خىتايغا تاقابىل تۇرۇش تەكىتلەنگەن 2022-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-09-24
Share
خىتايغا تاقابىل تۇرۇش تەكىتلەنگەن 2022-يىللىق «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇنى لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان رەھبىرى مايكىل مېككول(Michael McCaul) ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2021-يىلى 23-ئىيۇن، ۋاشىنگتون.
AP

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 2022-مالىيە يىلىغا ئائىت «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان. 23-سېنتەبىر كۈنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن مۇناسىۋەتلىك ماددىلار مەۋجۇت.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنياۋى تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېـتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدىكى ئىككى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماددىسى بولسا بىۋاسىتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقى رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىگە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشى بەلگىلەنگەن.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئىككى ماددىنىڭ بىرى بولغان 236-ماددىدا مۇنداق دېيىلگەن:

«ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە كونتروللۇقىدىكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشكىل قىلىدۇ، دەپ رەسمىي بەلگىلەپ چىقتى».

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن 240-ماددىدا بولسا مۇنداق دېيىلگەن:

«ئامېرىكاغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەنتەربىيەچىلەر كوممۇنىست، مۇستەبىت ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان باشقا دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە باشقا خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە قاتناشماقچى بولغاندا ئۇلارغا شۇ دۆلەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىشى كېرەك».

يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى ماددا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان رەھبىرى مايكىل مېككول تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئىككى ماددىنىڭ قانۇنغا كىرگۈزۈلۈشى ۋە تەستىقلىنىشى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ھازىر، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۆز دۆلىتىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەھشەتلىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. مەن مەجلىستىكى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاخىرى يۈز بېرىۋاتقان قەبىھ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۇ نېمە بولسا شۇ بويىچە ئاتاشنى يەنى ئۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكاغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر چەتئەللەردە بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيەسىگە ئوخشاش رەھىمسىز مۇستەبىت ھاكىمىيەت كونتروللۇقىدىكى دۆلەتلەردە دۇچ كېلىدىغان يوشۇرۇن تەھدىتلەردىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى كېرەك. بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماددا ئامېرىكا كوماندىسىنى بۇ دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، مۇتلەق نازارەت سىستېمىسى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قوغدايدۇ ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشىگە شېرىك بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى لايىھەسى» دە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى قوللىماسلىق ۋە ئۇلارنىڭ يول پۇلىنى كۆتۈرمەسلىكتەك ماددىلارمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكادىكى «كور ئانالىتىك تەتقىقات ئورنى» تەتقىقاتچىسى ئاندىرس كور بولسا يۇقىرىدىكى قانۇندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاتىلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ بىراق ئولىمپىكنىڭ دىپلوماتىك بايقۇت قىلىنىشىنى يېتەرلىك ئەمەس، دېدى. ئۇ رادىيومىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى بەلگىلەش، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇش، ئافغانىستان مەسىلىسى قاتارلىقلاردا نۇرغۇن مۇھىم قەدەملەر ئېلىنغان. ئەمما ئولىمپىك تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ 2022-يىلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بارغاندا ئۇلارغا زۇلۇمنى ۋە خۇسۇسىي مەخپىيەتلىك مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇپ قويۇش يېتەرلىك ئەمەس، بۇ قانۇن ئەسلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان دۆلەتتە مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى پۈتۈنلەي چەكلىشى كېرەك».

مەلۇم بولۇشىچە بۇ قانۇندا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئامېرىكا-تەيۋەن ھەربىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، تەيۋەننىڭ ئۇرۇش ۋە زامانىۋى مۇداپىئە قىسىملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق ماددىلار شۇنداقلا يەنە، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا خىتاي خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «تىنچ ئوكيان چېكىندۈرۈش تەشەببۇسى» غا 6 مىليارد 200 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش ماددىسىمۇ بار ئىكەن.

ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئاۋام پالاتاسىنىڭ «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» تور بىخەتەرلىكى، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە ئۇچۇر سىستېمىسى تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشنى، بىئو-تېخنىكا، يۆنىلىشلىك ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدىكەن.

-2022مالىيە يىلىغا ئائىت «دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى قانۇنى» بويىچە ئاۋام پالاتاسى يېڭى بەش يىلدا بەشبۇرجەكلىك بىنانى 778 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق خامچوت بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، بۇ بايدېن ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان خامچوتتىن 25 مىليارد دوللار كۆپەيتىلگەن.

ئاۋام پالاتاسى قوراللىق مۇلازىمەت كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى مايك روگېرس يازما باياناتىدا يېڭى يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن ۋە بۇ مۇداپىئە چىقىمىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا دۇچ كېلىدىغان ھەر قانداق توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

1300بەتلىك بۇ «دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى قانۇن لايىھەسى» ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەرەققىيات، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، كورونا ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە خەلقئارا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن خىتايغا چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تىركىشىش ۋەزىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىكەن.

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە كېڭەش پالاتاسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسنى ئاۋازغا قويىدىغان بولۇپ، ئىككى پالاتا ئورتاق كېلىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئورتاق لايىھە ئاق سارايغا پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ قول قويۇشىغا ئەۋەتىلىدىكەن ۋە رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت