خوتەندىكى ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زىيارىتى ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2023.08.08
chira-tianjin-balilar خوتەننىڭ چىرا ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى 62 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تيەنجىن شەھىرىدە مەخسۇس زىيارەتكە ئۇيۇشتۇرۇلغان. 2023-يىلى 27-ئىيۇل، تيەنجىن
chinanews

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» قۇرۇلۇشىدا ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەردە  خىتايلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشى جىددىي دىققەت قوزغىماقتا.

 «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 8-ئاينىڭ 3- كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، خوتەننىڭ چىرا ناھىيەسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى 62 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى تيەنجىن شەھىرىدە مەخسۇس زىيارەتكە ئۇيۇشتۇرۇلغان .خەۋەردە دېيىلىشىچە، تيەنجىنگە ئاپىرىلغان بالىلار تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى، مۇزېيلار، «جۇ ئېنلەي ۋە دېڭ يىڭچاۋ خاتىرە سارىيى»، «بېيپىڭ-تيەنجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى» قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان .ئۇندىن باشقا «تەڭرىتاغ تورى»نىڭ 4-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسىدىن كەلگەن 20 نەچچە ئۆسمۈر جاڭجياگاڭ شەھىرىگە زىيارەتكە ئاپىرىلغان. خىتاي خەۋەرلىرىدە تيەنجىن قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولغان بالىلارنىڭ «چوڭقۇر ھاياجان ئىچىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلغانلىقى» تەپسىلىي  تونۇشتۇرۇلغان.

ئىلگىرى  ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپتە 30 يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ، بۇ خىل ئاتالمىش «يازلىق لاگېر»، «ساياھەت» پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇلۇشىغا جىددىي دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە،10 نەچچە ياشلاردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ، «تەتىللىك زىيارەت» نامىدىكى پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۇلارنى ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئائىلە  ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ تاشلاش، شۇنداقلا خىتاي شەھەرلىرىدە  خىتاي ئائىلىلىرىدە خىتايلار بىلەن بىللە ياشاشقا كۆندۈرۈش، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا خىتاي ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى  سىڭدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.

 خىتاي خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر يەنە خوتەن دىيارىنى مەركەز قىلىپ، ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىككىنچى «ئائىلە» پەيدا قىلىش پىروگراممىسىنى بىرقانچە يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلمەكتە ئىكەن. «خىتاي خەلق تورى» نىڭ 2023- يىل 5-ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، دائىرىلەر خوتەن  تەۋەسىدىكى  باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 1000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تاللاپ، ئۇلارغا  بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدىن ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» خىتاي ئاتا-ئانىلارنى تېپىپ بېرىش قاتارلىق «ياردەم» پىروگراممىلىرىنى يولغا قويغان. بېيجىڭدىن ئەۋەتىلگەن خىتاي كادىرلىرى خوتەندىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن «مېنىڭ بېيجىڭدا ئائىلەم بار» ناملىق «قوشماق تۇغقانلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان.

قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ئەھۋال ھەققىدە توختىلىپ،ئىلگىرىكى يىللاردا، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن 10 نەچچە ياشلىق بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرىدىن ئايرىلىپ بۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى قوللاش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقى  بارلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە،2017- يىلدىن كېيىن ئەۋجىگە چىققان ئۇيغۇرلارنى «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» غا قاماش ۋە مائارىپ سېپىدىكى مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ،  مەكتەپلەردە  خىتاي مائارىپ سىستېمىسى مەجبۇرىي يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى يىللاردا، ئۇيغۇرلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق پائالىيەتكە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئەركىنلىكى قالمىغان ئىكەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە  يەنە «مائارىپقا ياردەم بېرىش» پىروگراممىسىنىڭ «شىنجاڭغا ياردەم» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم پارچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ،  ئۇنىڭ  «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغۇرۇش» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقى  ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خەلق تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خوتەندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق شەھەرلەردىن «ئائىلە» ۋە «ئاتا-ئانا» تېپىپ بېرىش پائالىيىتىگە ئۈچ يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي «ئاتا-ئانىلىرى» بىلەن بىر مەزگىل بىللە ياشايدىكەن، خىتاي ئاتا-ئانىلىرى بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرىدىكەن ۋە خىتايچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەنمەكتىكەن.

ئاۋسترالىيەدىكى «جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر تىلى مەكتىپى» نىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۇلتۇز تېيىپجان خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان  خىتايچە مائارىپ سىستېمىسى  ۋە «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى  قالپىقى ئاستىدا، ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «ئىككىنچى ئائىلە» تېپىپ بېرىش پىروگراممىسى  ئەڭ ئەقەللىي بولغان پېداگوگىكا قائىدە- پىرىنسىپلىرى ۋە بالىلار پىسخولوگىيەسىگە خىلاپ قىلمىش ئىكەن.

يۇلتۇز خانىم ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان مائارىپ سىياسىتىگە قارىتا ئۆز قارىشىنى خۇلاسىلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۆزىنىڭ سىياسىي ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەر خىل زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا خىتاي تىلى ۋە  خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى رادىكاللارچە سىڭدۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايچە مائارىپ سىستېمىسى  ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىغا  خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «ئىككىنچى ئائىلە» تېپىپ بېرىش قۇرۇلۇشى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

 ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى خىتاي  كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغان، خىتاي تىللىق ۋە  خىتاي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن، خىتايلاردىن پەرق قىلمايدىغان  ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى بەرپا قىلىش ئىكەن.

ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە ،بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى يېپىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان پەردازلىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان  ئۇيغۇر تىلى، دىنىي-ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەت خاسلىقلىرىنى بىر-بىرلەپ  يوقاتماقتا ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.