ئۇۋې بېخرېنس دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قارىلاپ، خىتاينى ئاقلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021.04.15
ئۇۋې بېخرېنس دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى قارىلاپ، خىتاينى ئاقلىدى ئۇۋې بېخرېنس «دۈشمەن ئوبرازلىق خىتاي: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا بىزنىڭ بىلمەيدىغانلىرىمىز» ناملىق 244 بەتلىك كىتابىنى YouTube تا تونۇشتۇرماقتا. 2021-يىلى ئاپرېل.
Social Media

ئۇۋې بېخرېنس «خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتامدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدا د ئۇ ق نى قارىلىغان.

12-ئاپرىل شەرقىي گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «يېڭى گېرمانىيە» گېزىتى ئۇۋې بېخرېنس ئىسىملىك بىر ئاپتورنىڭ «خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتامدۇ؟» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. ماقالىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ئاقلانغان، د ئۇ ق ئەيىبلەنگەن ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇت مىللىي سىياسىتىگە چاپان يېپىلغان ئىدى.

«غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتاشقا باشلىغان ھەمدە خىتايغا قارشى تۈرلۈك شەكىللەردە جازا يۈرگۈزىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ زۇۋانى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ غەربلىك ئادەم كىمدۇر؟» دېگەن سوئالنىڭ ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ كاللىسىدا پەيدا بولىشى تەبىئىي ئىدى.

ماقالىدە ئەسەر ئاپتورىنىڭ خىتايدا 27 يىل ياشىغانلىقى، ئۇنىڭ 2019-يىلى ئاخىرىقى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا ئۇيغۇر دىيارىنىمۇ كۆزدىن كۆچۈرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئۇۋې بېخرېنسنىڭ زادى كىم بولغانلىقى ھەققىدە ئىزدەندۇق. ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىش ئىمكانىغا ئېرىشەلمىگەن بولساقمۇ، تور ئۇچۇرلىرىدىن ئۇۋې بېخرېنسنىڭ 1944-يىلى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پىراگا شەھرىدە تۇغۇلغانلىقى، ئىلگىرى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ كونتىروللىقىدىكى شەرقىي گېرمانىيەدە قاتناش ساھەسىدە خىزمەت قىلغانلىقى، 1990-يىلى ئىككى گېرمانىيە بىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتايغا بارغانلىقى ۋە ئۇ يەردە يۈك توشۇش شىركىتىدە خىزمەت قىلغانلىقى، باكلاۋېرلىقتىن ئارتۇق ئۇنۋانى يوق ئادەتتىكى بىر ئادەم بولغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئېرىشتۇق.

بۇ مەلۇماتلار ئارىسىدا دىققىتىمىزنى تارتقىنى، ئۇۋې بېخرېنسنىڭ 2021-يىلى 17-فېۋرال نەشىردىن چىققان «دۈشمەن ئوبرازلىق خىتاي: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا بىزنىڭ بىلمەيدىغانلىرىمىز» ناملىق 244 بەتلىك كىتابى بولدى. مەزكۇر كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىغا نەزەر ئاغدۇرغىنىمىزدا، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە يۈكسەك باھا بېرىلگەنلىكى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر يولۇقۇۋاتقان زۇلۇملارنىڭ بۇرمىلىنىپ تەشۋىق قىلىنغانلىقى كۆزىمىزگە چېلىقتى. دېمەك، مەزكۇر كىتاب بىلەن ئاپتورنىڭ «خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتامدۇ؟» ناملىق ماقالىسى ئەمەلىيەتتە بىر-بىرىگە زەنجىرسىمان تۇتاشقان ئوخشاش مەزمۇندىكى خىتايغا چاپان ياپىدىغان تەشۋىقات ئەسەرلىرى ئىدى.

چەت ئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇر ئانالىزچىلار، جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى سەۋەبلىك خەلقئارادىكى ئوبرازى زور دەرىجىدە خۇنۈكلەشكەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بەزى چەت ئەللىك يازارلارنى ياللىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ جىنايەتلىرىنى ۋە جاھانغا خوجا بولۇش قارا نىيىتىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. گېرمانىيەنىڭ شىتۇتگارت شەھرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇشۈكۈر ھاجىم، خىتاينىڭ «كۇڭزى ئىنىستىتۇتى» ۋە چەت ئەللىك يازارلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق بۇخىل يۇمشاق كۈچ جەھەتتىن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىش ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ھەرخىل شەكىللەردە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتامدۇ؟» ناملىق ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: «بايدېن ھۆكۈمىتى باشتا بولۇپ گوللاندىيە ۋە ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينى شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىق بىلەن ئەيىبلىدى. قىرغىنچىلىققا ئالاقىدار بولغان شەخس ۋە شىركەتلەر ئۈستىدىن جازا يۈرگۈزدى. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىغا، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرىگە ۋە تەتقىقات ئىنىستىتۇتلىرىغا جازا يۈرگۈزدى. دەل ئەكسىچە، 2019-يىلى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايدا ياخشى تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەستىقلىغان، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرى بۇ يىل مارىتتا سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، بەھرەيىن ۋە ئىراننى زىيارەت قىلغاندىمۇ ئۇلار بۇ نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى.»

