پروفېسسور لويىتنېر گېرمانىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئاقلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.11.19
loyitner-xitayni-aqlighan.jpg گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندا بېرلىن ئەركىنلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسور دوكتورى، كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى لويىتنېر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ئاقلاپ، ھەممىنى ھەيران قالدۇردى. 2020-يىلى 18-نويابىر.
RFA/Ekrem

گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق يىغىندا پروفېسسور، دوكتور لويىتنېر خىتاينى ياقلاپ، ھەممىنى ھەيران قالدۇردى.

18-نويابىر كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن مەخسۇس «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش، مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرىدىن سىرت، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىكلەر، خىتاي دېموكراتلىرى، فالۇڭۇڭچىلار، گېرمانىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان ئىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا يەنە گېرمانىيەلىك پروفېسسور، دوكتور لويىتنېرگە ئوخشاش خىتاي تەرەپدارلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان، ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش لاگېر تەتقىقاتچىلىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىمۇ سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق قاتناشقان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىندا 4 مىنۇتتىن سۆز ئېلىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ لاگېر توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقى، باشقا سۆز ئالغۇچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار توغرىسىدىكى بايانلىرى يىغىننىڭ مۇھىم تېمىسى بولغان بولسىمۇ، مەزكۇر يىغىندا دىققەتنى تارتىدىغان 2 ھادىسە يۈز بەردى. بۇنىڭ بىرى، لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەسلىكى ھەمدە ئۇنىڭغا بىر خىتاي تەرجىمان ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇر قېلىشى. ئىككىنچىسى، گېرمانىيەلىك پروفېسسور، دوكتور لويىتنېرنىڭ خىتاي يولغا قويۇۋاتقان جازا لاگېرلىرىنى خىتاي بىلەن ئوخشاش تەلەپپۇزدا ئاقلىشى بولدى.

خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى يوقىتىش بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي تىلىنى مەجبۇرلاپ تېڭىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە گېرمانىيەدەك دېموكراتىك دۆلەتنىڭ پارلامېنتىدا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەسلىكىنىڭ، يەنە كېلىپ خىتايچە سۆزلەشكە مەجبۇر قېلىشىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان سايراگۈل ساۋۇتباي تۈنۈگۈن پارلامېتتا گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىنغاندا، مانا بۇ ئېتىرازىنى سۆزىنىڭ مۇقەددىمىسى قىلغان ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىندىن ئىلگىرى سايراگۈل ساۋۇتباي ئۈچۈن تەرجىمان ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشى مۇزاكىرە قىلىنغاندا، پارلامېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي ياردەم كومىتېتىدىكى خادىملار «تەرجىمان ئىشىنى بىز ھەل قىلدۇق، ئۆزىمىزنىڭ تەرجىمانىنى ئىشلىتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەمما بۇ تەرجىماننىڭ بىر خىتاي بولغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن. بۇ سەۋەبلىك تۈنۈگۈن يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى د ئۇ د رەئىسى بىلەن پارلامېنت خادىملىرى ئارىسىدا سۈركۈلۈش يۈز بېرىپ، كۆڭۈلسىزلىك كېلىپ چىققان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 18-نويابىر ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بۇ خۇسۇستا توختىلىپ: «سايراگۈل ساۋۇتباي گېرمانىيە پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى توغرىلىق گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇ ئۆزىنىڭ بايانىنى خىتايچە ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلەشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بەختكە قارشى ئۇنىڭ تەلىپى قوبۇل كۆرۈلمىدى،» دېگەنلەرنى ئېلان قىلدى.

«خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق بۇ يىغىندا ھەممىدىنمۇ بەكرەك دىققەتنى تارتقان مەسىلە، گېرمانىيەلىك پروفېسسور، دوكتور لويىتنېرنىڭ خىتاي يولغا قويۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى پۈتۈنلەي ئاقلىشى، خىتاي بۈگۈن لاگېر توغرىلىق دۇنياغا قانداق ئۇچۇر تارقىتىۋاتقان بولسا، ئۇنىڭمۇ دەل شۇنداق تەلەپپۇزدا پىكىر بايان قىلىشى بولدى.

