خىتايدىن «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش» خىتايدىن كېلىدىغان «خەتەردىن ساقلىنىش» قا ئايلىنىپ قالماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز نۇرئىمان تەييارلىدى
2023.05.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Rep-Mike-Gallagher-1.jpg ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا مەزكۇر يىغىنىنىڭ رەئىسى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر (Rep. Gallagher) ئەپەندى سۆز قىلماقتا. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.
Photo: RFA

 يېقىندىن بۇيان دىپلوماتلار، بولۇپمۇ خىتاينىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىگە بولغان كونتروللۇقىنى بوشىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى «خىتايدىن كېلىدىغان خەتەردىن قانداق ساقلىنىش» دېگەن تېمىنى كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ئەسلىدە ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش» ئاساسلىق تېما بولۇپ كەلگەنىدى.

بۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەر قاتناشقان «7 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» دا ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، خىتاي بىلەن بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئەمەس» بەلكى «خەتەردىن ساقلىنىش» قا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايدىن ‹مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش› خىتايدىن كېلىدىغان ‹خەتەردىن ساقلىنىش› قا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. چۈنكى ياۋروپا خىتاي بىلەن قارشىلىشىپ قېلىشنى خالىمىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ‹7 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى› دىمۇ 7 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھېچقايسىسى خىتاينى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتا كەسكىن بىر نەرسە دېمىدى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك ئىقتىسادىي گەۋدىلەرمۇ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەپ قويدى. شى جىنپىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەكتە، بىزنىڭ پرېزىدېنت ۋە باشقا مىنىستىرلارغا يوغانچىلىق قىلىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ بۇ يوغانچىلىقى ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى چۆچۈتتى. ئۇ ئۆزى خالىغانچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، چەكتىن ئېشىۋاتىدۇ. ئاخىرى بىر قالايمىقانچىلىق چىقىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى».

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى چاقىرغان مەخسۇس گۇۋاھلىق يىغىنىدا مەزكۇر يىغىنىنىڭ رەئىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك گاللاگېر (Rep. Gallagher) ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن ئاھالىدە كۆرۈشتى. 2023-يىلى 23-مارت، ۋاشىنگتون.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مۇھىم قارار ۋە قانۇنلارنى ماقۇللىغانىدى.لېكىن، كۆزەتكۈچىلەر ۋە بىر قىسىم سىياسەتچىلەر مەزكۇر قارار ۋە قانۇنلارنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەسكىن ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

 «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى مايك گاللاگېر (Mike Gallagher) يېقىندا «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» غا قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا¬-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە باھا بېرىپ: «خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتتە كىشىلەر پۇل تاپتى، ئەمما گىئو-سىياسەت جەھەتتە ۋەزىيەت ئامېرىكا ئۈچۈن تېخىمۇ ناچارلاشتى» دېگەن.

 «ۋال-سترېت ژۇرنىلى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ئامېرىكادىكى تەتقىقات شىركىتى Rhodium گۇرۇھى ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى پاي چېكى ۋە زايومىنىڭ قىممىتى 2020-يىلى 1 تىرىليون 200 مىليارد دوللار بولغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. مەزكۇر تەتقىقات شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى بۇلتۇرقى قوش يۆنىلىشلىك سودا 700 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكا خەزىنە ئاكسىيەسى (U. S. Treasury securities) دە خىتاينىڭ 850 مىليارد دوللاردىن كۆپرەك مەبلىغى بارلىقى كۆرسىتىلگەن.

 «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتى (Newsweek) نىڭ ئىگىلىشىچە، مىليونلىغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە خىزمەتچىلىرى پېنسىيە مائاشىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ» دەپ بەلگە قويغان، مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ سالالايدىكەن.

 مايك گاللاگېر ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى ئامېرىكا شىركەتلىرى بېيجىڭنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ» بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلىۋاتىدۇ دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتايدىن چېكىندۈرۈش تەكلىپىنى سۇنغان.

تاشقى سىياسەت ژۇرنىلى (Foreign Policy) نىڭ مۇئاۋىن تەھرىرى، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ ھەپتىلىك «خىتاي ئىشلىرى قىسقىچە خەۋەرلىرى» نىڭ يازغۇچىسى جەيمىس پالمېر مايك گاللاگېر ئەپەندىنىڭ تەكلىپلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ھېچبىر ئامېرىكا شىركىتى خىتاي بازىرىغا كېرىش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇلار شىركەت نامىنىڭ بۇلغىنىشى ۋە قانۇنى جەھەتتىن كېلىدىغان خەتەرلەرنىمۇ بىلىپ تۇرۇپ سودىسىنى داۋام قىلىۋېرىدۇ. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا يۈرگۈزۈلگەن، ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى چەكلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى بەك ئاز. شۇڭا ئەگەر خىتاي بازىرىدىن ۋاز كېچىش دېگەندىمۇ، ناھايىتى چەكلىك شىركەتلەرلا خىتاي بازىرىنى تاشلاپ چېقىپ كېتىدۇ. خىتاي مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتىلا ئەمەس بەلكى ئىستېمال جەھەتتىمۇ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى. ئىشلەپچىقىرىش بازىرىنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىگەن تەقدىردىمۇ، شىركەتلەرنىڭ خىتايدەك چوڭ ئىستېمال بازىرىدىن ۋاز كېچىشى قېيىن. ۋاشىنگتون ئۈچۈن قانۇن ئارقىلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتاي بازىرىدىن چېكىندۈرۈش ئىجرائىيەت جەھەتتە خىلىلا كۈچ تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە. بۇ خۇددى ئەر-ئايالنىڭ ئاجرىشىش داۋاسىغا ئوخشاش ناھايىتى مۇرەككەپ جەريان. چۈنكى بۇ ئىككىلا تەرەپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدا ئالىدىغان بىر مەسىلە. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال بازىرىغا بەك تايىنىپ قالغان. ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى ۋىيېتنام، ھىندونېزىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە يۆتكەشكە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا خىتاينىڭ مۇقىم، سىستېمىلاشقان بازىرىدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەخلاق بىلەن كارى يوق، چۈنكى بۇ بىر تىجارەت. ئۇلارنى قانۇنى جەھەتتىن ‹كارى بولىدىغان› قېلىش كېرەك. ئۇلار ھەرگىزمۇ ‹ۋىجىدان› بىلەن ئىش بېجىرمەيدۇ» .

گوردون چاڭ ۋە جەيمىس پالمېر ئوخشاشلا خىتايدىن كېلىدىغان خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.