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينى قوللىغانلىقى غەرب ئەللىرىنىڭ خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشىنىڭ توغرىلىقىغا نىسپەتەن شۈبھە پەيدا قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلارمۇ خىتايدىكى 55 ئاز سانلىق مىللەتكە ئوخشاشلا ھۆكۈمەتنىڭ ئاسرىشىغا، كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىۋاتماقتا ئىكەن، مائارىپ، باج، پىلانلىق تۇغۇت ساھەلىرىدە ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولماقتا ئىكەن.

ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىپ خەلىپە دۆلىتى قۇرماقچى بولغانلىقى، گەرچە خەلقئارا ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ ئۇرۇنۇشنى 1865-يىلىدىن 1877-يىلىغىچە، 1933-يىلىدىن 1934-يىلىغىچە، 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن رېئاللىقلار دەلىللەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇ خىل بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر مەنبەسى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىچكىي قىسمىدا بولسا، يەنە بىر مەنبەسى چەت ئەلدە ئىكەن. مەزكۇر ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ مىللەتنىڭ سۈرگۈندىكى تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەركىزى ميۇنخېن شەھرىگە جايلاشقان. بۇ تەشكىلات ئامېرىكادىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ياردىمىگە ئىگە، ئۇلار ئۆزلىرىنى سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت دەپ قارايدۇ ھەمدە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر ھەربىي ئىشلار تەشكىلاتىنى قوللايدۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى دەپ ئاتالغان بۇ تەشكىلات ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق تېرورلۇق ھۇجۇمىغا جاۋابكار بولغان، بىراق ئۇنى 2020-يىلى ئامېرىكا تېرورلۇق تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىدى».

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە، يېقىن يىللاردىن بۇيان فرانسىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىكى د ئۇ ق نى قارىلايدىغان ۋە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى مەدھىيەلەيدىغان يازارلارنىڭ سانى خېلىلا كۆپىيىپ قالغان بولۇپ، خىتاينىڭ چەت ئەل قەلەمكەشلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆز جىنايەتلىرى ئاقلاش ئۇرۇنۇشلىرى ئاخىرقى ھېسابتا كارغا كەلمەيدىغان بىر تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

«خىتاي ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتامدۇ؟» ناملىق ماقالىنىڭ داۋامىدا خىتايدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەلىرى تىلغا ئېلىنغان. سۈرىيە، ئافغانىستانلاردا ھەربىي ھەرىكەتلەر بىلەن تەلىم كۆرگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى كۆپتۈرۈپ بايان قىلىنغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «تەربىيەلەش كۇرسلىرى» نىڭ مەقسىتى «ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن» دەپ تەسۋىرلەنگەن. گەرچە ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر 50 مىتېردا بىردىن ساقچى پونكىتى قۇرۇلغانلىقىنى، يۈكسەك نازارەت سىستېمىسى ئورنىتىلغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، بۇنى رايوننىڭ تېنىچلىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق دەپ كۆرسەتكەن. چەت ئەللىكلەر سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتقان «جازا لاگېرلىرى» نىڭ سۈرەتلىرىگە قارىتا «بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭىدىن قۇرۇلغان سانائەت رايونلىرى قۇرۇلۇشى بولۇشى مۇمكىن» لىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماقالىدە يەنە «1 مىليون ئۇيغۇر لاگېردا» دېگەن قاراشنىڭ «يالغانلىقى»، ئۇنىڭ «كۆپتۈرمە ھەم ئاساسسىزلىقى»، BBC ۋە باشقا غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ «بىر تەرەپلىمە ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خىتاينى ئورۇنسىز ئەيىبلەۋاتقانلىقى»، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ «پاكىتنى ئاساس قىلمىغانلىقى» تەپسىلىي ئىزھار قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.