«پاسكىنا يىپەك يولى» پەيدا قىلىۋاتقان ئاپەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان دەردلەر

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2023.05.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Terminal-bldg-pokhara-airport_nepal_1024 نېپالنىڭ پوخارا خەلقئارا ئايرودرومى كۈتۈۋېلىش بىناسى
caanepal.gov.np

خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ 21 دۆلەتنى، 700 مىليون خەلقنى ۋەيران قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

24-ماي «بېرلىنلىقلار گېزىتى» دا «پاسكىنا يىپەك يولى: خىتاي دۇنيا ئەللىرىنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتىدۇ؟ » ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ئەسەردە خىتاينىڭ قەرز تۇزىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە بېقىندى بولۇپ قالغان 21 دۆلەتنى، بۇ دۆلەتلەردىكى 700 مىليون خەلقنى ۋەيران قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقى، نۆۋەتتە ئېغىر كىرىزىسقا پاتقان سىرىلانكانىڭ مىسالى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

مەزكۇر ماقالە گېرمانىيەلىك قەلەمكەش فىلىپ ماتىياس تەرىپىدىن يېزىلىپ، بۇ يىل 5-ئايدا نەشردىن چىققان «پاسكىنا يىپەك يولى: خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ دۇنيا ئەللىرى ۋە دېموكراتىيەنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا» ناملىق كىتابىدىن ئۈزۈندە شەكلىدە ئېلىنغان. فىلىپ ماتىياس بۇندىن دەل بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 2022-يىلى 5-ئايدا «بىر خەلق يوقىلىۋاتىدۇ: بىز ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قانداق قاراۋاتىمىز؟ » ناملىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، گېرمانىيەدە زور تەسىر قوزغىغان ئىدى.

«پاسكىنا يىپەك يولى: خىتاي دۇنيا ئەللىرىنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتىدۇ؟ » ناملىق ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2011-يىلىدىن باشلاپلا بەزى ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا مەبلەغ سېلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىگە بېقىندى ھالغا كەلتۈرۈشكە باشلىغانلىقى، شى جىنپىڭ تەختكە چىقىپ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى پىلانىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ خىل قەرز تۇزىقىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا زور دەرىجىدە ئەۋىج ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.

سىرىلانكا خىتاينىڭ قەرز تۇزىقىغا چۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ قالغان. خىتاي سىرىلانكىدا ماشىنا ماڭمايدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار، ئايروپىلان ئۇچمايدىغان خەلقئارالىق چوڭ ئايرودروملار، ئىقتىسادىي جەھەتتىن نەپ بەرمەيدىغان دېڭىز پورتلىرى قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، سىرىلانكىنى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە بوغۇپ قويغان. قەرزنى تۆلىگۈدەك ھالى قالمىغان بۇ دۆلەت ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن تامامەن ۋەيران بولۇپ، بىر دېڭىز پورتىنى خىتايغا 99 يىللىق ئىجارىگە بەرگەن، ھەتتاكى سىرىلانكا ھاكىمىيىتى نۆۋەتتە خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان خەتەرلىك ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغان.

ماقالىدە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىلگەن: «سىرىلانكا ۋەيران بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېگانە مىسالى ئەمەس. خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، سىرىلانكادىن لائوسقىچە، مىسىردىن پاكىستانغىچە بولغان 21 دۆلەت ۋەيران بولۇش ياكى قەرز قايتۇرالماسلىقتەك ئېغىر كىرىزىسقا يۈزلەنمەكتە. بەزىلەر 700 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ بۇ ۋەيرانچىلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇنى ‹دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر قەرز كىرىزىسى› دەپ ئاتىماقتا. يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بۇ رېئاللىقنى خىتاينىڭ بۈيۈك پىلانى بولغان ‹يېڭى يىپەك يولى› قۇرۇلۇشى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.»

خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» قۇرۇلۇشى مەزكۇر ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز دۆلەتلەرنى قەرز تۇزىقى ئارقىلىق ۋەيران قىلىپلا قالماي، ئۇ ئالدى بىلەن بۇ يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىنى، بۇ ئەلدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ۋەيران قىلغان. نورۋېگىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى پىلانى ئۇيغۇر دىيارىدا جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، مىليونلىغان ئىنساننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر دەرد-ئەلەملەرگە مۇپتىلا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

ۋەزىيەت ئانالىزچىسى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىمۇ 2014-2016-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا باشلانغان زور كۆلەمدىكى تۇتقۇنلارغا ھەمدە 2016-يىلىدىن كېيىن جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىگە شى جىنپىڭنىڭ ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ زىيانكەشلىكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن ئېغىر يارىلارنى پەيدا قىلغان.

ھىندىستاندىكى «ئوپىندىئا» (Opindia) قانىلى ئېلان قىلغان «نېپالنىڭ پوخارا خەلقئارا ئايرودرومى خىتاينىڭ يەنە بىر قەرز تۇزىقىمۇ؟ » ناملىق خەۋەرىدە بايان قىلىشىچە، ئۇگاندا ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا سالغان خىتاينىڭ قەرز مەبلىغىنى قايتۇرالمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى ئۇگاندانىڭ ئېنتېببې خەلقئارا ئايرودرومىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تۈركۈمدىكى مەبلەغلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. مونتېنېگرومۇ ئوخشاش قىسمەتكە دۇچ كەلگەن. نېپالمۇ قەرز تۇزىقى سەۋەبلىك ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان.

«فرانكفۇرت مەجمۇئەسى» گېزىتى 23-ماي ئېلان قىلغان «خىتاي قوشنىلىرىدىن قانداق ئايرىلىپ قېلىۋاتىدۇ» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان نېپال خەلقئارالىق ئايرودرومىمۇ ئايروپىلان ئۇچمايدىغان قۇرۇق ئايرودرومغا ئايلىنىپ قالغان. نېپال ھۆكۈمىتىمۇ ئاتاقتا «خەلقئارالىق» بولغان بۇ ئايرودروم سەۋەبلىك خىتايغا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە بوغۇلۇپ، ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.