ئېرىن گلاسماننىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى بىيۇروكراتلىق سىستېما ھەققىدىكى دوكلاتى دىققەت قوزغىدى
2024.11.04
ئامېرىكادىكى ۋىلسۇن مەركىزى يېقىندا دوكتور ئېرىن گلاسمان (Aaron Glasserman) نىڭ خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ يولغا قويغان مىللەتلەر سىياسىتىدىكى بىيۇروكراتلىق ئامىللار، كوممۇنىست خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ساھەسىدىكى بىيۇروكراتىك ئورگان-خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ خىتايدىكى ئېغىر سىياسىيلاشتۇرۇلغان مۇھىتتا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلگەن. شۇنداقلا بۇ جەرياندا مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، مىللەتلەر خىزمىتىدە بارغانسېرى رادىكال بەلگىلىمىلەر ۋە ئاسسىمىلياتسىيە تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكتور ئېرىن گلاسمان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدىكى بىيۇروكراتلىق ئامىللار: 1950-يىللاردىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ساۋاقلار» ناملىق دوكلاتىدا مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى 1950-يىللارنىڭ بېشىدا ئىلگىرى يولغا قويغان مىللەتلەر سىياسىتىنى بىكار قىلىپ، بىيۇروكراتلىق سىستېما بولغان مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ بىيۇروكراتلىق سىستېما بارا-بارا مەركەزدىن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەرگە كېڭەيدى. ئۇ ئاخىرى بېرىپ، مەركەزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغان ۋە نازارەت قىلىدىغان بىيۇروكراتلىق سىستېمىغا ئايلاندى. ھالبۇكى، بۇ بىيۇروكراتلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئويلىمىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ‹ئوڭچىللارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى› ۋە ‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ھەرىكىتى› مەزگىلىدە بۇ بىيۇروكراتلىق سىستېما، يەنى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكى ۋە ئىشقا يارايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، رادىكال ۋە ئاسسىمىلياتسىيە تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. بۇ بىيۇروكراتلىق سىستېما شۇ مەزگىللەردىن تارتىپ خىتايدىكى قويۇق سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى» .
دوكتور ئېرىن گلاسمان رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ دوكلاتنى ھازىرلاشتىكى مەقسىتى ۋە دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۇ دوكلاتنى ھازىرلاشتىكى مەقسىتىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئورگانلىرىغا، شۇ جۈملىدىن مىللىي سىياسەتلەرنى تۈزۈش، يولغا قويۇش ۋە ئۇنىڭغا نازارەت قىلىشقا مەسئۇل قىسمىغا دىققەت تارتىشتۇر. دوكلاتتا ئېنىقكى، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ئاساسىي نۇقتا قىلىندى. خىتايدا رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان 55 ئاز سانلىق مىللەت بار بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋە باشقا نۇرغۇن ئېتنىك خەلقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەممىمىز بىلگەندەك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيانقى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇش ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرى خىتاي توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ مۇھىم تېمىسى بولماقتا. بۇ تۈردىكى خەۋەر ۋە ماقالىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانداق مۇئامىلىگە قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قايسى خىل ئەركىنلىكلىرىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەرگە كۆپ دىققەت بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە، بولۇپمۇ بىيۇروكراتلىق سىستېما بولغان مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ھەققىدە چۈشەنچىمىز بەك ئاز بولدى» .
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) دوكتور ئېرىن گلاسماننىڭ بۇ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەققىدە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى:
«ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، مەن دوكتور ئېرىن گلاسماننىڭ بۇ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىگە قوشۇلىمەن. ئۇ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇشىنىڭ بەزى ھەقىقەتلىرىنى كەڭ دائىرىدىن تىلغا ئالغان. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سەۋەبلەر ئىچىدە، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇ يەنە بۇ خىل ئەھۋال ۋە سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدە بىيۇروكراتلىق تەرەپنىڭمۇ ئالاھىدە ئورۇن تۇتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. مېنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا كۆز قاراشلىرىم ئاساسەن ئوخشاش. بىز خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ پەقەت مەلۇم تەرەپلىرىگىلا ئەھمىيەت بېرىشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بۇ كەڭ دائىرىلىك بىر مەسىلە. دوكتور ئېرىن گلاسمان بۇ يەردە خىتايدىكى سىياسىي مۇھىت ئېغىرلاشقان ۋاقىتلاردا مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىدىن ئىبارەت بۇ بىيۇروكرات سىستېمىنىڭ رادىكال مىللەتلەرلەر سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. مەيلى خىتايدىكى ‹ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى› بولسۇن ياكى؟ ‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش ھەرىكىتى› بولسۇن ۋە ياكى خىتاي تارىخىدىكى باشقا ئېغىر ئىدېئولوگىيەلىك پىكىرلەر يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىلدە بولسۇن، بىيۇروكراتلار ۋە بىيۇروكراتلىق سىستېما بۇ سىياسىي مۇھىتنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان، شۇنداقلا بۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمىغان» .
دوكتور ئېرىن گلاسمان دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىدە ئاسسىمىلياتسىيەگە قاراپ بۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىسىدا مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي ۋە بىيۇروكراتلىق ئامىللارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى مىللەتلەر سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىيلىكنىڭ پەقەت خىتاينىڭ چېگرا رايونلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بۇنىڭ پۈتۈن خىتايدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىلىق سىياسىي ئەمەلدارلارنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دائىم كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.
چېخ جۇمھۇرىيىتى پالاكى ئولوموك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Steenberg) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قاراپ بۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىسىدا مەدەنىيەت، ئىقتىسادىي ۋە بىيۇروكراتلىق سىستېمىدىن باشقا يەنە، خەلقئارادىكى ئۆزگىرىش، خىتايدىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مىللەتچىلىك، جۈملىدىن شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) دوكتور ئېرىن گلاسماننىڭ يۇقىرىقى دوكلاتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
«خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش، قىيناش ۋە ئۆلتۈرۈش قاتارلىق يۇقىرى بېسىملىق زۇلۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ بىر رەزىللىكتۇر. مەن بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ پەقەتلا بۇ خىل رەزىللىكنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇش بىلەنلا توختاپ قالماسلىقىنى تەكىتلەيمەن. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى بولمايدۇ. بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىز ۋە تەتقىق قىلىشمىز تېخىمۇ زۆرۈر بولغان نەرسە دەل ھەر قانداق رەزىللىك ۋە رەزىل قىلمىشلارنى قانداق قىلىپ توختىتىش ۋە ئۇنى جازالاش يولىنى تېپىشتۇر. بىز ئەڭ ئالدى بىلەن بۇنى تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن باشقىسى بەك مۇھىم ئەمەس».