، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ كەلگۈسى ھايات-ئىستىقبالىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى، تۈركولوگىيە پەنلىرى دوكتورى مەغپىرەت كامال رادىيومىز ئارقىلىق بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارغا خاس تىل-يېزىق، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە مائارىپ ساھەسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ۋە چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكى تەنقىد قىلىنىۋاتقان پەيتتە، قۇربان نىيازدەك قىرغىنچىلىققا يانتاياق بولغۇچىلارنىڭ مەيدانغا چىقىۋاتقانلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئىشلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىلىق قۇربان نىياز ئاچقان «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىلىق قۇربان نىياز ئاچقان «دۆلەت تىلى» نامىدىكى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى.
Social Media

شۈبھىسىزكى، خىتاي ھاكىمىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق ئېڭىنى بەرپا قىلىش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتەك قەبىھ نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئادەم كۈچىدىن باشقا يەنە رەقەملىك تېخنىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانىدى. ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىب ۋە نازارەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سۆز ۋە ئىش ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ھەمدە كونترول قىلىشتا، شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئىزچىل تۈردە كۆپ خىل تېخنىكىلىق ۋاسىتە ۋە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلگەن.

ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى رەقەملىك كونتروللۇقنى قوللىنىشى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، بەلكى چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ رەقەملىك تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ نازارەتكە ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنى «يېڭى ئەھۋال ئەمەس» دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئىزچىل تۈردە «ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش» تەك كونا ئۇسۇلنى قوللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەرقاچان قۇربان نىيازدەكلەرنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتەك مەقسەت-نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

شىۋېيتسارىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق يۇمتاللارنى قوللىنىش ۋە ئىشلىتىشتە ئىنتايىن سەگەك بولۇشىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار ھەققىدىكى بەزى تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن ئىنتېرنېت، سۈنئىي ئەقىل ۋە رەقەملىك تېخنىكا ۋاسىتىلەرنى قوللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن قۇربان نىيازدەك خىتاي تەشۋىقاتىدا ئاكتىپ رول ئوينىغۇچى «يان تاياقچى» لاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تۈگىتىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

نۆۋەتتە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «كىشىلەرنىڭ قەلبىنى خىتاي ئېڭىغا مۇجەسسەم قىلىش، يېڭى كىشىلەرنى تەربىيەلەش» دېگەندەك تەشۋىقات-يوليورۇقلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.