پروفېسسور، دوكتور لويىتنېرنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنۇلاردىن ئىبارەت بولدى: «بىرىنچىدىن، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. شىنجاڭدا تېررورلۇق بار. خىتاي دۆلىتى تېررور تەھدىتىگە يولۇقتى. 2017-يىلى ئېلان قىلىنغان يېرىم سائەتلىك بىر سىن فىلىمىدا ئىس، يەنى ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىنىڭ تەركىبىدىكى ئۇيغۇرلار مەشىق مەيدانلىرىدا ئۇيغۇر تىلىدا، ئۇيغۇرچە قىياپەتلىرى بىلەن خىتايغا قارشى جىھاد قىلىدىغانلىقىنى، ئاللاھ يولىدا خىتايلارنىڭ قېنىنى تۆكىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا 1990-يىلىدىن باشلاپ رادىكاللىق، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىلىرى يامرىغان، تېررورلۇق ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان. 300 دىن ئارتۇق تېررورىست رايوندا ھەرىكەت قىلغان. تالىبانلارنىڭ تەركىبىدە 2000 نەپەر ئۇيغۇر، ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىنىڭ تەركىبىدە 5000 نەپەر ئۇيغۇر بولغان. پەقەت تۈركىيەدىلا 25 مىڭ نەپەر ئۇيغۇر ياشايدۇ. شىنجاڭدا كۆپ قېتىم، ناھايىتى كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بەردى. بۇنىڭ بىرى، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى›. بۇ ۋەقەدە 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، 1700 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، نۇرغۇن زىيان كېلىپ چىقتى. 20013-يىلى بېيجىڭدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى.»

پروفېسسور، دوكتور لويىتنېر يەنە شۇلارنى تىلغا ئالىدۇ: «ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر 11 مىڭ تېررور گۇرۇپپىسىنى تازىلىغان، 12 مىڭدىن ئارتۇق تېررورچىنى جازالىغان. شىنجاڭدىكى رادىكاللىق، دىنىي ئەسەبىيلىك، تېررورلۇققا قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان ھۆكۈمەت ‹قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نى قۇرۇپ چىققان. ئۇچۇرلارغا قارىغاندا 1مىليون 300 مىڭ ئۇيغۇر ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› دە تەربىيىلەنگەن. بۇلار رادىكاللىقتىن خالىي قىلىش، بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى› بولۇپ، 2017-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە داۋام قىلغان. 2019-يىلى تاقالغان.»

پروفېسسور، دوكتور لويىتنېرگە بېرىلگەن سۆز قىلىش ۋاقتى 5 مىنۇت بولغان ئىدى. ئۇ غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنى يالغانغا چىقىرىشقا باشلىغاندا، بۇ قېتىمقى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇيدە يەنسېن خانىم 5 مىنۇت ۋاقىتنىڭ توشقانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى سۆزىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلغان. ئەمما لويىتنېر يەنە سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. بىراق ئۇنىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمىغان.

گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى» ناملىق بۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، گېرمانىيەلىك پروفېسسور، دوكتور لويىتنېرنىڭ بايانلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقاتى بىلەن تامامەن بىردەكلىكىنى، بەلكى بۇ دوكلاتنى خىتاي تەرەپنىڭ ئالدىن ھازىرلاپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. يىغىنغا ئالايىتەن ميۇنخېندىن بېرىپ قاتناشقان مېھرىبان خانىممۇ قاراشلىرى بايان قىلىپ ئۆتتى.

يىغىننىڭ ئاخىرى سوئال-جاۋاپلار بىلەن داۋام قىلغان. بۇ يىغىندا يېشىللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى سۆزچىسى مارگېرىتا باۋزې خانىم سۆز ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلىدى ھەمدە بۇ ھەقتە سوئاللار سورىغان. يىغىن رىياسەتچىسى گۇيدې يەنسېن خانىم يىغىن خاتىمىسىدە قىلغان سۆزىدە، ئاشكارا بولۇۋاتقان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېغىر زۇلۇملارنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىسپاتلاشقا يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.