خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تۆمۈر يول ۋە تاش يول ياساش لايىھىسى تۈزدى
2006.08.30
28- ئاۋغۇست كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىنىڭ ئاخىرلىشىش كۈنىدە، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول ۋە تاش يول ياساش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقتى.
يىغىندا خىتاي، ئافغانىستان، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، موڭغۇلىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 8 دۆلەت ۋەكىللىرى بېشكەك-تورغات-قەشقەر يولى، دۈشەنبە-تۇرسۇنزادە يولى قاتارلىق 3 چوڭ رايونلۇق تاش يول ياساش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، يىغىندا ۋەكىللەر يەنە، خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول تۈرىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتىنى بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش پىلانىغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار يەنە بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چېگرادىن كىرىش كېلىشىملىرىگە بىر يۈرۈش تۈزىتىشلەرنى كىرگۈزگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى بارغانسېرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر ساھەدىكى ئالاقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. خىتاينىڭ بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى سودا ۋە ترانسپورت ھەمكارلىقلىرىدىن تارتىپ، ئېنېرگىيە ۋە سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىشقىچە كېڭەيگەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قاتناش تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
- يېڭى يىپەك يولى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشى 2008 - يىلى تاماملانماقچى
- ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەگەشمە قاتناش ۋەقەسىنىڭ شوپۇرى گۇاڭدۇڭدا تۇتۇلدى
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنى ئىگىلىمەكتە
- ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى تېررورلۇققا قارشى ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنى مۇزاكىرە قىلماقتا